ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ كۈچىنى قوشايلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-09 16:53

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى دۇنيا ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىنى قوغدايدىغان مۇھىم كۈچ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغدايدىغان، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدايدىغان مۇھىم كۈچ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدىغان، دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچ. جۇڭگو كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە داۋاملىق ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇپ، ئېنىقسىزلىققا تولغان دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ ئاتا قىلىدۇ.

9-ئاينىڭ 9-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ۋىدېيو ئارقىلىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 13-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى. بۇ يىل كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى، شۇنداقلا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىش مېخانىزمى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى. ئەسىر يۇقۇمى بىلەن يۈز يىللىق ئۆزگىرىش گىرەلىشىپ كەتكەن ئارقا كۆرۈنۈشتە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان كېسەك ئالتۇن روھىدا چىڭ تۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېسەك ئالتۇندىن ئىبارەت بۇ «ئالتۇن ۋىۋىسكا»نى ئورتاق چاقنىتىشى--دۇنيا ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كېسەك ئالتۇن مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش، قىزىل رەقەمنى تۈگىتىش، تىزگىنلەشنى كېسەك ئالتۇن ئەقىل- پاراسىتى بىلەن تەمىنلەش، ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كېسەك ئالتۇن كۈچىنى تەقدىم قىلىشتا ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى دۇنيا بويىچە ئىتتىپاقلىق، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم كۈچ. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، جاپا ـ مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، داۋالاش لايىھەسى، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش دورىسى، ۋاكسىنا ۋە دورا تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ دائىرىدە ھەمكارلاشتى ھەم «ۋىرۇسنى سىياسىيلاشتۇرۇش»قا بىرلىكتە تاقابىل تۇردى. جۇڭگو ماددىي ئەشيا ياردىمى بېرىش، سېتىۋېلىشقا ياردەملىشىش، ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، ۋاكسىنا ھەمكارلىقى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، بىرازىلىيەنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قەتئىي قوللىدى. جۇڭگو جەنۇبىي ئافرىقىنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن پائال تەمىنلىدى ھەمدە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر بىلەن كۆپ قېتىم يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇردى. ھىندىستاننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، جۇڭگو ھىندىستانغا زور مىقداردا نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى، ئوكسىگېن ئىشلەش ماشىنىسى، دورا ماتېرىياللىرى ۋە دورىلارنى ئېكسپورت قىلدى. جۇڭگو كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش جۇڭگو مەركىزىنى قۇرۇپ، ۋاكسىنا ھاڭىنى تۈگىتىشكە ياردەم بەردى. جۇڭگو يەنە ھىندىستان بىلەن بىرلىكتە 2021- يىللىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىكىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلدى. ئەمەلىيەت كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشىنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئويناپلا قالماي، دۇنيانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتىمۇ تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدايدىغان مۇھىم كۈچ. كۆپ تەرەپچىلىك ھازىرقى خەلقئارا سىستېمىنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى. كۆپ تەرەپچىلىك بىلەن بىر تەرەپچىلىك، ئادىللىق بىلەن زومىگەرلىكنىڭ تىركىشىشى ئالدىدا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى گۈللەنمە بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسىنىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قەتئىي قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغدىشى-- تېخىمۇ گەۋدىلىك رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىن كۈتكەن ئۈمىدىگە ئۇيغۇن. بۇ يىل 6-ئايدا، «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ تەرەپلىك سىستېمىنى كۈچەيتىش ۋە ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتى»دا كۆپ تەرەپچىلىك ۋەدىسى قايتا تەكىتلەندى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىق ئاساسىدا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش تەكىتلەندى، بۇ دەۋرنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈردى، خەلقئارا جەمئىيەت كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ تونۇپ يەتتى.

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدىغان، دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچ. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تەسكە چۈشۈۋاتىدۇ، تەرەققىيات تەڭپۇڭسىزلىقى كۈنسېرى گەۋدىلىنىۋاتىدۇ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىمۇ تېخىمۇ مۇرەككەپ تەرەققىيات مۇھىتىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ 2025-يىلىغىچە بولغان ئىقتىسادىي ھەمراھلىق ئىستراتېگىيەسى»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سودىغا مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىنى نەزەردە تۇتقاندا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يۇقۇم پەيدا قىلغان يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 12-قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامېن شەھىرىدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭى سانائەت ئىنقىلابى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە يېڭىلىق يارىتىش بازىسى قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ بازا رەسمىي قۇرۇلدى، بۇكېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەقەملەشتۈرۈش، سانائەتلەشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئەۋرىشىم تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئاياللار يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئالەم قاتنىشى ئاپپاراتلىرى يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھى سانلىق مەلۇماتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭى تەرەققىيات بانكىسى ئۈچ يېڭى ئەزا دۆلەتنى كۈتۈۋالدى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق قەدىمى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىمەكتە، ھەمكارلىق ساھەسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە، ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. تۆت يىل ئىلگىرىكى ئىشلارنى ئەسلىسەك كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى «ئالتۇن ئون يىلى»نى باشلىدى. تۆت يىلدىن بۇيان، جۇڭگو پۇختا ھەرىكىتى ئارقىلىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، ئىقتىساد ـ سودا، مالىيە، سىياسىي بىخەتەرلىك، ئادىمىيەت ئالاقىسىنىڭ «ئۈچ چاقلىق قوزغىتىش» قۇرۇلمىسىنى مۇستەھكەملەپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ يۇقۇم قايتىلىۋاتقان ئوڭۇشسىز ئەھۋالدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھىنى نامايان قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. بىز ھەممىمىز بىر كېمىدە. بوران-چاپقۇنلۇق جىددىي پەيتتە، بىز يۆنىلىشنى تېخىمۇ توغرىلاپ، رىتىمنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، دولقۇن يېرىپ ئۇزاققىچە مۇقىم ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە يۈرۈش قىلىشىمىز كېرەك. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇپ، ئېنىقسىزلىققا تولغان دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ ئاتا قىلىدۇ. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ كۈچىنى قوشايلى

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى دۇنيا ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىنى