ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رەقەملىك تېخنىكا دۇنيانىڭ نامراتلىقنى ئازايتىشىغا ياردەم بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-23 18:24

 قىسقىغىنا نەچچە ئون يىلدا، رەقەملىك تېخنىكا پۈتۈن دۇنيادا ئومۇملاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇچۇر توپلاش، ساقلاش، تەھلىل قىلىش ۋە يوللاش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى سانلىق مەلۇماتنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى

قىسقىغىنا نەچچە ئون يىلدا، رەقەملىك تېخنىكا پۈتۈن دۇنيادا ئومۇملاشتى، نۇرغۇن دۆلەتلەر رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەلەرنى تېز ئورۇنلاشتۇرماقتا. نۆۋەتتە، كۆچمە كەڭ بەلباغلىق تور پۈتۈن دۇنيادىكى %90 نوپۇسنى قاپلىدى، نۇرغۇن دۆلەتلەر 5G تورىنى كېڭەيتىش پىلانىنى يولغا قويدى، 9-ئايغىچە، جۇڭگو 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 993 مىڭنى قۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇچۇر توپلاش، ساقلاش، تەھلىل قىلىش ۋە يوللاش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى سانلىق مەلۇماتنىڭ ئىشلىتىلىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەزگىلىدە، رەقەملىك تېخنىكا ئائىلىدە ئىشلەش، يۇقۇمنى ئىز قوغلاش ۋە دىياگنوز قويۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ قوللىنىلىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئازايتىشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، رەقەملىك تېخنىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىمۇ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە.

1-: رەقەملىك تېخنىكا كىشىلەرنى مىسلى كۆرۈلمىگەن مول بىلىملەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ماھارىتىنى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى. رەقەملىك تېخنىكا يەنە خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر بىلەن خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئورنىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىپ، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ، تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە توشۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى،«خېرىدارلار ئىشلەپچىقىرىش مەزمۇنى» مەزمۇن ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى كۆرۈرمەنلەر بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى ھەمدە نەقلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. 2017-يىلىغىچە، ئېلېكتىرونلۇق سودا جۇڭگونىڭ يېزا رايونلىرىغا 28 مىليوندىن ئارتۇق ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىپ، كىشىلەرنىڭ كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.
كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ پايدىسىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن، يەنە ئەشيا ئوبوروتى، كەسىپكە ماھىر ئىشچىلار ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرى قاتارلىق ئالاقىدار يانداش ئەسلىھەلەرنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

2-: كارخانا قاتلىمىدا، رەقەملىك تېخنىكا ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، خۇسۇسىي تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىنتېرنېت ئىزدەش، كۆپەيتىش، توشۇش، ئىز قوغلاش ۋە دەلىللەش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، بازارنى كېڭەيتكەن ھەمدە ئىجازەت شەرتىنى تۆۋەنلەتكەن. پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردە، رەقەملىك تېخنىكا چىقىم قىلىش ۋە قەرز پۇل تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

قاتتىق دېتال جەھەتتە، بۇلۇت ھېسابلاش كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىپ، «ئۇل ئەسلىھە يەنى مۇلازىمەت» ئەندىزىسىنى يېڭى يۈزلىنىشكە ئايلاندۇردى. سودىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، باج ئىشلىرىنى مەلۇم قىلىش قاتارلىق جامائەت مۇلازىمىتىمۇ ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت ئارقىلىق سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ. بەزى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى تەسىس قىلغان بىر قېتىمدىلا بېجىرىش ئاممىۋى مۇلازىمەت تور بېكەتلىرى ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئۈلگىسى.

3-: رەقەملىك تېخنىكا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىدا قوللىنىلدى. رەقەملەشكەن كىملىك پېرۇ ئىجتىمائىي قوغداش پىلانىغا ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىپ،ئاممىۋى بايلىقىنىڭ ياردەمگە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ قولىغا تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى؛ تايلاند بىلەن فىلىپپىن يان تېلېفون سانلىق مەلۇماتى ۋە يەر شارىنى كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتى ئارقىلىق نامراتلىق سەۋىيەسىنى تېخىمۇ توغرا، كۆپ قېتىم مۆلچەرلەپ، ئارقىدىنلا مۇناسىپ ئارىلىشىش تەدبىرى ۋە نىشانىنى بېكىتتى؛ جۇڭگودا گۇيجۇ ئۆلكىسى نۇرغۇن ھۆكۈمەت تارماقلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان بۈيۈك مەلۇمات سۇپىسىنى ئېچىپ، نامرات ئائىلىلەرنى داۋالاش، مائارىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئالاقىدار ئەمەلىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى.

بىراق رەقەملىك مۇلازىمەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشى يېڭى خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى. مەسىلەن، مونوپول قىلىش ۋە باشقا شەكىلدىكى بازارنى قالايمىقان ئىشلىتىش، ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى يېڭى كەمسىتىش، زىيادە سانلىق مەلۇمات ئېلىش ۋە شەخسىي سىرنى ئاشكارىلاش ھەمدە تور ھۇجۇمى خەۋپ ـ خەتىرى قاتارلىقلار.

دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان «2021ـ يىللىق دۇنيا تەرەققىيات دوكلاتى: سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش بەرپا قىلىش» دېگەن دوكلاتىدا سانلىق مەلۇماتلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رامكىسى ئورنىتىش تەشەببۇس قىلىندى.
نۆۋەتتە، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ھەرىكەت قوللىنىشقا باشلىدى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىقلار كونكرېت قانۇن چىقىرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭدىن باشقا، سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداشمۇ نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش. نۇرغۇن دۆلەتلەر سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداش رامكىسى تۈزۈپ، كونكرېت ھوقۇق دائىرىسىنى بەلگىلەش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىنى چەكلەش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئاممىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىنىشى، توپلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشىنى كونترول قىلىشىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ.
رەقەملىك تىپ ئۆزگەرتىش دۇنيانىڭ نامراتلىقنى ئازايتىش ئىشلىرىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتى بۇ پاكىتنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى.

ھالبۇكى، شەخس، ئائىلە، كارخانىدىن تارتىپ رايونغىچە، يەر شارىدا يەنىلا غايەت زور رەقەملىك ھاڭ مەۋجۇت. رەقەملىك ھاڭنى كىچىكلىتىشتە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەمىنات تەرەپلىك ئۆستۈرۈش ئاساسىدا، ئېھتىياج تەرەپلىك سىياسەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئابۇنىتلارنىڭ ئېھتىياجى ۋە تەسىراتىنى ياخشىلاپ، ھەربىر كىشىنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشكە ئۈنۈملۈك قاتنىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

رەقەملىك تېخنىكا دۇنيانىڭ نامراتلىقنى ئازايتىشىغا ياردەم بەردى

قىسقىغىنا نەچچە ئون يىلدا، رەقەملىك تېخنىكا پۈتۈن دۇنيادا ئومۇملاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇچۇر توپلاش، ساقلاش،