ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2020-يىللىق جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى يىغىنىدىكى تۆت چوڭ يارقىن نۇقتىغا نەزەر

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-13 17:01

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2020-يىللىق جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى يىغىنى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى يۈننەننىڭ كۇنمىڭدا رەسمىي ئېچىلدى. پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان بۇ يىغىندا قانداق يارقىن نۇقتىلار بار، ئۇ دۇنياغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بۇ يىغىندا مۇنداق تۆت يارقىن نۇقتا بار:

بىرىنچى يارقىن نۇقتا: بۇ قېتىمقى يىغىن نېمە ئۈچۈن بەك ئالاھىدە؟

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2020-يىللىق جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى يىغىنى ئەمەلىيەتتە ئۈچ يىغىندىن تەركىب تاپقان، يەنى «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنى، «كارتاگېنا جانلىقلار بىخەتەرلىكى كېلىشىمنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنى، «ئىرسىيەت بايلىقىغا ئېرىشىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش جەريانىدا ھاسىل بولغان مەنپەئەتتىن ئادىل، باراۋەر بەھرىمەن بولۇش ھەققىدىكى ناگويا كېلىشىمنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنىدىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم يىغىن-«جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنى.

«جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»-يەر شارىدىكى جانلىقلار بايلىقىنى قوغدايدىغان خەلقئارالىق ئەھدىنامە، نۆۋەتتە جەمئىي 196 تۈزگۈچى تەرەپ بار. تۈزگۈچى تەرەپلەر يىغىنى-«جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نىڭ ئەڭ يۇقىرى كېڭىشىش ۋە تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمى بولۇپ، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ. تۈزگۈچى تەرەپلەر يىغىنى كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىش پىرىنسىپىنى قوللىنىدۇ، قارارنىڭ ماقۇللىنىشى بارلىق تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى كېرەك. 2016-يىلىدىكى ئەھدىنامە تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 13-قېتىملىق يىغىنىدا، جۇڭگونىڭ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقى جاكارلانغان ئىدى.

كېلىشىم تۈزگۈچى تەرەپلەر يىغىنى ھەر 10 يىلدا كەلگۈسى 10 يىللىق جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش نىشانىنى بېكىتىدۇ. 2010-يىلى، 2011-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش نىشانى، يەنى «ئەيچى نىشانى» بېكىتىلدى.

ئىككىنچى يارقىن نۇقتا: «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنى قانداق ئېچىلىدۇ؟

كۈنتەرتىپتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، بىرىنچى باسقۇچلۇق يىغىندا، «2020-يىلىدىن كېيىنكى يەر شارى جانلىقلىرىنىڭ كۆپ خىللىقى رامكىسى»دىن باشقا تۈرلۈك قارالمىلارغا قاراپ چىقىلىدۇ، «2020-يىلىدىن كېيىنكى يەر شارى جانلىقلىرىنىڭ كۆپ خىللىقى رامكىسى»غا كېلەر يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىكى تور سىرتى يىغىنىدا قاراپ چىقىلىدۇ ۋە قارار قىلىنىدۇ.

«جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق يىغىنى تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىدە ئېچىلدى.

10-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىنكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرى خۇاڭ رۈنچيۇ بىلەن «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنىنىڭ رەئىسى مىسىرنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى مۇھەممەد بەدرى يىغىن مەيدانىنىڭ رەئىس سەھنىسىدە ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىنىڭ ۋاقتىنى باشلىدى.

140 نەچچە تۈزگۈچى تەرەپ ۋە 30 نەچچە خەلقئارا ئاپپارات ھەم تەشكىلاتتىن كەلگەن بەش مىڭدىن ئارتۇق ۋەكىل تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق يىغىنغا قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ بىردىنبىر نەق مەيداندا ئۆتكۈزۈلىدىغان پاراللېل پائالىيىتى بولغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك مۇنبىرى 10-ئاينىڭ 14-، 15-كۈنلىرى كۇنمىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك مۇنبىرى-ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە يەتتە باش تېما مۇنبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مېھمانلار ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتىنى تەقدىم قىلىشقا تەكلىپ قىلىندى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە مەزمۇنى مول بولغان تور ۋە تور سىرتى كۆرگەزمىسى تەييارلاندى. تور كۆرگەزمىسى جۇڭگو كۆرگەزمىسى ۋە يەرلىك كۆرگەزمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق نامايان قىلدى؛ تور سىرتى كۆرگەزمىسى- يۈننەننىڭ ئۆزگىچە كۆرگەزمىسى شۇنداقلا نەق مەيداندىكى بىردىنبىر تور سىرتى كۆرگەزمە رايونى بولۇپ، رەڭدار يۈننەننىڭ ئېكولوگىيە گۈزەللىكىنى گەۋدىلەندۈردى.

ئۈچىنچى يارقىن نۇقتا: يىغىننى يۈننەندە ئېچىشنى تاللاش قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟

«جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنى يۈننەن ئۆلكىلىك تەييارلىق خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، يۈننەن ئۆلكىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتىنىڭ نازىرى ما يۇڭفۇ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىنى يۈننەندە ئېچىشنى تاللاش-يۈننەننىڭ مول جانلىقلار بايلىقى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئۈنۈمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دېدى.

رەڭدار يۈننەن تۈرلۈك-تۈمەن جانلىقلارنىڭ ئارامبەخش ماكانى، يۈننەن جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى بىلەن دۇنياغا داڭلىق بولۇپ، «ھايۋاناتلار پادىشاھلىقى»، «ئۆسۈملۈكلەر پادىشاھلىقى»، «دۇنيا گۈللۈكى»، «جانلىقلارنىڭ گېن ئامبىرى» دەپ تەرىپلىنىدۇ.

مايۇڭفۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۈننەننىڭ كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %4.1 ىنى ئىگىلەيدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئومۇرتقىلىق ھايۋاناتلارنىڭ تۈرى ئېلىمىزدىكى مۇشۇ تۈرلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ؛ يەر شارىدا دېڭىز-ئوكيان ۋە قۇملۇقتىن باشقا ئېكولوگىيە سىستېمىسى تىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جۇڭگودىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەڭ مول ئۆلكە ۋە دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىدىكى ھالقىلىق رايونلارنىڭ بىرى.

2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، يۈننەن ئۆلكىسىدە تۈرلۈك تەبىئىتى قوغدىلىدىغان جاي 362 بولۇپ، قوغداش كۆلىمى پۈتۈن ئۆلكە كۆلىمىنىڭ %14.32 ىنى ئىگىلىدى؛ ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى بېكىتىلگەن كۆلەم 118 مىڭ 400 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن ئۆلكە كۆلىمىنىڭ %30.90 ىنى ئىگىلەيدۇ؛ كۈنمىڭ شەھىرىگە جايلاشقان جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇب ياۋايى جانلىقلار ئۇرۇق پىلازما بايلىقى ئامبىرىدا، 17 مىڭ 468 تۈردىكى 258 مىڭ جانلىقلار ئۇرۇق پىلازما بايلىقى ساقلانغان بولۇپ، يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم ئەسلىھەلەرنىڭ بىرى.

تۆتىنچى يارقىن نۇقتا: يىغىندا قانداق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلىدۇ؟

يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا «كۈنمىڭ خىتابنامىسى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىگە يۈزلىنىپ، يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى تەڭ قۇرۇش» ئېلان قىلىنىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت قوللىنىپ، يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى تەڭ قۇرۇش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ يوقىلىشىنى توسۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى مۇراجىئەت قىلىنىدۇ.

«يەر شارى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى تەڭ بەرپا قىلىپ، يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش» تەشەببۇسى ئېلان قىلىنىدۇ.

10-ئاينىڭ 14-، 15-كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى مۇنبىرىدە، «يەر شارى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى تەڭ بەرپا قىلىپ، يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش» تەشەببۇسى ئېلان قىلىنىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، باش تېما مۇنبىرىدە، بىر قاتار نەتىجىلەر ئېلان قىلىنىدۇ، مەسىلەن، باش تېما مۇنبىرىنىڭ بىرىنچىسىدە، «كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانى ئاستىدا، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش بىرلەشمە ھەرىكەت خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنىدۇ؛ باش تېما مۇنبىرىنىڭ تۆتىنچىسىدە، جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيەنى ئوڭشاشتىكى تىپىك مىساللار توپلىمى قاتارلىقلار ئېلان قىلىنىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2020-يىللىق جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى يىغىنىدىكى تۆت چوڭ يارقىن نۇقتىغا نەزەر

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2020-يىللىق جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى يىغىنى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى يۈننەننىڭ كۇنمىڭدا رەسمىي ئېچىلدى.