ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ش ئا ئە ت شەرقىي ياۋروپاغا ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-25 11:00

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ئۇكرائىنا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتكەچكە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ياۋروپانىڭ شەرقىي رايونلىرىدا ھەربىي پاراخوت ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى كۆپەيتىۋاتىدۇ ھەم قوراللىق كۈچلەرنى ھەر ۋاقىت بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرۇشقا بۇيرىدى دېدى. رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پىسكوف شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكىتى رايون بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىدۇ دېدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باياناتىدا مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر نەچچە كۈندە، بەزى ئەزا دۆلەتلەر نۆۋەتتىكى ياكى بۇندىن كېيىنكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە دانىيە بالتىق دېڭىزىغا بىر قوغدىغۇچى پاراخوت ئەۋەتتى، يەنە لىتۋاغا F-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىدىن تۆتنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئىسپانىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ دېڭىز ئارمىيەسىگە ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىۋاتىدۇ ھەم بۇلغارىيەگە ئۇرۇش ئايروپىلانى ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.

فىرانسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قوماندانلىقىدا رۇمىنىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. گوللاندىيە 4-ئايدىن باشلاپ بۇلغارىيەگە F-35 تىپلىق ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئەۋەتىپ، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بۇ رايوندىكى بوشلۇق ساقچى ئىشلىرى پائالىيىتىنى قوللايدۇ ھەم بىر ھەربىي پاراخوت ۋە قۇرۇقلۇق قىسمى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ھەر ۋاقىت كۈتىدۇ. ئامېرىكا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلىقىنى كۈچەيتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى.

2014-يىلى قىرىم ئۇكرائىنادىن ئايرىلىپ، رۇسىيەگە قوشۇلغاندىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى شەرقىي ياۋروپادىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۆپەيتىپ، ئېستونىيە، لاتۋىيە، لىتۋا ۋە پولشادا تۆت كۆپ دۆلەت جەڭگىۋار توپى قۇردى.

تەسىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پېسكوف 1-ئاينىڭ 24-كۈنى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، رۇسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي ياۋروپا رايونىغا ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىش توغرىسىدىكى باياناتىغا دىققەت قىلىدۇ دېگەن. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: رايون خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكىنى رۇسىيە كەلتۈرۈپ چىقارمىدى، بەلكى ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئۇلار تارقاتقان پىتنە-ئىغۋا كەلتۈرۈپ چىقاردى.

پېسكوف يەنە مۇنداق دېدى: ھەر خىل ئالامەتلەردىن ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ دۈنباس تەرەپكە ھەربىي كۈچ توپلاۋاتقانلىقى ئايان بولدى، بۇ-ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ھەرىكەت ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بىز شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان نۇرغۇن باياناتتا، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنى ھەربىي ۋاسىتە ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن ۋاز كېچىشكە دەۋەت قىلىدىغان مەزمۇنلارنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

يېقىندا، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى تېزدىن يامانلاشتى، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا رايونلىرىغا نۇرغۇن ھەربىي ۋە قورال-ياراغ ئورۇنلاشتۇردى. ئامېرىكا، ئۇكرائىنا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە يېقىن چېگرا رايونغا كۆپلەپ ئەسكەر توپلىدى، «تاجاۋۇزچىلىق» مۇمكىنچىلىكى بار دېدى. رۇسىيە بۇنى ئىنكار قىلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكىتى رۇسىيەنىڭ چېگرا خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سالماقتا، رۇسىيەنىڭ ئۆز تەۋەسىدە قىسىم يۆتكەپ، زېمىنىنى قوغداش ھوقۇقى بار دەپ تەكىتلىدى.

ئەنگلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئەنگلىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى باش ئەلچىخانىسىدىكى بىر قىسىم خىزمەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋدىن ۋاقتىنچە چېكىندۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىمۇ ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسىم ۋاقتى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، بۈگۈندىن باشلاپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنادىكى باش ئەلچىخانىسىدىكى ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن باش ئەلچىخانا تۇرۇشلۇق كىيېۋدىن چېكىنىش ھوقۇقى بېرىپ، ئالاقىدار خادىملار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ چوقۇم چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدۇق دېدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ش ئا ئە ت شەرقىي ياۋروپاغا ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتتى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ئۇكرائىنا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى