ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارا ئاپپاراتلار نېمە ئۈچۈن جۇڭگو ئىقتىسادىغا ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-28 10:01

يېقىنقى بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن خەلقئارا كەسپىي ئاپپاراتلار جۇڭگونىڭ 2021-يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ مۆلچەر قىممىتىنى داۋاملىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ھەتتا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى

يۇقۇم، كەلكۈن قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، يېقىنقى مەزگىلدە جۇڭگونىڭ بىر قىسىم ئايلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن سەل تۆۋەنلىدى، بۇنىڭغا كۆز تىكىپ تۇرغان غەرب تاراتقۇلىرى يەنە بىر قېتىم بۇنى دەستەك قىلىپ، «جۇڭگو ئىقتىسادى باشلامچىلىق ئورنىدىن مەھرۇم قالدى» دېدى.

نۆۋەتتىكى جۇڭگو ئىقتىسادىغا زادى قانداق قاراش كېرەك؟ يېقىنقى بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن خەلقئارا كەسپىي ئاپپاراتلار كېلىشىۋالغاندەكلا تەڭ ئىنكاس قايتۇرۇپ ، جۇڭگونىڭ 2021-يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ مۆلچەر قىممىتىنى داۋاملىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ھەتتا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى.

بۇ ئىشەنچ ئاۋازىنىڭ ئارقىسىدا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچ بار.

22-سېنتەبىر، ئاسىيا بانكىسىنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى دوكلاتى «ئاسىيانىڭ 2021-يىلىدىكى تەرەققىياتىغا نەزەر» ناملىق دوكلاتتا، 2021-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.1 ئاشىدۇ دېگەن مۆلچەر داۋاملىق ساقلاپ قېلىندى. بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتىمۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرىتىنىڭ %8.5گە يېتىدىغانلىقى ھەققىدىكى مۆلچەر ساقلاپ قېلىنغان ئىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى دۇنيا بانكىسى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى قاتارلىق خەلقئارا ئاپپاراتلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئىپادە بىلدۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستىقبالى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىشتىكى «موتور» لىق رولىغا ئىشەنچ بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

دەرۋەقە، كېيىنكى يېرىم يىلدا، جۇڭگو كەلكۈن ۋە كۆپ نۇقتىدىن تارقالغان يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى كاردىنال ساننىڭ ئۆرلەش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئايلىق «نەتىجە تالونى»دا مەبلەغ سېلىش، ئىستېمال، ئېكسپورت ۋە سانائەت قاتارلىق ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئېشىش نىسبىتىدە داۋالغۇش كۆرۈلدى. لېكىن، ئاسىيا بانكىسى قاتارلىق خەلقئارا ئورگانلارنىڭ ئىلگىرىكى مۆلچەر قىممىتىنى ساقلاپ قېلىشىدا ھەقىقەتەن يېتەرلىك سەۋەب بار.
ئاسىيا بانكىسى خەلقئارا ئاپپاراتلار ئېتىراپ قىلغان سەۋەبنى كۆرسىتىپ: «جۇڭگودا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى» دېدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان جۇڭگودىكى چەتئەل مەبلىغى كۆلىمىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى رېكورت يارىتىلدى. «جۇڭگو يۇقۇمنىڭ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۈچۈن ياخشى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ياراتتى»، بۇ جۇڭگونىڭ دۆلەت ھالقىغان مەبلەغ سېلىشىنىڭ داۋاملىق كۈچىيىشىدىكى مۇھىم سەۋەب.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، نوپۇزلۇق مۆلچەردە پەقەت قىسقا مۇددەتلىك ئىقتىسادىي داۋالغۇش ئاساس قىلىنمايدۇ، خەلقئارا ئاپپاراتلار جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتە قولغا كەلتۈرگەن ئىجابىي نەتىجىلىرىنى كۆردى، ئۇلارنىڭ ئىشەنچ باغلىغىنى-جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي تەرىپى ۋە ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئىستىقبالى، ئۇلار ھەم «شەكىل»گە قاراۋاتىدۇ، ھەم «ۋەزىيەت»گە قاراۋاتىدۇ.

ئۆزگەرمەس ئىشەنچ ئاۋازى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ مۇقىم ئاساسىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىدىن كەلگەن. «شەكىل»دىن قارىغاندا، گەرچە ئايلىق سانلىق مەلۇماتتا داۋالغۇش بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، جۇڭگونىڭ ئاساسلىق ماكرولۇق كۆرسەتكۈچى يەنىلا مۇۋاپىق دائىرىدە مۇقىملاشتى: تاشقى سودا ئۇدا 15 ئاي ئاشتى، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ سوممىسى بىر قەدەر تېز ئاشتى؛ مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى پۈتۈن يىللىق ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش كۆزلىمە نىشانىدىن تۆۋەن بولدى ......

ئۆزگەرمەس ئىشەنچ بېلىتى يەنە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «ئىلگىرىلەش» ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق جۇغلىنىپ، ئېشىش زاپاس كۈچىنى نامايەن قىلغانلىقىدىن كەلگەن. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجى تېز قويۇپ بېرىلمەكتە، توردا مال سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى داۋاملىق كۈچلۈك بولدى، خەينەندىكى باجدىن خالىي دۇكانلاردا سودا ئاۋات بولدى، ئىستېمال كۆرگەزمىسى، مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى قاتارلىق خەلقئارا كۆرگەزمىلەر 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسقا ئىگە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازارنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى ......ئاسىيا بانكىسىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋاكالەت باشقارمىسىنىڭ باش ۋەكىلى فېڭ يۇلەننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئىستېمال يەنىلا بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق موتور بولىدۇ.

ئۆزگەرمەس ئىشەنچ ئاۋازى ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغانلىقىدىن كەلگەن. نۆۋەتتە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا پۈتۈن يەر شارىغا يامراپ، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى ئۈزلۈكسىز جۇغلانماقتا. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى باش تېما قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى سۇبيېكت قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىرى-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنى سىجىل ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋامىدا غايەت زور تەرەققىيات ئېلاستىكلىقى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى.

خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ دوكلاتىدىكى جۇڭگو ئىقتىسادى ھەققىدىكى ھەر بىر مۆلچەر سانلىق مەلۇماتلىرى ھەم ئىشەنچ ئاۋازى، ھەم ئۈمىد: ئۇلار ئەۋرىشىملىككە ئىگە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىدىغان جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قاراڭغۇ تۇماندىن تېخىمۇ تېز قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىغا، دۇنيا خەلقىنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىشىگە جاسارەت ۋە كۈچ ئاتا قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقئارا ئاپپاراتلار نېمە ئۈچۈن جۇڭگو ئىقتىسادىغا ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ؟

يېقىنقى بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن خەلقئارا كەسپىي ئاپپاراتلار جۇڭگونىڭ 2021-يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ مۆلچەر قىممىتىنى داۋاملىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ھەتتا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى