ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كەينىدىن پىچاق تىققان ئامېرىكا ئەنگلىيە بىلەن ئاۋسترالىيەنىمۇ سېتىۋېتىشتىن يانمايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-23 17:54

فىرانسىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە چېساپىك قولتۇقى دېڭىز ئۇرۇشىنىڭ 240 يىللىقىنى تەبرىكلىمەكچى ئىدى. لېكىن بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ئۈچ دۆلەت ھىندى ئوكيان، تىنچ ئوكيان خەۋپسىزلىك ئىتتىپاقى قۇرغانلىقىنى تۇيۇقسىز جاكارلىدى ھەمدە جۇڭگوغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان يادرو چۆكمە پاراخوت تېخنىكىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ۋە ياساش كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ فىرانسىيە بىلەن ئاۋسترالىيە ئىمزالىغان غايەت زور سوممىلىق چۆكمە پاراخوت توختامىنى سۇغا چىلاشتۇردى. بۇنىڭ بىلەن فىرانسىيەنىڭ زەردىسى قايناپ، ئەسلىدە بېكىتىلگەن تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

دەرۋەقە، ئامېرىكا قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئىتتىپاقداشلىرىغا خائىنلىق قىلدى. بەزى تورداشلار بۇنى ئامېرىكا «دوستنى ئەمەس، بەلكى پۇلنى تاللىدى، تىنچلىقنى ئەمەس، ئۇرۇشنى تاللىدى» دەپ تەسۋىرلىدى. فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون: بۇ ئارقىدىن پىچاق تىققانلىق،دېدى. ئەمەلىيەتتە فىرانسىيەنىڭ يۈرىكىنىڭ قانچىلىق سىقىلىۋاتقانلىقىدىن، ئەنگلىيە بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ قانچىلىك ھوشيار بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئامېرىكىنىڭ ئەزەلدىن ئىتتىپاقداشلىرىدىن يۈز ئۆرۈپ شەخسىي مەنپەئەتنى قوغلىشىدىغان ئەنئەنىسى بار.

ئالايلۇق، بۇنىڭدىن 240 يىل ئىلگىرىكى چېساپىك قولتۇقى دېڭىز ئۇرۇشى ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئۇرۇش بولۇپ، ئەينى چاغدا فىرانسىيە ئارمىيەسى ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ دېڭىز ئۈستى تەمىنات لىنىيەسىنى ئۈزۈپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا فىرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيەسىگە تەسلىم بولغان ھەمدە بۇ ئۇرۇش ئامېرىكىغا مۇستەقىللىق ئېلىپ كەلگەن. لېكىن ھازىر ئامېرىكا قىلچە ئويلاشماستىنلا فىرانسىيەدەك بۇنداق نوپۇزلۇق ئىتتىپاقدىشىغا تىزلا ئاسىيلىق قىلدى. فىرانسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى گىللارد ئالون: ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ھەرىكىتى دۇنيانى خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى ئورمانلىق قائىدىسىدىن سەگەكلەشتۈرىدۇ.

فىرانسىيەنىڭ غەزىپى ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا ۋاپاسىزلىق قىلىدىغان قارا تارىخىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ياۋروپا سىياسىيونلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئوغرىلىقچە ئاڭلاشتىن، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالغاندىن كېيىن ياۋروپانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئەشيالىرىنى توسۇشقىچە، ئاندىن ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن كارى بولماسلىققىچە، ھەممىلا يەردە گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇۋاتقان ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنى يەتكۈچە قىينىدى. زومىگەر «ئامېرىكا ئەلاچىلىقى» تەپەككۇرىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنى سىياسىي شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلەيدىغان قورال قىلىۋالدى، بۇ ئامېرىكا بەرپا قىلغان ئىتتىپاقداشلىق سىستېمىسىنىڭ بارغانسېرى بوشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

بۇ قېتىمقى «بەش كۆزلۈك ئىتتىپاق» ئىچىدە ئامېرىكا ئەنگلىيە بىلەن ئاۋسترالىيەنى يېنىغا تارتىپ، جۇڭگوغا قارشى «تۆمۈر ئۈچ بۇرجەك» بەرپا قىلماقچى بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت ئىختىلاپى ئاز ئەمەس. ئىقتىساد سودىنى مىسالغا ئالساق، ئامېرىكا بوئېن شىركىتى بىلەن فىرانسىيە ئايروباس شىركىتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان ئايروپىلان ياساش بازىرىنى تالىشىپ كەلمەكتە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتىنىڭ كارخانىلىرىنى قوللاش ئۈچۈن، ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا دۆلەتلىرىگە 17 يىلدىن ئارتۇق جازالاش خاراكتېرلىك تاموژنا بېجىنى يولغا قويدى. بۇ يىل 6-ئايغا كەلگەندە ئىككى تەرەپ ئاندىن مەلۇم تاۋارلاردا «جازالاش خاراكتېرلىك تاموژنا بېجىنى بەش يىل كېچىكتۈرۈپ ئېلىش» نى ئورۇنلاشتۇردى. شۇ ئايدا ئامېرىكا يەنە ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە دۆلەتنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق تاۋىرىدىن %25 ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى ئېلىپ، ئۇنى ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىدىن رەقەملىك مۇلازىمەت بېجى ئېلىشقا قايتۇرۇلغان ئىنكاس دەپ جاكارلىدى. ئەنگلىيەنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت تەھلىلچىسى تام فوردى ئەپسۇسلىنىپ: ياۋروپانىڭ ھەقىقىي تەھدىتى ۋاشىنگتوندىن كېلىدۇ، دېدى.
ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدا ئوخشاشلا مەنپەئەت تالاش-تارتىشى بار. بۇلتۇر 6-ئايدا ئامېرىكا ئاۋسترالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلەشكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاۋسترالىيەنىڭ جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىدىغان زاكىسىنى تارتىۋېلىپ، ئاۋسترالىيەنى قاتتىق ئازابلىدى. ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق دىپلوماتىيە ئەمەلدارى تونى كېۋىن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتى ئاۋسترالىيەنى ئىلگىرىكى مۇقىم بازىرىدىن مەھرۇم قىلىدۇ، ئەكسىچە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ ئېكسپورت سودىگەرلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار يەنە شېرىن سۆزلەر بىلەن ئاۋسترالىيەنى قوللايدىغانلىقى ۋە ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاۋسترالىيەدىكى سۆزلىشىش تورى يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ: ئامېرىكا ئىزچىل ئاۋسترالىيەگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، ئامېرىكا بىلەن ئىقتىساد ئىتتىپاقى بولۇپ جۇڭگوغا قارشى تۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش «خاتالىق»،دەپ باھا بەردى.

ئەنگلىيە بىلەن ئاۋسترالىيە ئامېرىكىدەك بۇنداق ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان ئىتتىپاقدىشىغا قارىتا، ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى دوغا تىكىپ ئامېرىكىنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىشى ئەرزىمدۇ-يوق، دېگەن مەسىلىنى ئويلىشى كېرەك. ئامېرىكا يادرو قوراللىرىغا ئىگە دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەمراھى ئەنگلىيە بىلەن ئاۋسترالىيەدەك بۇنداق يادرو قورالى يوق دۆلەتنى ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان يادرو تېخنىكىسى بىلەن ئاشكارا يۆلىدى، بۇ ئوچۇق ئاشكارا يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىۋېتىش قىلمىشى بولۇپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىسى ۋە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ئېغىر پاسسىپ تەسىر پەيدا قىلىدۇ. خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ.

خەلقئارا جەمئىيەت ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيەنىڭ لەنەتلىك قىلمىشىنى چوقۇم ھەرىكەت قوللىنىپ توسۇشى كېرەك. ۋاقتى كەلگەندە ئامېرىكىمۇ ئەنگلىيە بىلەن ئاۋسترالىيەنى سېتىۋېتىشتىن يانمايدۇ. ئامېرىكىدەك دوستى بولسا، يەنە كىم دۈشمەنگە موھتاج بولىدۇ؟ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ سابىق رەئىسى تۇسكنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇش سۆزى سانسىزلىغان پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاندى، ئەنگلىيە بىلەن ئاۋسترالىيە ئەگەر بۇنى ئۇنتۇپ قالسا، چوقۇم ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قالىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كەينىدىن پىچاق تىققان ئامېرىكا ئەنگلىيە بىلەن ئاۋسترالىيەنىمۇ سېتىۋېتىشتىن يانمايدۇ

فىرانسىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە چېساپىك قولتۇقى دېڭىز ئۇرۇشىنىڭ 240 يىللىقىنى تەبرىكلىمەكچى ئىدى