ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىچە «قوش ئۆلچەم» بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۆزىگىمۇ ۋە ئۆزگىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-09 16:39

«11-سېنتەبىر» تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى ھارپىسىدا، ئامېرىكا قوزغىغان ئافغانىستان ئۇرۇشى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. ئامېرىكا ئالدىراپ-تېنەپ ئەسكەر چېكىندۈرۈشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ تارماق ئورگىنى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئارقا-ئارقىدىن پارتلىتىش ۋەقەسى پەيدا قىلىپ، 13 ئامېرىكا ئەسكىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

20 يىل، 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق مەبلەغ سەرپ قىلىنغان، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى» نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق چوڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى؟ بۇنى پۈتۈن دۇنيا ئويلىنىۋاتىدۇ.

2001-يىلى 10-ئايدا، ئامېرىكا «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نامى بىلەن ئافغانىستانغا ئەسكەر چىقاردى. ئەينى چاغدا، خەلقئارا جەمئىيەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورتاق تەلىپىنى چىقىش قىلىپ، ئامېرىكىغا ئومۇميۈزلۈك ھېسداشلىق قىلدى ۋە مەدەت بەردى. ئامېرىكا 2011-يىلى «بازا» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بىن لادېننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن بولسىمۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولمىدى. ئۆتكەن 10 يىلدا، غەربتىكى ئاساسلىق دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن كۆپ قېتىم ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، يەر شارى مىقياسىدىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى كۈچەيدى.

20 يىلنى باشتىن كەچۈرگەن ئامېرىكىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى نېمە ئۈچۈن مەغلۇپ بولىدۇ؟ خۇددى بەزى تەھلىلچىلەر كۆرسەتكەندەك، بۇنىڭدىكى بىر ئاچقۇچلۇق سەۋەب شۇكى، ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە پۈتۈنلەي ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، باشقا دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ مەنپەئەت تەلىپىنى كۆزگە ئىلمىدى، تېررورلۇق ۋە تېررورلۇق قىلمىشىغا ھۆكۈم قىلغاندا ئوخشاش بولمىغان باھالاش ئۆلچىمىنى يولغا قويدى. بۇنداق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش «قوش ئۆلچىمى» تېررورلۇقنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە يامراپ كېتىشىگە تۈرتكە بولدى.

ئەمەلىيەتتە، ئافغانىستان، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئەسكەر چىقىرىش باشلىنىشى بىلەنلا، ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى كۆڭۈل قويۇپ «مەنپەئەت چوتى» سوقۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىلەن زومىگەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەتتا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش نىشانىنى زىچ باغلىماقچى بولدى. بۇ خىل خۇسۇسىي غەرەز ئارىلىشىپ كەتكەن ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ماھىيەتتە ئالاقىدار رايون ۋە دۆلەتلەرنىڭ توقۇنۇشى ۋە داۋالغۇشىنى كۈچەيتىپ، نەچچە مىليون بىگۇناھ ئاممىنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، نۇرغۇن مۇساپىر سەرسان-سەرگەردان بولۇپ كەتتى، ئەمما تېررورلۇق ھۇجۇمى توختىماي يۈز بەردى.

ئىلگىرى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، سۇرىيە، ئىراقتىكى جانلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن «ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى» نى ساقلاپ، ئۇلارغا ماددىي ئەشيا ۋە ھەربىي ياردەم بەرگەن. كىشىلەر ئىختىيارسىز ھالدا، ئامېرىكا زادى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇۋاتامدۇ ياكى ئۆز قولى بىلەن «جىنايەت گۈللىرى» نى سۇغۇرۇۋاتامدۇ؟ دەپ سوئال قويماي تۇرالمايدۇ. ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئىقتىسادشۇناس، كولومبىيە داشۆسى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جېفرىي ساكىس مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: غەرب بولۇپمۇ ئامېرىكا «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ شىددەت بىلەن كۈچىيىپ زورىيىشىدا غايەت زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ پەيدا بولۇشى ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر خەتەرلىك ئۇسۇلى: «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئىدېئولوگىيە ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش لاگېرىنى ئايرىپ، «ماس كەلسە ئىشلىتىش، ماس كەلمىسە ۋاز كېچىش» تەك قوش ئۆلچەم بىلەن ئامېرىكىچە زومىگەرلىكنى قوغدىماقچى بولغانلىقىدا. بۇ تېررورچىلارغا مەدەت بېرىپ، دۇنيا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىغا غايەت زور بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى ئىستراتېگىيەلىك چەكلەشنى كۈچەيتىشىگە ئەگىشىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئامېرىكىنىڭ چوڭ دۆلەتلەر بىلەن رىقابەتلىشىدىغان سىياسىي قورالىغا ئايلىنىپ قالدى.

ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى زوراۋان-تېررورچىلارنىڭ ئىلگىرى جۇڭگودا بىگۇناھ پۇقرالارنى قالايمىقان ئۆلتۈرگەن جىنايىتىنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئەكسىچە «كىشىلىك ھوقۇق»، «دىن» قاتارلىقلارنى دەستەك قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا تېررورلۇق، ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىشتىكى مۇۋاپىق تەدبىرلىرىگە زەھەرخەندىلىك بىلەن قارا چاپلىدى. ئامېرىكا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خاراكتېرىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلاپلا قالماي، يەنە ئاتالمىش ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنى چىقىرىپ جۇڭگونى جازالىدى. سىياسىي شەخسىي مەنپەئەت ئاساس قىلىنغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بۇ «قوش ئۆلچىمى» ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشەنچ ئاساسىنى ئېغىر دەرىجىدە تەۋرىتىپ قويدى، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇشىغا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ زىيىنىلا باركى قىلچىمۇ پايدىسى يوق.

تېررورىزم ئىنسانلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. ئامېرىكا «11-سېنتەبىر» تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىنى باشتىن كەچۈرگەن، ئەسلىدە تېررورلۇقنىڭ ئازابىنى بىلىشى كېرەك ئىدى، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىشنىڭ توغرا يولى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چۈشىنىشى كېرەك. نۆۋەتتە، تېررورلۇق، ئەسەبىيلىكنىڭ كەسكىن خىرىسى ئالدىدا، ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى «قوش ئۆلچەم» نى، كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋېلىپلا يۈز ئۆرۈشتەك خاتا ئۇسۇلنى چۆرۈپ تاشلىشى كېرەك، بولمىسا تېخىمۇ كۆپ يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ، ئۆزىگىمۇ ۋە ئۆزگىگىمۇ زىيان سالىدۇ!.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىچە «قوش ئۆلچەم» بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۆزىگىمۇ ۋە ئۆزگىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ

«11-سېنتەبىر» تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى ھارپىسىدا، ئامېرىكا قوزغىغان ئافغانىستان