ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە پەن-تېخنىكا، ئەقىل-پاراسەت، يېشىللىق، ئىقتىسادچىللىق نامايان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-02-20 17:52

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە پەن-تېخنىكا، ئەقىل-پاراسەت، يېشىللىق، ئىقتىسادچىللىق نامايان قىلىنىپ، دۇنياغا مىسلىسىز ئولىمپىك كاتتا مەرىكىسى تەقدىم قىلىندى

پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. «ئاددىي، بىخەتەر، سەرخىل» بولۇش جۇڭگونىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسى، يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ھەر قايسى دۆلەت تەنھەرىكەتچىلىرى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە بارلىق مۇلازىمەتچىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىسىدا، بېيجىڭ پۈتۈن دۇنياغا يارقىن، يېقىملىق، كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان قىشلىق ئولىمپىك ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.

«يۈز مېتىرلىق، مىنۇتلۇق» ھاۋارايىدىن توغرا مەلۇمات بېرىشتىن ئارقان يولىنىڭ بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدايدىغان «بۇلۇت قوغدىغۇچىلار»غىچە، ئىنچىكە، سەمىمىي داۋالاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمىتىدىن«ياخشى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى»غىچە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت بۇ كۆزنەكتىن ھەر بىر تەنھەرىكەتچىنىڭ قەلبىدە تەسىرلىنىش ۋە ئىللىقلىق پەيدا بولدى، دۇنيا قالتىس بىر جاۋابقا ئېرىشىپ، بىر نۆۋەتلىك مىسلىسىز كاتتا مەرىكىنى كۆردى.

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى، بېيجىڭ ھەم يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن،ھەم قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن دۇنيا بويىچە تۇنجى «قوش ئولىمپىك شەھىرى»گە رەسمىي ئايلاندى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخ تۈرلۈك سورۇنلاردا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى. باخ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى مىسلىسىز ئۆتكۈزۈلدى ھەمدە قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ قىسمەن تارىخىنى ئۆزگەرتتى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى نۇرغۇن تارىخىي رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى. ھازىر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلار 2 مىليارد 700 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ۋە توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسىدا مۇسابىقىنى كۆرگەنلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، يەنە ئاز دېگەندە بىر مىليون يېڭى تەنتەربىيە ھەۋەسكارىنى جەلپ قىلدى.

قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئاممىنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئېلىمىزنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتى ئۇل ئەسلىھەسىدىكى كەمتۈكلۈكنى تېز تولۇقلىدى. باخ مۇنداق دەپ قارىدى: «قوش ئولىمپىك شەھىرى»بولغان بېيجىڭنىڭ «300 مىليون كىشىنى قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا يېتەكلىگەنلىكى» دۇنيا ئولىمپىك تەنھەرىكىتىگە قوشقان ئەڭ چوڭ تۆھپىسىنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ كىشىلەرنىڭ ئاز بىر قىسمى كەسپىي قار-مۇز تەنھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ، لېكىن بۇ دۇنيانىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگودا 2000 دىن ئارتۇق مۇز مەيدانى بار، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىمۇ بىر تۈركۈم مىراسلارنى قالدۇردى. يېقىندىن بۇيان خەلقئارا قار تېيىلىش بىرلەشمىسى، خەلقئارا يەككە تۈر تەنتەربىيە بىرلەشمىسى ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ، بېيجىڭدا دائىم مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكىنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىشماقتا، ئۇلار بېيجىڭنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ قىشلىق مۇسابىقە تۈرلىرىنى ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنىڭ ئاچقۇچى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇاڭ چۈن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى يېپىق باشقۇرۇش ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، يېپىق ھالقا ئىچىدىكى بارلىق مەنپەئەتدار تەرەپلەر، جۈملىدىن يېپىق ھالقا سىرتىدىكى خىزمەتچىلەر، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق، يۇقۇم خەۋپ-خەتىرى ئومۇميۈزلۈك تىزگىنلەندى، شۇڭا مۇداپىئە تەدبىرلىرى ئۈنۈملۈك بولدى، ھازىرغا قەدەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى دېيىشكە بولىدۇ.

«ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش» خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات پىلانى بولغان «ئولىمپىك 2020 قارالمىسى»دىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئىدىيە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش، تەييارلىق كۆرۈشتىن ئۆتكۈزۈشكىچە بولغان پۈتكۈل جەرياندا «قارالما»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسى. بېيجىڭ تېجەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇردى، ھەشەمەتچىلىك ۋە تەكرار قۇرۇلۇش قىلمىدى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەكرار پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىق ئىسراپچىلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتتى؛ تۇنجى قېتىم بارلىق مەيدان-سارايلارغا يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىشلىتىپ، مەيدان-سارايلارنىڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىدىن قايتا پايدىلىنىشىنى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇردى. دۆلەتلىك سۇ ئۈزۈش مەركىزى دۇنيا بويىچە «سۇ بىلەن مۇزنى ئالماشتۇرۇش»نى تاماملىغان تۇنجى مەيدان-ساراي بولدى، «يېشىل» رەڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ يارقىن تۈسىگە ئايلاندى، يېشىل ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش مۇسابىقىگە قاتناشقان ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى. دۇنيا مۇز چەينەك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى كەيت كېسنىس مۇنداق دېدى: بىز يېڭى كەلگەن ۋاقىتتىن ھازىرغىچە، مۇسابىقە ناھايىتى ياخشى ئۆتكۈزۈلدى، ھەممە ئىشلار مۆلچەرىمىزدىن ئېشىپ كەتتى، بىزنىڭ مۇز چەينەك مەيدان-سارايلىرىمىز تېخىمۇ شۇنداق.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ بىر نۆۋەتلىك «پەن-تېخنىكا+ئەقلىي»ئولىمپىك كاتتا مەرىكىسى بولدى. بىر قاتار يېڭى تېخنىكا، يېڭى لايىھە، يېڭى قوللىنىشچان تۈرلەر قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە قوللىنىلدى، دۆلەتلىك تېز مۇز تېيىلىش سارىيىدا كاربون تۆت ئوكسىدنى كىرىتىك ھالەتتە بىۋاسىتە مۇزلىتىش تېخنىكىسى قوللىنىلىپ ئەڭ تېز مۇز يۈزى ياسالدى. ئىككى جاي ئۈچ مۇسابىقە رايونىدىكى بارلىق مەيدان-سارايلار ۋە مەيدان-سارايلارنى تۇتاشتۇرىدىغان يوللار 5G بىلەن تولۇق قاپلاندى، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ھاۋا رايىنى ئالدىن مۆلچەرلەش سىستېمىسىدا «100 مېتىرلىق، مىنۇتلۇق» ھاۋا رايىدىن دەل ئالدىن مەلۇمات بېرىلدى، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدە تېلېۋىزوردا سۈپسۈزۈك k8 پىروگراممىسى كۆرسىتىلدى، بۇنىڭ بىلەن تاماشىبىنلار پەن-تېخنىكىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپلا قالماي، پۈتۈن دۇنيا«جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى»نىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە سالاپىتىنى ھېس قىلدى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يۈ خۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېچىلىش-يېپىلىش مۇراسىمى، فىگۇرا چىقىرىپ تېيىلىش، قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش، تېز تېيىلىش ۋە مۇكاپات تارقىتىش قاتارلىق مۇسابىقە ۋە مۇراسىملاردا k8 پىروگراممىسى ئىشلەندى، ئاساسلىق تاراتقۇ مەركىزى، پايتەخت تەنتەربىيە سارىيى، ۋۇكېسۇڭ قاتارلىق مەيدان-سارايلار ۋە قىسمەن شەھەر مەيدانلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرگە k8 لىق ئېكران ئورۇنلاشتۇرۇلدى. تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە پەن-تېخنىكا، ئەقىل-پاراسەت، يېشىللىق، ئىقتىسادچىللىق نامايان قىلىندى

پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. «ئاددىي، بىخەتەر، سەرخىل» بولۇش جۇڭگونىڭ