ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2023-يىلى جۇڭگو دۇنياغا قىممەتلىك يېڭى يىللىق سوۋغا تەقدىم قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-08 11:43

يېڭى يىل قوڭغۇرىقى چېلىندى، يېڭى يىلنىڭ قۇياش نۇرى پۈتۈن دۇنيانى يورۇتتى. توختىماي ئالغا بېسىۋاتقان، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان جۇڭگولۇقلار ئەتىكى جۇڭگونى تېخىمۇ گۈزەل قىلىدۇ؛ دۇنيا بىلەن تەڭ پايدا ئالىدىغان جۇڭگو يەر شارىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ.

2023-يىلىنىڭ تۇنجى كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر يېڭى يىلنىڭ تۇنجى تاڭ نۇرىنى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىپ، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتقا بولغان ئۈمىدىنى بىرلىكتە ئىپادىلىدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلىپ، بۈگۈنكى جۇڭگو دۇنيا بىلەن زىچ باغلانغان، ئەتىكى جۇڭگو تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ دەپ تەكىتلىدى ھەم دۇنيانىڭ تىنچ، گۈزەل، بەختلىك، خاتىرجەم بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

بۇ-جۇڭگونىڭ يېڭى يىللىق ئارزۇسى شۇنداقلا دۇنياغا تەقدىم قىلغان قىممەتلىك يېڭى يىللىق سوۋغىسى. خەلقئارادىكى نۇرغۇن تەھلىلچىلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك سۆزى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، دۇنيانى ئىلھاملاندۇرىدۇ دەپ قارىدى.

دۇنيا ياخشى بولسا، جۇڭگو ياخشى بولىدۇ؛ جۇڭگو ياخشى بولسا، دۇنيا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، بۇ-جۇڭگونىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەسىنىڭ ئاددىي ھەم چوڭقۇر دۇنيا قارىشى. جۇڭگونىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق تەرەققىيات ھېكايىسى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئارزۇ ئارقا-ئارقىدىن ئەمەلگە ئاشقان، ھاياتىي كۈچكە تولغان، مىللىي روھ داۋاملاشقان، دۇنيا بىلەن زىچ باغلانغان جۇڭگو ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنياغىمۇ بەخت ياراتتى.

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلدا، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىپ، چەتئەل تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن «بۇ بىر يىلدىكى جۇڭگودىكى ئەڭ زور ئىش» دەپ باھا بېرىلدى. 20-قۇرۇلتاي جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن قول تۇتۇشۇپ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىدىكى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. جۇڭگو يەنە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى، «ئىتتىپاقلىق قار گۈللىرى» داۋالغۇپ تۇرغان دۇنياغا ئۈمىد ۋە ئىللىقلىق ئېلىپ كەلدى.

ئۆتكەن بىر يىلدا، جۇڭگو دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلىك ئورنىنى داۋاملىق ساقلىدى. پۈتۈن يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 120 تىرىليون يۈەندىن ئېشىشى مۇمكىن. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتىن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكىچە؛ جۇڭگو بوشلۇق پونكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، «فۇجيەن» ناملىق 3-ئاۋىياماتكىنى سۇغا چۈشۈرۈشتىن C919 تىپلىق تۇنجى چوڭ ئايروپىلاننى رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش، بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشكىچە-يەر شارى ئىقتىسادى چېكىنگەن 2022-يىلى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى زور، ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسى ئۆزگەرمىدى، يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ماتور بولدى.

ئۆتكەن بىر يىلدا، ئەسىر يۇقۇمى قايتا-قايتا پەيدا بولۇپ، ئومىكېرون دۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى. «بىز مىسلىسىز قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇق، ھەممىمىزگە ئاسان توختىمىدى.» جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پەيت ھەم ئەھۋالغا قاراپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى سەرخىللاشتۇرۇپ ۋە تەڭشەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. «ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش يېڭى باسقۇچقا كىردى، يەنىلا بەك كۈچەشكە توغرا كېلىدۇ، كۆپچىلىك قەتئىي تەۋرەنمەي تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە، غەلىبە ئالدىمىزدا.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمى جۇڭگوغا، دۇنياغا قىممەتلىك ئىشەنچ ئاتا قىلدى. ھەرىكەتكە كەلگەن، جانلىنىۋاتقان جۇڭگو دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ.

ئۆتكەن بىر يىلدا، يۈز يىللىق ئۆزگىرىش تېزلەشتى، دۇنيا ئانچە تىنچ ئەمەس، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. بېيجىڭ «قىشلىق ئولىمپىك دىپلوماتىيەسى»دىن جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى، جۇڭگو-رۇسىيە باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغىچە، يەنە 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنىغىچە-رەئىس شى جىنپىڭ بېيجىڭدا نۇرغۇن قەدىناس دوستلار بىلەن كۆرۈشتى ھەم دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ جۇڭگو تەشەببۇسىنى بايان قىلىپ، دۇنيادىكى قىيىن مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۆتكەن بىر يىلدا، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»دە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئۆتكەن يىلىنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا جۇڭگونىڭ «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»گە ئەزا 14 دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.9 ئاشتى؛ جۇڭگو «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەر 15-قېتىملىق يىغىنىنىڭ رەئىسلىكىنى داۋاملىق ئۈستىگە ئېلىپ، «كۈنمىڭ-مونترېئال يەر شارى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى رامكىسى»نى ھاسىل قىلىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈردى ...... كۆپ تەرەپچىلىكتە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش ھېكايىسى يەر شارىدا تارقىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى تېخىمۇ زىچلاشتى.

كۇبا لاتىن ئامېرىكىسى ئاگېنتلىقى جۇڭگونىڭ 2022-يىلىنى «پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىش» دەپ تەسۋىرلىدى. 2023-يىلى-جۇڭگونىڭ 20-قۇرۇلتاي روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنىڭ باشلىنىش يىلى شۇنداقلا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنىڭ باشلىنىش يىلى. بۇ بىر يىلدا، جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 45 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىغا 10 يىل بولىدۇ ... ھەر بىر مۇھىم ئىش يۈز بەرگەندە، قانداق قىلغاندا ياخشى ۋەزىيەت ياراتقىلى، ياخشى پىلان تۈزگىلى بولىدۇ؟

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەتىكى جۇڭگودا، كۈرەش ئارقىلىق مۆجىزىلەر يارىتىلىدۇ، كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ مەنبەسى ئىتتىپاقلىق، ئۈمىد ياشلاردا، بىر مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگولۇق بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلسىلا، ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدىغان ئىش بولمايدۇ، ئۆتكىلى بولمايدىغان ئۆتكەل قالمايدۇ. بۇ دەل جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۇلۇغۋار نىشاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتىكى ئىشەنچىسى. خەلقئارا جەمئىيەت كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدىكى جۇڭگونىڭ دۇنياۋى مەبلەغ سېلىشتىكى «كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى»غا ئايلىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىنى بەس-بەستە ئۈمىد قىلدى.

يېڭى يىل قوڭغۇرىقى چېلىندى، يېڭى يىلنىڭ قۇياش نۇرى پۈتۈن دۇنيانى يورۇتتى.

توختىماي ئالغا بېسىۋاتقان، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان جۇڭگولۇقلار ئەتىكى جۇڭگونى تېخىمۇ گۈزەل قىلىدۇ؛ دۇنيا بىلەن تەڭ پايدا ئالىدىغان جۇڭگو يەر شارىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2023-يىلى جۇڭگو دۇنياغا قىممەتلىك يېڭى يىللىق سوۋغا تەقدىم قىلدى

يېڭى يىل قوڭغۇرىقى چېلىندى، يېڭى يىلنىڭ قۇياش نۇرى پۈتۈن دۇنيانى يورۇتتى. توختىماي ئالغا بېسىۋاتقان، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان جۇڭگولۇقلار ئەتىكى جۇڭگونى تېخىمۇ گۈزەل قىلىدۇ؛ دۇنيا بىلەن تەڭ پايدا ئالىدىغان جۇڭگو يەر شارىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ.