ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گۇتېررېس ۋە كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىشنى مۇراجىئەت

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-14 17:21

 

«جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى كۈنمىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس ۋە كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى ۋىدىيولۇق سۆزىدە جۇڭگونىڭ كۈنمىڭ يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ۋە ئالاقىدار قارالمىلارنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ھەرىكەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

گۇتېررېس ۋىدىيولۇق سۆزىدە مۇنداق دېدى :ئىنسانلارنىڭ ئىككى ئەسىر داۋاملاشقان تەبىئەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتى جانلىقلار چەمبىرىگە ئاپەت پەيدا قىلدى، «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنى ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەتنىڭ «ئۇرۇش توختىتىش» پۇرسىتىدۇر.

گۇتېررېس جۇڭگو كۈنمىڭ يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۆتكۈزۈپ «2020-يىلىدىن كېيىنكى يەر شارى جانلىقلار كۆپ خىللىقى رامكىسى»غا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى .ئۇ مۇنداق دېدى :بۇ رامكا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەققىدىكى «پارىژ كېلىشىمى»ھەمدە ئورماننى ئاسراش، چۆللىشىپ كېتىشنى تىزگىنلەش ۋە دېڭىز ئوكياننى قوغداش جەھەتتىكى باشقا كۆپ تەرەپلىك كېلىشىملەر بىلەن بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت مۇناسىۋىتىنىڭ قايتىدىن نورمال يولغا قايتىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك .بۇ قېتىمقى يىغىن پات ئارىدا ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشىنىڭ-26 قېتىملىق يىغىنى بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت ئارىسىدىكى «مەڭگۈلۈك تىنچلىق كېلىشىمى»گە ئاساس سالىدۇ.

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ۋىدىيو سۆزىدە جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىت ئىشلىرى بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، شۇنداقلا جۇڭگو ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» كاتىبات باشقارمىسىنىڭ «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى: «يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش»باش تېما قىلىنغان كۈنمىڭ يىغىنىنى تەشكىللىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.

پۇتىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش-بارلىق دۆلەت، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈپ بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى تەس. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەۋزەل ئىشلىرى ۋە كونكرېت ئەھۋالىنى ئويلىشىپ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن «2020-يىلىدىن كېيىنكى يەر شارى جانلىقلار كۆپ خىللىقى رامكىسى»تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ تەلىپىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، بۇ ئىنتايىن مۇھىم.

مەن رامكىنى كونكرېت ئوي-پىكىر ۋە تەكلىپلەرگە كىرگۈزۈشنىڭ يەر شارى مۇھىتىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مىسىر «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنىنى ئۆتكۈزگەن. مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى :مىسىر 2018-يىلى بىر تۈرلۈك تەشەببۇس چىقىرىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئۇنىڭ سەلبىي تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ھەمدە تۇپراقنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشى ۋە يەرنىڭ چۆللىشىپ كېتىشىنى توسۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.

تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى :بۇ نۆۋەتلىك يىغىن «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى :يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، ناھايىتى مۇۋاپىق .كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە مۇھىت مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشتا، بارلىق دۆلەتلەر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، بۇنىڭغا قاتنىشىشى كېرەك.

فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون سۆزىدە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قارالمىسىنى شەخسەن ئۆزى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، كېلەر يىلى يىغىننىڭ 2-باسقۇچلۇق يىغىنىغا تور سىرتىدا قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئەھدىنامە تۈزگۈچى تەرەپلەرنى تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىننى ئېچىشقا مەجبۇر قىلدى، شۇنداقلا بىزگە ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى، كوللېكتىپ بىخەتەرلىكىنىڭ ياخشى تەبىئىي مۇھىت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى.
كوستارىكا زۇڭتۇڭى ئالۋارادو مۇنداق دېدى :دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئېكولوگىيە سىستېمىسى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، خەلقئارا جەمئىيەت ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك ھەرىكەت قوللىنىپ، قوغداش رايونىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىدىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ يوقىلىشىغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروۋ مۇنداق دېدى: جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش مەسىلىسىدە قىرغىزىستان خەلقئارا ھەمكارلىققا ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسىدە بولدى ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق كۆرۈپ قويدى .پەقەت تەڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىلا، ئاندىن جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغدىغىلى ھەمدە ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە تۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ زۇڭلىسى ماراپې مۇنداق دېدى :پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، تەرەققىيات مەبلىغىگە موھتاج، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ.

ئەنگلىيە شاھزادىسى چارلىز مۇنداق دېدى :ئىنسانىيەت ساغلاملىقى، ئىقتىساد ساغلاملىقى ۋە يەر شارى ساغلاملىقى ئۆزئارا باغلىنىشلىق «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنى ۋە ئەنگلىيەنىڭ گلاسگوۋدا ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشىنىڭ 26-قېتىملىق يىغىنى-خەلقئارا جەمئىيەت تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل يۆنىلىشكە قاراپ تېز تەرەققىي قىلىشتا قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغان پۇرسەت.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گۇتېررېس ۋە كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىشنى مۇراجىئەت قىلدى