ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«كىشىلىك ھوقۇققا ھۆكۈم قىلغۇچى ئەمەلدار» ئالدى بىلەن ئۆزىنى سوتلىشى كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-08-25 17:09

8-ئاينىڭ 23-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېكىتكەن «نېگىر قۇللارنى سېتىش ۋە ئۇنى بىكار قىلىش خەلقئارا خاتىرە كۈنى». مەسخىرىلىك يېرى شۇكى، «ئادەم ئەتكەسچىلىرى» ئامېرىكا يېقىندا ئاتالمىش يىللىق «نوپۇس ئەتكەسچىلىكى دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، ئۆز دۆلىتىنى «ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان بىرىنچى تۈردىكى تىزىملىك كە كىرگۈزۈپ، يەنە بىر قېتىم ئاپئاشكارە ھالدا قوش ئۆلچەم ئويۇنى ئويناپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇردى.

قۇللۇق تۈزۈم ۋە قۇللارنى ئېلىپ-سېتىش ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان ئەڭ قەبىھ قىلمىش. ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان قۇللارنى ئېلىپ سېتىش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قانلىق تارىخ. 16-ئەسىردىن 19ـ ئەسىرگىچە بولغان تەخمىنەن 400 يىل ئىچىدە، ئون نەچچە مىليون ئافرىقا قۇلى قورقۇنچلۇق «ئاتلانتىك ئوكيان مەركىزىي لىنىيەسى» ئارقىلىق ئامېرىكا قىتئەسىدىكى «يېڭى قۇرۇقلۇق»قا توشۇلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇلار ئىسىم ـ فامىلىسى، سالاھىيىتى ۋە ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، دەھشەتلىك زۇلۇم ۋە ئازابقا ئۇچرىدى.

بۈگۈنكى «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۈچلۈك دۆلەت» دەل قۇللارنىڭ بېشىغا دەسسەپ ئىپتىدائىي جۇغلانمىنى تاماملىغان. تاغدەك دۆۋىلەنگەن جەسەت سۆڭىكى، قاتمۇقات قان قەرز ئۈستىدە تۇرغان ئامېرىكىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق» توغرىسىدا سۆز ئېچىشقا قانداق سالاھىيىتى بار؟، يەنە نەدىن كەلگەن جاسارەت بىلەن باشقا دۆلەتلەرنى ئەيىبلەيدۇ؟.

نېگىر قۇللارنى سېتىش مۇستەملىكىچىلەرنىڭ جىنايىتى، بۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. لېكىن ئېچىنىشلىقى شۇكى، نەچچە يۈز يىللىق قۇل سودىسى تارىخى كىشىلىك ھوقۇققا ئېتىبارسىز قاراپ، ئىرقىي كەمسىتىشنى ئامېرىكىنىڭ گېنىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنى ئۇنىڭ يوقىتىش تەس بولغان تۈزۈم خاراكتېرلىك جاھىل كېسىلىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۈگۈنگە قەدەر، ئامېرىكىدىكى ئافرىقىلىقلارنىڭ ئەۋلادىدىن بولغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەۋلادى يەنىلا ھەممە يەردە كەمسىتىشكە ئۇچرىماقتا. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرمۇش سەۋىيەسى تېخىمۇ تۆۋەن، ئىشسىزلىق نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ئىجتىمائىي بايلىققا ئېرىشىش قىيىنلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى.

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ تارقىلىشى بۇ ئىجتىمائىي ھاڭنى يەنىمۇ كېڭەيتتى. جۇڭگودىكى نۇرغۇن ئاقىللار ئامبىرى يېقىندا ئېلان قىلغان «ئامېرىكا بىرىنچى»؟، ئامېرىكىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەقىقىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە،2021ـ يىلى 3ـ ئاينىڭ 3ـ كۈنىگىچە، ئامېرىكىدىكى 38 ئىشتات ۋە كولومبىيە ئالاھىدە رايونىدا ئاق تەنلىكلەرنىڭ ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتى ئافرىقىلىقلارنىڭ ئەۋلادىدىن بولغانلارنىڭ 2.1 ھەسسىسىگە، ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ ئەۋلادىدىن بولغانلارنىڭ 2.9 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن. ئامېرىكا ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىمۇ كۆرسىتىلىشىچە، 6-ئايدا ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغانلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %9.2 بولۇپ، ئاق تەنلىكلەرنىڭ %5.2 لىك ئىشسىزلىق نىسبىتىدىن خېلىلا يۇقىرى بولغان.

كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، نوپۇس ئەتكەسچىلىكى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ھادىسىلىرى ھازىرغىچە ئامېرىكا زېمىنىدا مەۋجۇت بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تېخىمۇ ئاسان زىيانكەشلىككە ئۇچرىماقتا. ئامېرىكىدىكى پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات «شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى پىلانى»نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2007ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2019ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئامېرىكىدىكى «مەملىكەت بويىچە نوپۇس ئەتكەسچىلىكى قىزىق لىنىيەسى» گە دوكلات قىلىنغان دېلو جەمئىي 63 مىڭ 380 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2019ـ يىلى نوپۇس ئەتكەسچىلىكى دېلوسىدىن 11 مىڭ 500 ئى دوكلات قىلىنغان، بۇنىڭغا چېتىشلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى 22 مىڭ 326 كىشىگە يەتكەن.

بۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئىچىدە، نۇرغۇن نوپۇس «جاپالىق زاۋۇتلار»غا ئەۋەتىلگەن ياكى ئائىلىنىڭ قۇل قىلىشىغا ئۇچرىغان. كالىفورنىيە داشۆسى بېركېلىي شۆبە مەكتىپىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات مەركىزى «يوشۇرۇن قۇل: ئامېرىكىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھادىسىسى» دېگەن دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، مەيلى ئامېرىكىنىڭ قايسى مەزگىلىدە بولسۇن، ھامان ئاز دېگەندە 10 مىڭ ئادەم «مەجبۇرىي ئەمگەك»كە سېلىنىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.

كىشىنى تېخىمۇ ۋەھىمىگە سالىدىغان پاكىت شۇكى، مەيلى ئادەم ئېلىپ سېتىش بولسۇن ياكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بولسۇن، تىلغا ئېلىنغان بۇ سانلارنىڭ ھەممىسى پەقەت مۇز تاغنىڭ بىر بۇرجىكى بولۇشى مۇمكىن، قۇللۇق تۈزۈمنىڭ ئەرۋاھى يەنىلا ئۆزىنى «كىشىلىك ھوقۇق ماياكى» دەپ ئاتىۋالغان بۇ دۆلەتنى كېزىپ يۈرمەكتە.

ئامېرىكىنىڭ ئىنتايىن ناچار كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئۇنىڭ «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»دىكى «كىشىلىك ھاياتتا باراۋەر بولۇش» دېگەن جۈملىنى كۈچسىز قىلىپ قويدى. ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇققا ھۆكۈم قىلغۇچى ئەمەلدار» ئالدى بىلەن ئۆزىنى سوت قىلىشى كېرەك، ئۇنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئۇنى-بۇنى دېيىش سالاھىيىتى يوق. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«كىشىلىك ھوقۇققا ھۆكۈم قىلغۇچى ئەمەلدار» ئالدى بىلەن ئۆزىنى سوتلىشى كېرەك

8-ئاينىڭ 23-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېكىتكەن «نېگىر قۇللارنى سېتىش ۋە ئۇنى بىكار قىلىش خەلقئارا خاتىرە كۈنى».