ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغۇچىلار چوقۇم ئۆزلىرى قالايمىقان بولىدۇ» ماۋزۇلۇق ئوبزور

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-25 10:55

ئامېرىكا سىياسىي ئاخبارات تور بېكىتى يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا ئەمەلدار ئەۋەتمەسلىك»نى مۇراجىئەت قىلدى، نەتىجىدە بۇنىڭغا پەقەت ئاندا-ساندا ئاۋاز قوشۇلدى، لېكىن يەر شارىدا ئامېرىكىنىڭ مۇراجىئىتىگە قارشى سادالار كۆتۈرۈلۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا ئەمەلدار ئەۋەتمەسلىك» ھەرىكىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

بۇ كۆز قاراشنى ناھايىتى ئېنىق، ئوچۇق-ئاشكارا دېيىشكە بولىدۇ! ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا ئەمەلدار ئەۋەتمەسلىك» ھەققىدە داۋراڭ سېلىپ ۋەزىيەتكە قارشى ھەرىكەت قىلىشى-دەسلەپتىلا ئۇنىڭ جەزمەن مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلىگەن، ئامېرىكا ئەڭ ئاخىرىدا ھېچكىم پىسەنت قىلمايدىغان ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.

«بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا ئەمەلدار ئەۋەتمەسلىك»تىن ئىبارەت بۇ سىياسىي سۇيىقەستكە ھەتتا ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلىرىمۇ چىداپ تۇرالماي، بەس-بەستە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى. ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى جونسوننىڭ باياناتچىسى «باش ۋەزىر تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىگە قارشى تۇرۇشنى قوللىمايدۇ» دەپ ئىپادە بىلدۈردى، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بۇنى «ئىنتايىن ئەرزىمەس ئىش ھەم پەقەت ئازغىنە سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.
بۇندىن باشقا، چېخ زۇڭتۇڭى زېمان بۇنى «ئولىمپىك روھىنى قالايمىقان قوللىنىش» دەپ ئاتىدى. ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتلەر ئاساسەن ئامېرىكىنىڭ داۋراڭلىرىغا پىسەنت قىلمىدى. بۇ دەل جۇڭگونىڭ «يوللۇقلار غەلىبە قازىنىدۇ، يولسىزلار يېتىم قالىدۇ» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزىگە ئۇيغۇن كەلدى.

يەر شارىدىكى قىشلىق ئولىمپىك ئەزىمەتلىرى بەزى غەرب سىياسەتۋازلىرىغا دىمىغىدا كۈلۈپ قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۇنياغا ئۆزلىرىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بولغان ئىنتىزارلىقىنى بىلدۈردى. 1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە، بېيجىڭ پايتەخت ئايرودۇرۇمىدىن كىرگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ ئومۇمىي سانى 2586 گە يەتتى، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ۋە تەنھەرىكەتچىلەر بەس-بەستە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بولغان ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى.

ھەر تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلار، دوستلار بۇ كاتتا مەرىكە ئۈچۈن جەم بولماقتا، ساھىبخان بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو خەلقىمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇنىڭغا ئاتلاندى: باشلىنىش مۇراسىمى تولۇق ئامىللىق، تولۇق جەريانلىق رېپېتىتس قىلىندى، تاراتقۇ مەركىزى 24 سائەت خىزمەت قىلدى، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى پىدائىيلىرى خىزمەتكە تەق بولدى.

ۋاقىت، ئىش بۇ يەرگە كەلگەندە، ئاتالمىش «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا ئەمەلدار ئەۋەتمەسلىك» داۋرىڭى ئۆزلۈكىدىن بەربات بولۇپ، كۈلكىگە قالدى.

ئولىمپىك مۇسابىقىسى، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋەكىللىكىدىكى چوڭ تىپتىكى خەلقئارا تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئىتتىپاقلىق، تىنچلىق ۋە دوستلۇق جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش سەھنىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ-ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ئىناقلىقى، يۇغۇرۇلۇشى، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ باراۋەر سۆزلىشىشى ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ دوستانە ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى-ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسى بىلەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى يۈكسەك دەرىجىدە ماسلاشتۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئەمەلىيەت پۇرسىتى ۋە قىممەتلىك سۇپا بىلەن تەمىنلىدى.

2021-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 138-ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىش ئارقىلىق، «تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ كۈچلۈك» دېگەن ئولىمپىك ھېكمىتىگە يەنە «تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىش» دېگەن ھېكمەت قوشۇلدى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارىدا يامراۋاتقان، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا داۋالغۇش بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايون خەلقى كىرىزىسكە ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ گۈزەل كەلگۈسىگە يۈرۈش قىلىشقا تېخىمۇ موھتاج.

تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىش-ئولىمپىك چوڭ ئائىلىسىنىڭ ساداسى، دۇنيا خەلقىنىڭ يۈرەك ساداسى شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشىنىڭ تېگىشلىك مەزمۇنى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى پات ئارىدا داغدۇغىلىق باشلىنىدۇ، بۇ-پۈتۈن دۇنيا تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ تەخىرسىز ئارزۇسى شۇنداقلا پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىپ، تېخىمۇ گۈزەل جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىنىڭ كارتىنىسى.

بىز بىر قىسىم غەرب سىياسەتۋازلىرىنى تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان ئىشلارنى قىلماي، دۇنيا ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشكە نەسىھەت قىلىمىز. ئۇنداق بولمايدىكەن، قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغۇچىلار چوقۇم ئۆزلىرى قالايمىقان بولىدۇ، بۇ-بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇلارنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا ۋە باش قېتىنچىلىققا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغۇچىلار چوقۇم ئۆزلىرى قالايمىقان بولىدۇ» ماۋزۇلۇق ئوبزور

ئامېرىكا سىياسىي ئاخبارات تور بېكىتى يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا ئەمەلدار ئەۋەتمەسلىك»نى مۇراجىئەت قىلدى،