ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئۈچۈن تېخىمۇ گۈزەل يۇرت-ماكان بەرپا قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-19 10:55

ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى پاكىز گۈزەل ماكانغا ئىگە بولۇش-ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. چەتئەللىك ئەربابلار جۇڭگو يېشىل تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل يۇرت-ماكان بەرپا قىلىشىغا ياردەم بەردى، دەپ قارىدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگو ماددىي، سىياسىي، مەنىۋى، ئىجتىمائىي ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى فورماتسىيەسىنى ياراتتى. جۇڭگو «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، يېشىل تەرەققىيات يېڭى يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ ياراتتى. جۇڭگو رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ «يېشىل ھەمكارلىق»نى كۈچەيتىپ، «يېشىل تەرەققىيات»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، «يېشىل ئەسلىگە كېلىش»كە ياردەم بېرىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇش يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى، پاكىستاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مۇنىر ئەكرەم مۇنداق دېدى: جۇڭگو يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ «يېشىل ئىقتىساد ۋە ئېكولوگىيە ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۈلگىسى»گە ئايلانماقتا. جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى ۋە يېشىل ئىقتىساد ئۇقۇمىنى تەدرىجىي كىرگۈزۈپ، يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرگە نەپ يەتكۈزدى. بۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا ئىنتايىن قارشى ئالىدىغان بىر تەدبىر.

مالايشىيا فۇجيەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلەشمىسىنىڭ باش جەمئىيەت باشلىقى، كۇئالالۇمپۇر چامباشچىلىق باش جەمئىيىتىنىڭ سابىق باشلىقى لىن فۇشەن مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان جۇڭگوغا كېلىپ يىغىن، پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ ئىگىلىشىمچە، جۇڭگو مۇھىت ئاسراش، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىگە بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىۋېتىپتۇ، بۇمۇ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىدە نامايان بولدى. يېشىل، ھەمبەھرە، ئوچۇق، پاك بولۇش ئىدىيەسى ئاستىدا، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چوقۇم دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پىلان مەھكىمىسىنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى تۈرىنىڭ ئافرىقىدىكى ماسلاشتۇرغۇچىسى لېۋىس كاۋاج مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەتنى ئىناق تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدىيەسى ۋە بىر قاتار تەدبىرلىرىنى ماختاشقا ئەرزىيدۇ، بۇ يەر شارىنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.

جۇڭگو دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىد قويۇپ بېرىشنى 2030-يىلىدىن بۇرۇن چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشكە، 2060-يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ. 2020-يىلى 9-ئايدا، جۇڭگو رەھبەرلىرى 75-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە قىلغان سۆزىدە، دۇنياغا جۇڭگو ۋەدىسىنى بەردى.

كاۋاج مۇنداق دېدى: يەر شارى كىلىماتىنى تۈزەش قاتمۇ قات خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان پەيتتە، جۇڭگونىڭ بۇلغىما ئازايتىش ھەرىكىتى يەر شارىنىڭ تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم. مەن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ مۇھىت مەسىلىسىگە تىرىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، يەر شارىنىڭ ساغلاملىقىنى بىرلىكتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن.

فىجى جەنۇبى تىنچ ئوكيان داشۆسىنىڭ ئالىمى كاشمىر ماكۇن جۇڭگونىڭ 2030-يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، 2060-يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ يېشىل ئېنېرگىيە تېخنىكىسىغا زور كۈچ بىلەن مەبلەغ سېلىش، بۇلغىمىنى تىرىشىپ ئازايتىش قاتارلىق ئۇسۇللىرى جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغانلىقىنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتى، جۇڭگونىڭ كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.

پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ( فاتاخ ) مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتى ۋە جۇڭگو ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئابباس زاكى مۇنداق دېدى: جۇڭگو باشلامچىلىق بىلەن مۇھىم ۋەدە بېرىپ، يەر شارىدا كاربون قويۇپ بېرىشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، يەر شارى تارىخىدا ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشتىن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشقىچە، جۇڭگونىڭ يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

جۇڭگو يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە مۇھىم ئورۇنغا قويدى، بۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆگىنىشى ۋە ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.

بۇ يىل 10-ئايدا «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنى يۈننەننىڭ كۇنمىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس جۇڭگونىڭ كۈنمىڭ يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش ۋە دۇنيا مۇھىتىنى تۈزەش ساھەسىدىكى مۇھىم رولىغا ئاپىرىن ئوقۇپ، بۇ يىللىق كۈنمىڭ يىغىنىدا مول يۈكسەك ئىرادە بىلەن دۇنيا جانلىقلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش رامكىسى ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەممە ئادەم ھەرىكەتكە قاتنىشىپ، تەبىئەتنى قوغداپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولىدىغان كەلگۈسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشى كېرەك.

يېشىللىقنى ساقلاپ قالغاندا، كەلگۈسىنى ئۇتقىلى بولىدۇ.

بۈگۈنكى جۇڭگودا يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، يېشىل تۇرمۇش ئۇسۇلى ئادەتكە ئايلاندى. دۇنيا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ قاتناشقۇچىسى، تۆھپە قوشقۇچىسى، باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئادىل، مۇۋاپىق، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان دۇنيا مۇھىتىنى تۈزەش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرىدۇ. كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا تەڭ مېڭىپ، گۈزەل يەر شارى ماكانىنى تەڭ قوغدايدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئۈچۈن تېخىمۇ گۈزەل يۇرت-ماكان بەرپا قىلدى

جۇڭگو دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىد قويۇپ بېرىشنى