ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا گېرمانىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقنى ياخشىلاشقا ئۇرۇندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-02-09 17:32

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاق سارايدا زىيارەتكە كەلگەن گېرمانىيە زۇڭلىسى شۇلز بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا چېگرا رايونىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلدى.

تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بايدىن ھۆكۈمىتى ئامېرىكا-گېرمانىيە باشلىقلار يىغىنىدىن پايدىلىنىپ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا «تاجاۋۇز قىلىش» خەۋپى دېگەننى يەنە بىر قېتىم كۆپتۈرۈپ، گېرمانىيەنى رۇسىيەگە تېخىمۇ قەتئىي قارشى تۇرۇشقا قايىل قىلىپ، غەربنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىتتىپاقلىقنى نامايان قىلماقچى بولدى. لېكىن گېرمانىيەنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن شەكىللەنگەن ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئەنئەنىسى، ئۇنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنىنىڭ قورال ئېكسپورتىغا بولغان قاتتىق چەكلىمىسى ھەمدە رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيەسىگە تايىنىشى تۈپەيلىدىن، ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە گېرمانىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا روشەن ئىختىلاپ مەۋجۇت، شۇلزنىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن ئامېرىكىغا قىلغان تۇنجى زىيارىتىمۇ بۇ نۇقتىنى ئۆزگەرتەلمىدى.
ئىتتىپاقلىقنى ياخشىلاش

رۇسىيە-ئۇكرائىنا چېگرا ۋەزىيىتى يېقىندىن بۇيان داۋاملىق جىددىيلىشىۋاتىدۇ، ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا «تاجاۋۇز قىلىشى» قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قالدى، دەپ داۋراڭ سالدى، ئۇنىڭ مەقسىتى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ رۇسىيەنى بېسىش ھەمدە ئۆزىنىڭ ياۋروپانى كونترول قىلىشىنى كۈچەيتىش. لېكىن گېرمانىيە ئۇكرائىناغا جانغا زامىن بولغۇچى قورال ياردەم بېرىشنى ئىزچىل رەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گېرمانىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى «شىمالىي ئېرىق-2» تەبىئىي گاز تۇرۇبا تۈرىنى توختىتىش-توختاتماسلىق توغرىسىدىمۇ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى خالىمىدى.

ئامېرىكىدىكى بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە تاراتقۇلار شۇ سەۋەبتىن گېرمانىيەنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەت بولۇشتىكى «ئىشەنچلىكلىكى»دىن گۇمانلاندى. گېرمانىيە «سودا گېزىتى»مۇ مۇنداق دەپ قارىدى: شۇلزنىڭ كۆزىتىش شەكلىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇسلۇبى غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسىگە تەسىر يەتكۈزدى، شۇلزنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى سىرتتىكىلەرنىڭ ھەر خىل گۇمانىنى تۈگىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئىككى تەرەپ كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنىدا، بايدىن بىلەن شۇلز ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىقىنى نامايان قىلماقچى بولدى. ئىككى تەرەپ، ئەگەر رۇسىيە ئۇكرائىناغا «تاجاۋۇز قىلىپ كىرسە»، ئىككى دۆلەت ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ رۇسىيەگە قاتتىق ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈشكە قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى تەرەپ يەنە ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق پەسەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. بايدىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا شۇلزغا پۈتۈنلەي ئىشىنىدۇ، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئاتالمىش «گېرمانىيە ئەمدى ئىشەنچلىك ئەمەس» دېگەن قارىشى توغرا ئەمەس.

شۇلزمۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گېرمانىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى گېرمانىيە دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ «مەڭگۈلۈك» تەركىبىي قىسمى.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ بېسىمى ئالدىدا، رۇسىيە-ئۇكرائىنا چېگراسىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، لىتۋاغا 350 ئەسكەرنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇلز شۇ كۈنى مۇخبىرلار يىغىنىدا گېرمانىيەنىڭ مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم ئاقلاپ، گېرمانىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە مادارىنىڭ يېتىشىچە كۈچ چىقاردى، ئۇكرائىناغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش جەھەتتىكى تۆھپىسىمۇ ئامېرىكىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، دېدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى گوتمولې مۇنداق دەپ قارىدى: تەختكە چىققىنىغا ئۇزۇن بولمىغان شۇلز ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مۇھىم مەقسىتى- «كېيىنكى مېركېل دەۋرى»دىكى گېرمانىيەنىڭ يەنىلا ئىتتىپاقداشلىرى تەرەپتە قەتئىي تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش.

ئىختىلاپنى تۈگىتىش تەس

گەرچە ئىككىلا تەرەپ ئىتتىپاقلىقنى ياخشىلاشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ زور مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە يەنىلا ماھىيەتلىك يول قويۇشنى خالىمىدى. ئالايلۇق: ئامېرىكا-گېرمانىيەنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى بىر مۇھىم ئىختىلاپى شۇ يەردىكى، ئامېرىكا ئەگەر رۇسىيە ئۇكرائىناغا قورال كۈچى ئىشلەتسە، رۇسىيە بالتىق دېڭىزى ئارقىلىق گېرمانىيەگە تەبىئىي گاز يەتكۈزىدىغان «شىمالىي ئېرىق-2» تۇرۇبا تۈرىنى توختىتىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ، لېكىن گېرمانىيە ھازىرغىچە بۇنىڭغا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىدى. ھازىر «شىمالىي ئېرىق-2» تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى تاماملاندى، ئەمما تېخى ئىشقا كىرىشمىدى.

ئامېرىكا-گېرمانىيەنىڭ «شىمالىي ئېرىق-2» تۈرىدىكى ئىختىلاپى 2-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا تولۇق ئىپادىلەندى. بايدىن: رۇسىيە ئۇكرائىناغا «تاجاۋۇز قىلىپ كىرسە» «شىمالىي ئېرىق-2» تۈرىنى ئىلگىرى سۈرمەسلىك كېرەك دەپ قايتا تەكىتلىدى. ئەمما نەق مەيداندىكى مۇخبىرلارنىڭ قايتا-قايتا سورىغان سوئاللىرىغا قارىتا، شۇلز «شىمالىي ئېرىق-2» تۈرىنى توختىتىدىغانلىقى توغرىسىدا باشتىن-ئاخىر ئېنىق ۋەدە بەرمەستىن، پەقەت ئامېرىكا بىلەن «بىردەك ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقى»نىلا بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى ۋۇدروۋ ۋىلسون خەلقئارا ئالىملار مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى دۇنكېن ۋۇد مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گەرچە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا ياۋروپانىڭ رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گازىغا تايىنىشىنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم دىپلوماتىيە ئۇچرىشىشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئۇل ئەسلىھەلەر كەمچىل بولغاچقا، ئالاقىدار ئىلگىرىلەشلەر ئىنتايىن چەكلىك شۇنداقلا سىستېمىلىق ئۇزاق ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش لايىھەسى شەكىللەنمىدى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئاچچىق ئەسلىمىلەر گېرمانىيەگە ياۋروپادا يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش پارتلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر تونۇتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گېرمانىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك يېقىنلىقى ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى چوڭقۇر ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتقاندا، گېرمانىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ گېرمانىيەنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ. لېكىن ئامېرىكا گېرمانىيەنىڭ زور كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىسىنى تولۇق ئويلاشماي، ھەمىشە ئۆز مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ياۋروپا رۇسىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە توختىماي ئوتقۇيرۇقلۇق قىلدى. شۇڭا، ئامېرىكا-گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى ھەقىقىي تۈگىتىش ناھايىتى تەس.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا گېرمانىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقنى ياخشىلاشقا ئۇرۇندى