ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بىز ئامېرىكىدىكى سىياسەتۋازلارنى «ماياك»نىڭ قانداق قىلىپ «قارا ئۆڭكۈر»گە ئۆزگىرىپ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-14 17:39

شۇ يەر ۋاقتى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە ۋاشىنگتون دۆلەتلىك چوڭ چېركاۋىدىكى سائەت قوڭغۇرىقى جەمئىي 700 قېتىم چېلىندى، ھەر بىر قېتىملىق ئاۋاز مىڭ ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلدى. كىشىلەر قوڭغۇراق ئاۋازى ئارقىلىق، ئامېرىكىدا بۇ قېتىم يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا قازا قىلغان 700 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمگە تەزىيە بىلدۈردى. شۇ كۈنى، ۋاشىنگتون خاتىرە ئابىدىسى ئاستىدا، يەنە 700 مىڭغا يېقىن كىچىك ئاق بايراق ئامېرىكا دۆلەت مەيدانىغا قادالدى، توققۇز گېكتار يېشىللىقنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاق رەڭ بىلەن قاپلاندى. مەيداندىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، ئامېرىكا پارلامېنت بىناسى ۋە ئاق ساراي بار. بۇ چاغدا، پارقىراپ تۇرغان بۇ ئىككى ئىمارەتتە تۇرۇۋاتقان ئامېرىكىلىق سىياسەتۋازلارنىڭ قەلبىدە ئازراق ۋىجدان بار بولسا، چوقۇم خىجىللىق ھېس قىلىش كېرەك ئىدى، چۈنكى ئامېرىكىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنىڭ سەۋەبى-ئۇلارنىڭ يۇقۇم ھەققىدە سىياسىي ئويۇن ئوينىغانلىقىدا.

ئامېرىكا ئۆزىنى «دېموكراتىيەنىڭ ئۈلگىسى» دەپ قاراپ كەلدى. ھالبۇكى، بىر قېتىملىق يۇقۇم ناھايىتى تېزلا «ئامېرىكىچە دېموكراتىيە»نىڭ ئەسلى قىياپىتىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئامېرىكا جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادەت خاراكتېرلىك ئىللەتلەرنى پۈتۈنلەي ئاشكارىلىدى.

سىياسىي قۇتۇپلىشىش پەيدا قىلغان تۆۋەن ئۈنۈم ۋە ئىچكى خوراش-ئىللەتنىڭ بىرىنچىسى. يۇقۇم پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئامېرىكىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان سىياسەتۋازلار «سايلامنى يۇقۇمدىن ئۈستۈن قويغان» سىياسىي كۈچ سىنىشىش جەريانىدا، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ نۇرغۇن ئاگاھلاندۇرۇشىغا سەل قارىدى، ھەتتا ساختا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ ئاممىنى ئازدۇرۇپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش خېيىم-خەتىرى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى «ئىنتايىن تۆۋەن»، يۇقۇم ناھايىتى تېزلا «مۆجىزىلەرچە يوقاپ كېتىدۇ»، نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە «ئىقتىسادنى قايتىدىن ئېچىۋېتىش» دەپ بىلجىرلىدى. يۇقۇم بارغانسېرى كەسكىنلەشكەندە، ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيە يەنىلا «سەن قۇۋۋەتلىگەنگە مەن قارشى تۇرىمەن» دېگەن ئورا كولاش ئويۇنىغا بېرىلىپ كېتىپ، ھەر قايسى پارتىيە-گۇرۇھلار ئوتتۇرىغا قويغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىگە تۈرلۈك يوللار بىلەن قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ، ئاخىرىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ ئاستا بولۇشىغا سەۋەبچى بولدى، دۆلەتنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش قانۇن لايىھەسى قالايمىقان شەرت قويۇۋېلىش سەۋەبىدىن ئۇزاق مۇددەت قىيىن ئەھۋالدا قالدى. ھازىرغىچە، ئىككى پارتىيە ۋە سىياسەتۋازلار يەنىلا ماسكا تاقاش-تاقىماسلىق، ۋاكسىنا ئۇرغۇزۇش-ئۇرغۇزماسلىق قاتارلىق ئەڭ ئاساسلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسى ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلماقتا. روشەنكى، ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيە پەقەت پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەنپەئەتىنىلا ئويلاپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ئەزەلدىن نەزەرگە ئېلىپ باقمىغان. خۇددى ئەنگلىيە كامبىرىج داشۆسىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مارتېن ژاك ئېيتقاندەك، ئامېرىكىدا ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش ئېغىر، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بىلەن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ گېپى بىر يەردىن چىقمايدىغان بولۇپ قالدى، بۇنىڭ بىلەن، ھۆكۈمەت بارغانسېرى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتات تۈزۈلمىسىنىڭ يۈرۈشۈشى كارغا كەلمەسلىك- ئىللەتنىڭ ئىككىنچىسى. يۇقۇم تارقالغاندىن بۇيان، ئوخشىمىغان پارتىيە-گۇرۇھلار كونترول قىلىۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتى، ئىشتاتلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلىشىگە سەۋەبچى بولۇپ، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلدى. 2020-يىلى 4-ئايدىلا، ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى ئىشتاتلىرىدا داۋالاش ئەشيالىرىنى تالىشىپ سېتىۋېلىش جېڭى باشلانغان، قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتى يەنە ھەر قايسى ئىشتاتلارنىڭ قىممىتى نەچچە يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان داۋالاش ئەشيالىرىنى «تۇتۇپ قېلىپ ئىشلەتكەن». «لوس ئانژېلېس ۋاقىت گېزىتى»دە مۇنداق دېيىلدى: كىشىلەر قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتىنىڭ «تەقسىملىگۈچى»لىك رولىنى ياخشى ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن بەزى ئىشتاتلار دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك زاپىسىدىن يېتەرلىك ئەشياغا ئېرىشەلمىدى. كونسېرۋاتىپ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكىلەرنىڭ چوڭ لاگېرىنىڭ بىرى بولغان فىلورىدا ئىشتاتىدا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ئىشتات باشلىقى دېساندىس ئامېرىكا مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئورگىنىنىڭ قايتا-قايتا مۇراجىئەت قىلىشىغا پەرۋا قىلماي، 8-ئايدا ئىشتات ئىچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپتا ماسكا تاقاشقا مەجبۇرلاش تەدبىرىنى يولغا قويۇشىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا، فىلورىدا ئىشتاتى يەنىلا ئامېرىكا مائارىپ مىنىستىرلىكىگە قوشما ئىشتات قۇتقۇزۇش مەبلىغى بېرىلىدىغان مەكتەپلەردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىلانىنى تاپشۇرمىغان بىردىنبىر ئىشتات. فىلورىدا ئىشتاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن ئىشتاتلار ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتى جەھەتتە ئۇزۇن مۇددەت پۈتۈن ئامېرىكىدا كەينىدە تۇرۇپ كەلدى.

«ئامېرىكىچە دېموكراتىيە»نىڭ چىرىكلىشىپ بۇزۇلۇشى-ئىللەتنىڭ ئۈچىنچىسى. «ئەركىنلىك، باراۋەرلىك» تونىغا ئورىنىۋالغان «ئامېرىكىچە دېموكراتىيە» بايلار ۋە مەنپەئەت گۇرۇھىنىڭ پايدا ئېلىش قورالىغا ئايلاندى. يۇقۇمنىڭ دەسلىپىدە، ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتىنىڭ رەئىسى رىچارد بۇل قاتارلىق نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى يۇقۇمدىن پايدىلىنىپ ھايانكەشلىك قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئاممىدىن يۇقۇمنىڭ خەۋپىنى يوشۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن يۇقۇم پاي چېكىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى پەيدا قىلىشتىن بۇرۇن پاي چېكىنى تۆكمە قىلىپ سېتىپ، زور مالىيە ئاپىتى پەيدا قىلدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، يۇقۇم مەزگىلىدە، ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي %1 نوپۇس كونترول قىلغان مۈلۈك تۆۋەن قاتلامدىكى %50 ئامېرىكىلىقنىڭ مۈلۈكىنىڭ 16 ھەسسىسىگە يەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا نوپۇس تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئافرىقىلىقلارنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ نامراتلىق نىسبىتى 2019-يىلىدىكى %18.8 تىن 2020-يىلىدىكى %19.5 كە ئۆرلەپ، تەكشۈرۈلگەن ھەر قايسى مىللەت ئەۋلادىدىن بولغان كىشىلەر ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئالاقىدار قۇتقۇزۇش تۈرلىرىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەۋلادىدىن بولغانلار، ئاجىز توپلار دۇچ كېلىدىغان ياشاش بېسىمى داۋاملىق ئاشىدۇ.

دۇنيا بويىچە داۋالاش بايلىقى ئەڭ مول، پەن-تېخنىكىسى ئەڭ تەرەققىي قىلغان، نوپۇسنىڭ ئېھتىياجىدىن بەكلا يۇقىرى بولغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى بېسىپ قويغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكا ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنى تېزدىن تىزگىنلىشى ھەم يەر شارىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا تۆھپە قوشۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن، رېئاللىق شۇكى، ئامېرىكىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغان بىمارنىڭ سانى داۋاملىق كۆپىيىپ 44 مىليون 150 مىڭغا يەتتى، 2021-يىلى كىرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە قازا قىلغان بىمار 2020-يىلىدىكى ئومۇمىي ساندىن ئېشىپ كەتتى. ئۆزىنى «ماياك» دەپ ماختايدىغان ئامېرىكا بۈگۈنكى كۈندە يۇقۇمنىڭ ئەڭ چوڭ «قارا ئۆڭكۈرى»گە ئايلاندى، سانسىزلىغان نامراتلار، ياشانغانلار، رەڭلىك ئىرقلار قاتارلىق ئامېرىكا خەلقى بۇ يەردە ئىلاجىسىز سىياسەتۋازلارنىڭ سىياسىي ئويۇنى ئۈچۈن ھاياتلىق بەدىلى تۆلىمەكتە.

يۇقۇم ئامېرىكا سىياسىيسىدىكى قاتمۇ-قات ساقايماس كېسەللەرنى ئاشكارىلىغان چاغدا، ئاتالمىش «يۈكسەكلىكتىكى شەھەر»، «تەڭرىنىڭ سايلىغۇچىلىرى» مەسخىرە ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالدى. بىز ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرىغا دېرىزە سىرتىدا نالە قىلىۋاتقان ماتەم سىگنالىغا كۆپرەك قۇلاق سېلىپ، ئىشىك ئالدىنى قاپلىغان ئاق بايراقلارنى كۆپرەك كۆرۈپ، سىياسىي ئويۇننىڭ ئامېرىكا خەلقىگە زادى قانداق پاجىئەلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئويلاپ بېقىش ھەققىدە نەسىھەت قىلىمىز.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بىز ئامېرىكىدىكى سىياسەتۋازلارنى «ماياك»نىڭ قانداق قىلىپ «قارا ئۆڭكۈر»گە ئۆزگىرىپ قالغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشقا نەسىھەت قىلىمىز

شۇ يەر ۋاقتى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە ۋاشىنگتون دۆلەتلىك چوڭ چېركاۋىدىكى سائەت قوڭغۇرىقى جەمئىي 700 قېتىم چېلىندى،