ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چەتئەللەر پۇدۇڭنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش رايونى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-21 10:37

«جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ پۇدۇڭ يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قوللاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش رايونى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكرى» يېقىندا ئېلان قىلىنىپ، پۇدۇڭ يېڭى رايونىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا يېڭى مۇھىم ۋەزىپە يۈكلەندى. خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ تەدبىردە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىگە تايىنىلغان، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، مەزمۇنى مول بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.

پۇدۇڭ يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش رايونى بەرپا قىلىشىنى قوللاش-سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتىكى ھالقىلىق بىر قەدەم، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر.

جەنۋە لېككو مەسلىھەت بېرىش مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى لۇ شيەنكۇن مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ تەدبىردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتى ۋە دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ئارقا كۆرۈنۈش، «قوش ئايلانما» يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش رامكا قىلىنغان بولۇپ، 30 نەچچە يىل ئىلگىرىكى پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نىشانى تېخىمۇ چوڭقۇر، مەزمۇنى تېخىمۇ مول، ئورنى تېخىمۇ ئېگىز.

مېكسىكا دۆلەتلىك ئاپتونومىيە داشۆسىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى ئىگناسىئو مارتىنېز مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى 40 نەچچە يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى، ھازىرقى باسقۇچتىكى تەرەققىيات نىشانى يېڭى تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى ئىزدەشكە تېخىمۇ مەركەزلەشتى، پۇدۇڭ يېڭى رايونىنىڭ يېڭى پىلانى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى نامايان قىلدى.

پىكىرنىڭ پىلانلىنىشى ئارقىسىدا، پۇدۇڭ يېڭى رايونى ئامىللارنى ئېچىۋېتىشتىن تۈزۈمنى ئېچىۋېتىشكە ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان قائىدىلەر بىلەن ئۆزئارا جىپسىلاشقان ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئورنىتىدۇ.

جەنۋە لېككو مەسلىھەت بېرىش مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى لۇ شيەنكۇن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى كونكرېت ئىسلاھاتنىڭ مەزمۇنى «پۇل مۇئامىلىنى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى يەنىمۇ تەرتىپلىك ئاشۇرۇش» ۋە «رىقابەت سىياسىتىنى كۈچەيتىش» نىڭ ئۇللۇق ئورنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مۇھىم نۇقتا نۆۋەتتىكى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى «قىيىن مەسىلە»گە مەركەزلەشتۈرۈلدى.

بىرازىلىيە ۋاگاس فوندى جەمئىيىتىنىڭ قانۇنشۇناسلىق پىروفېسسورى ئېۋاندرو كاۋالو مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ تەدبىر جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار تەدبىرلەر جۇڭگو ئىقتىسادى بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ زىچ باغلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

كېنىيەنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى كاۋىنس ئادھىل مۇنداق دەپ قارىدى: پۇدۇڭ يېڭى رايونى جۇڭگونىڭ «قوش ئايلىنىش» يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ مۇھىم باغلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، جۇڭگونىڭ غايەت زور ئىچكى بازىرى، ئومۇميۈزلۈك تەمىنات زەنجىرى تورى ۋە كۈچلۈك سودا مۇھىتىنى دۇنيادىكى باشقا جايلار بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، پۇدۇڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىشنى مۇھىم يول بىلەن تەمىنلەيدۇ.

پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك تۈزۈم تەمىناتى، يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلات تەمىناتى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەبلەغ تەمىناتى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەتكە تېخىمۇ ياخشى قاتنىشىش كېرەك. چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى بۇ تەدبىر دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ، جۇڭگو موتورىنىڭ دۇنياۋى ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ دەپ قارىدى.

يېڭى زېللاندىيە سودا شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ ۋېيشيوڭ مۇنداق دېدى: بۇ تەدبىر جۇڭگونىڭ رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونىنى بالدۇرراق قۇرۇپ چىقىشتىكى جۇڭگو لايىھەسىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. پۇدۇڭ يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئاستىدا پۇرسەتنى تولۇق قېزىپ، يېڭى زېلاندىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى، قىممەت زەنجىرى ۋە بۆلۈپ سېتىش تورىنى يەنىمۇ چوڭقۇر بىرىكتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بىرازىلىيەلىك ئىقتىسادشۇناس، ئاممىۋى سىياسەت ۋە ھۆكۈمەت ھەرىكىتى مۇتەخەسسىسى سېرگىئو روسا مۇنداق دەپ قارىدى: بىرازىلىيە يەر شارى كەسىپ زەنجىرىدە تاۋار ياسىمىچىلىقى ۋە خام ئەشيا ئىشلەپچىقىرىشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، پۇدۇڭ يېڭى رايونىنىڭ يېڭى پىلانى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. يېڭى پىلان بىرازىلىيەنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو بىلەن كەسىپ زەنجىرىنى تۇتاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە پايدىلىق.

پېرۇ دۆلەتلىك سان ماركوس داشۆسى ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى كارلوس ئاكىنو مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ زور بىر تۈركۈم يۇقىرى پەن-تېخنىكىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كەسىپلىرى توپلانغان پۇدۇڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇشى يەر شارىدىكى مۇھىم كارخانىلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدۇ، جۇڭگو داۋاملىق دۇنيا ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ماتورىغا ئايلىنىدۇ.

ھىندونېزىيە ئۈمىد نۇرى داشۆسىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى جون خېرلىياڭتو مۇنداق دېدى: تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە نەپ يەتكۈزۈپ، رايون سودىسىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. پۇدۇڭنىڭ دۇنيانى تەمىنلىيەلەيدىغىنى پەقەت بازارلا ئەمەس، يەنە تۈزۈم قۇرۇلۇشى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق «جۇڭگو تەجرىبىسى».

ئادھىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ ئەۋرىشىم، تېخىمۇ يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە جۇڭگو ئىقتىسادى جۇڭگونىڭ بەختى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دۇنيانىڭمۇ بەختى.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

چەتئەللەر پۇدۇڭنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش رايونى بەرپا قىلغانلىقىغا ئىجابىي باھا بەردى

«جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ پۇدۇڭ يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قوللاپ، سوتسىيالىستىك