ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2023-يىلى يەر شارى رايون ۋەزىيىتى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ ماڭىدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-08 16:03

2023-يىلى، يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇغراپىيەلىك سىياسىي مۇھىت، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە سىياسىي، مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدە پەرق مەۋجۇت بولغاچقا، يېڭى بىر يىلدا، دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ يۈزلىنىشى ئوخشاش بولمايدۇ.

كىرىزىس، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات، ئادىللىق ۋە ھەققانىيەت، ھەمكارلىق ۋە تەڭ پايدا ئېلىش يەنىلا دۇنيادىكى ھەر قايسى رايون خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە ئىنتىلىشى بولىدۇ.

ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى كاشىلىلارنى تۈگىتىپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك

2023-يىلىغا قەدەم قويغاندا، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن نىسپىي مۇقىم بولۇش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ھاياتىي كۈچى كۈچلۈك بولۇش، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولۇشتەك چوڭ يۆنىلىش، چوڭ يۈزلىنىشنى ساقلىشىدىن ئۈمىد بار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارىلىشىش كۈچلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى، كاشىلا ئامىللىرىنىڭ مۇرەككەپ بولۇشى، ئارىلىشىش چۇقانلىرىنىڭ توختىماسلىقىمۇ رېئال خىرىس بولۇپ قالىدۇ.

ئۆتكەن بىر يىلدا، ئامېرىكا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا ئاتالمىش «ھىندى ئوكيان-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى»نى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، «چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى»گە غەرق بولدى. بايدىن ھۆكۈمىتى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە ئاز ساندىكى رايونلاردىكى دۆلەتلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، جۇڭگوغا قارىتىلغان «كىچىك چەمبىرەك»نى كۈچەيتتى. 2023-يىلى، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر رايون مۇقىملىقىنى قوغداش ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئالماشتۇرۇش سەمىمىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان تاشقى ئارىلىشىش قىلمىشلىرىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغاندىلا، ئاندىن رايون بىخەتەرلىكىنىڭ ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملىيەلەيدۇ ۋە يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە يېتەكچىلىك قىلالايدۇ.

يېڭى بىر يىلدا، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى يۇقۇمدىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدىغان ھالقىلىق باسقۇچقا كىرىدۇ. ھازىر، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك، ھەمكارلىق ئارزۇسى كۈچلۈك. رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2023-يىلى ئاسىيادىكى ئاساسلىق گۈللەنمە بازار ئىقتىسادىي گەۋدىلىرىنىڭ يەر شارى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى تۆتتىن ئۈچ قىسىمغا يېقىن بولىدىكەن. ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى يەنىلا يەر شارى ئىقتىسادىدىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە پاراۋۇز بولۇپ قالىدىكەن.

2023-يىلى-«بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، جۇڭگو 3-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈشنى ئويلىشىدۇ؛ ھىندىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالدى؛ ھىندونېزىيە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولدى...... ئاسىيا دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ «پارلاق پەيتى»نى يەنە بىر قېتىم كۈتۈۋالىدۇ. ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ قۇۋۋىتىگە، رايون تەرەققىياتىغا، كەلگۈسىگە تۇتىشىدىغان ھەمكارلىق يولىغا بولغان ئىشەنچىسى كامىل.

ياۋروپا كۆپ خىل سىناققا دۇچ كېلىدۇ

2023-يىلى ياۋروپا ئۈچۈن غايەت زور ئېنىقسىزلىققا تولغان بىر يىل شۇنداقلا نۇرغۇن سىناقلارغا دۇچ كېلىدىغان بىر يىل بولىدۇ. ئۆزىنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىكى جۇغراپىيەلىك سىياسىي رولىنى قانداق تەڭشەش، كەسكىن ھەم قىيىن ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە قانداق يۈزلىنىش، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ياۋروپا دۆلەتلىرى جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك مەسىلە.

ئۇكرائىنا كىرىزىسى كەسكىنلەشكەندىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىخەتەرلىكتىن ئەندىشە قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن ئىنكاسچان ئىتتىپاقداشلىق ھالىتىنى نامايان قىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ رۇسىيەگە توققۇز قېتىم جازا يۈرگۈزدى. ھالبۇكى، ياۋروپامۇ رۇسىيەگە قارىتىلغان جازا ئېلىپ كەلگەن ئەكس تەسىر، يەنى ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ تېز ئۆرلەپ، مال باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكىنى كۈچلۈك ھېس قىلدى. يېڭى بىر يىلدا، داۋاملىق ئامېرىكىغا ئەگىشىپ، رۇسىيەگە قاتتىق بېسىم ئىشلىتىش كېرەكمۇ ياكى ئىستراتېگىيەدە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشنى كۈچەيتىپ، رۇسىيە بىلەن ياۋروپانىڭ تىركىشىش ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەكمۇ؟ بۇ-ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ ئەقىل -پاراسىتى ۋە ئىقتىدارىنى سىنايدۇ.

2023-يىلى، ئېنېرگىيە كىرىزىسى ۋە يۇقىرى پۇل پاخاللىقى ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىنى داۋاملىق يامانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان 2022-يىللىق پەسىللىك ئىقتىسادنى مۆلچەرلەش دوكلاتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياۋرو رايونى ۋە كۆپ ساندىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى 2022-يىلى 4-پەسلىدە چېكىنىشكە باشلىدى، 2023-يىلىنىڭ 1-پەسلىدە ئىقتىساد پائالىيەتلىرى داۋاملىق ئازىيىدۇ دېدى. تەھلىلچىلەر ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش گىردابىغا بېرىپ قېلىشى كۆپ دۆلەت سىياسىيسىنىڭ داۋاملىق «ئوڭغا بۇرۇلۇشى»غا سەۋەبچى بولىدۇ دەپ ھېسابلىدى.

يېڭى بىر يىلدا، ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلگەندە، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى قانداق قىلىپ يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش تېخىمۇ تەخىرسىز بولۇپ قالدى. جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا قاراپ راۋاجلىنىشى ياخشى ئاساسقا ئىگە. ياۋروپا-جۇڭگونىڭ تېز تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ھەمراھى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچى. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنىلا بىر-بىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھى. بۇندىن باشقا، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ يۇقىرى قاتلىمى قويۇق پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا قاراپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىجابىي سىگنالنى ئۆزئارا يەتكۈزۈۋاتىدۇ.

ئامېرىكا: قۇتۇپلىشىپ، مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ بارغانسېرى ئاجىزلىشىدۇ

2023-يىلى، شىمالىي ئامېرىكا رايونىدىكى ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي يۈزلىنىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاۋام پالاتاسى باشلىقى سايلىمىغا كۆپ قېتىم ئاۋاز بېرىلگەن بولسىمۇ ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش يەنىلا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، بۇ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنت ئاۋام پالاتاسىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا ئامالسىز قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يېڭى يىلدىكى بۇ قالايمىقانچىلىق ئامېرىكىنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ كاردىن چىققانلىقى ۋە ۋەيران بولغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئامېرىكا پارتىيەلىرىنىڭ قۇتۇپلىشىش يۈزلىنىشىنىڭ بارغانسېرى كەسكىنلىشىشى مۇمكىنلىكىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەردى؛ ئامېرىكا جۇغراپىيەلىك سىياسىي، چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى قاتارلىق جەھەتلەردە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇۋالغاچقا، خەلقئارا تەرتىپنى يەنىمۇ قالايمىقانلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەنسىزلىك پەيدا قىلىشى مۇمكىن؛ تۈرلۈك ئامىللار ئارقىسىدا، خەلقئارا جەمئىيەت ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى ھەمدە پۈتۈن دۇنياغا زەربە بېرىشىدىن ئومۇميۈزلۈك ئەندىشە قىلدى. يېڭى بىر يىلدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئاۋام پالاتاسىنى، دېموكراتلار پارتىيەسى كېڭەش پالاتاسىنى كونترول قىلىۋالغان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش، پارتىيەلەر كۈرىشىنىڭ قۇتۇپلىشىشى ئازايماستىن كۆپىيىدۇ، بۇنىڭ تەسىرى ئامېرىكا جەمئىيىتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭىپ كىرىدۇ. 2024-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى ئارىسىدا بىر-بىرىنىڭ ئەيىبىنى ئېچىش، قارا چاپلاش، ھۇجۇم قىلىش مۇقەررەر كۆپ كۆرۈلۈپ، ئىككى پارتىيەنىڭ يادرولۇق سايلىغۇچىلىرىنىڭ قارشىلىشىشىنى جەزمەن پەيدا قىلىدۇ، بۇ ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ يەنىمۇ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇزۇندىن بۇيان، ئامېرىكا ئېغىزىدا توقۇنۇش ياكى يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئۈستىدە ئىزدەنمەيمىز، دەپ جار سالغان بىلەن، ھەرىكىتىدە باشقىچە يول تۇتتى. ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا «تۆت تەرەپلىك مېخانىزم» ئورنىتىپ، ئۈچ تەرەپلىك خەۋپسىزلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى«بەرپا قىلىپ، «ھىندى ئوكيان-تىنچ ئوكيان ئىقتىساد رامكىسى»نى ئويدۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردى. ئامېرىكا ياۋروپادا، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۇلغايتىپ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى ئۇزاققا سوزۇلدۇرۇپ، ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنى كۈنسېرى يامانلاشتۇرۇۋەتتى، خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىككىمۇ زىيان يەتكۈزدى. 2023-يىلى ئامېرىكىنىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتى داۋاملىق بىر خىل بولمىسا، داۋاملىق بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلسا، خەلقئارا تەرتىپنى تېخىمۇ قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

2023-يىلى، ئامېرىكا ئىقتىسادىنى چېكىنىش كۆلەڭگۈسى چىرمىۋالدى. ئامېرىكا بانكىسىنىڭ ئەڭ يېڭى مۆلچەرىدە كۆرسىتىلىشىچە: ئامېرىكا ئىقتىسادى 2023-يىلى 1-پەسىلدىن باشلاپ چېكىنىشى مۇمكىن ئىكەن، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەنپىي بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. داڭلىق ئاقىللار ئامبىرى پېتېرسون خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسىمۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ 2023-يىلى %0.5 تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد سىياسىتى روشەن دەرىجىدە خەۋپ-خەتەر تاشقى ئېففېكتىگە ئىگە، بۇ 2023-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىغا خەۋپ-خەتەر پەيدا قىلىدۇ.

ئاسىيا-ياۋروپا: ئۆزگىرىش كۆپ بولسىمۇ يەنىلا ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە

ئاسىيا-ياۋروپا دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، 2023-يىلى ئۇكرائىنا كىرىزىسى يەنىلا يۈزلەنمىسە بولمايدىغان ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق بولۇپ، بۇ كىرىزىس كەلتۈرۈپ چىقارغان جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئېنىقسىزلىق يەنىمۇ زورىيىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر يەنە ئىچكى سىياسىي ئىسلاھات ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بېسىمىغا دۇچ كېلىدۇ.

شۇنداق بولسىمۇ، ئاسىيا، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي جەھەتتە مۇقىم بولۇش، ئىقتىسادىي جەھەتتە تەرەققىي قىلىش، دىپلوماتىيە جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ. جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ئۆزئارا ياردەم بېرىش، خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىدۇ.

يېڭى بىر يىلدا، رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى يەنىلا داۋاملىشىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش مەبلىغىنى كۆپەيتىشىگە ئەگىشىپ، توقۇنۇشنىڭ كۆلىمى ۋە تەسىر دەرىجىسى كۈچىيىدۇ. چۈنكى تىنچلىق سۆھبىتى ئۇزۇن مەزگىل توختاپ قالدى، ھالقىلىق مەسىلىلەردە ئىختىلاپ زور بولغانلىقتىن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى كىچىك. جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات يۇرتى ياۋروپا-ئاسىيا تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خەن لۇ مۇنداق دېدى: غەرب ئەللىرى بېسىم ئىشلىتىش، رۇسىيەنى ئاجىزلاشتۇرۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كەچمەيدۇ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ۋاكالەتچىلىك ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئۇزاق مۇددەت تىركىشىش ھالىتىدە تۇرىدۇ.

يېڭى بىر يىلدا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى يەنىلا ئىسلاھات يولىدا ئىزدىنىپ ۋە ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا يۈزلىنىدۇ. گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ياۋروپا-ئاسىيا ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ چاڭچىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان خەلقئارا مۇھىتتا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۆز دۆلىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان دۆلەت تۈزۈلمىسىنى تاللاپ، ئىچكى ئىشلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلەت مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچ چىقىرىدۇ، بۇ مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.

يېڭى بىر يىلدا، ئاسىيا-ياۋروپا دۆلەتلىرى داۋالغۇۋاتقان رايون ۋە خەلقئارا مۇھىتقا دۇچ كېلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق قەدىمىنى داۋاملىق تېزلىتىدۇ. ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، قارشىلاشماسلىق، ئۈچىنچى تەرەپكە قاراتماسلىق ئاساسىغا قۇرۇلغان جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇپ، كاشىلا ۋە ئىغۋاگەرچىلىككە ئۇچرىمايدۇ، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىدىن قورقمايدۇ. جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگو-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولى، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىياD لىنىيەسىدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قاتارلىق تۈرلەرنى يېتەكچى قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئوتتۇرا شەرقتە: ۋەزىيەت مۇقىملىشىشقا قاراپ يۈزلەندى

2023-يىلى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدە «ئومۇمىي جەھەتتىن پەسىيىش، قىسمەن داۋالغۇش» ۋەزىيىتى داۋاملىشىشى مۇمكىن. رايون ئىچىدىكى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدە گەرچە ئۆزگىرىش بولسىمۇ، لېكىن داۋاملىق ياخشى تەرەققىي قىلىشتىن ئۈمىد بار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەربتىكى چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرا شەرققە تەسىر كۆرسىتىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنى تەڭشەش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ.

رايون سىياسىي ئېكولوگىيەسىنىڭ داۋاملىق ئۆزگىرىشى ھەم جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىنىڭ «شەرققە قاراش»تىن «شەرققە يۈرۈش قىلىش» قا ئۆتۈش قەدىمى تېزلىشىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مۇناسىۋەت، ئەرەب ئەللىرىنىڭ تۈركىيە ۋە ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، سۈننىي مەزھىپى بىلەن شىئە مەزھىپى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، «مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىغا يېقىن لاگېر» بىلەن «مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىغا قارشى لاگېر» ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە پەسىيىش كۆرۈلدى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي ئاسىيا، ئافرىقا تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىمى تاڭ جىچاۋ مۇنداق دەپ قارىدى: ئوتتۇرا شەرقتە پەسەيتىش كەيپىياتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، ناھايىتى زور دەرىجىدە رايون ئىچىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قارالما ياراتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىققا ئىگە. 2023-يىلى، ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلىشىدىن زور ئۈمىد بار، لېكىن ئەندىشىلەرمۇ ئاز ئەمەس، مەسىلەن، نىتانىياخۇ رەھبەرلىكىدىكى ئىسرائىلىيە ئوڭ قانات ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن كېيىن پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ زىددىيىتى كەسكىنلىشىپ كېتەمدۇ-يوق، ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سۆھبىتىدە بۆسۈش ھاسىل قىلغىلى بولامدۇ-يوق قاتارلىقلار.

جۇڭگو خەلق داشۆسى خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى تيەن ۋېنلىن مۇنداق دەپ قارىدى: يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئوتتۇرا شەرقنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ئەرەب ئەللىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تارىخىي پۇرسەتكە دۇچ كەلدى.

بۇنىڭدىن يېڭى بىر يىلدا ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ ياخشىلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

لاتىن ئامېرىكىسى كوللېكتىپ «سولغا بۇرۇلۇش»تەك چوڭ سىناقنى كۈتۈۋالىدۇ

سول قانات كۈچلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تەختكە چىقىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە ئەگىشىپ، 2023-يىلى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر دۇچ كېلىدىغان قاتمۇقات سىناقلار كۆز ئالدىمىزدا تۇرماقتا: سىياسىي جەھەتتە، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى قانداق مۇستەھكەملەش؛ ئىقتىسادىي جەھەتتە، تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش؛ دىپلوماتىيە جەھەتتە، رايون ئىچىدىكى ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش، سىرتقا قارىتا مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، رايوننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇش.

يېڭى بىر يىلدا لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى ئاساسلىق نۇقتا سول قانات كۈچلەرنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ئىتتىپاقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە-گۇرۇھلار ئىختىلاپىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش-مۇستەھكەملىيەلمەسلىكىدىن ئىبارەت. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پەخرىي ئىلىم يۇرتىنىڭ ئەزاسى شۈ شىچېڭ مۇنداق دېدى: يېڭىدىن تەختكە چىققان لاتىن ئامېرىكىسىدىكى سول قانات رەھبەرلەر ئومۇميۈزلۈك مۆتىدىل، ئەمەلىيەتچىل ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئىدېئولوگىيە تۈسى كۈچلۈك ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئۇنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنى مۇقىم ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ئايرىم لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش كىرىزىسى كۆرۈلدى.

2023-يىلى لاتىن ئامېرىكىسى ئىقتىسادى دۇچ كېلىدىغان خىرىس-سىرتنىڭ زەربىسىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئېشىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، نامراتلىق مەسىلىسىنى پەسەيتىش-پەسەيتەلمەسلىكتىن ئىبارەت. ئۆتكەن بىر يىلدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈم قوشۇشى لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ قەرز يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى، بەزى دۆلەتلەر قەرز كىرىزىسىغا پېتىپ قالدى، پۇل پاخاللىقى ئېغىرلاشتى، نامراتلىق نىسبىتى تېز ئۆرلىدى، ئىجتىمائىي زىددىيەت كەسكىنلەشتى. ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ كۈچىيىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەمىنات زەنجىرىنىڭ راۋان بولماسلىقى، پۇل مۇئامىلە تەننەرخىنىڭ ئېشىشى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى ئەسلىدىنلا ئاجىز بولغان لاتىن ئامېرىكىسى ئىقتىسادىنى تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رايون ئىچىدىكى تەرەققىيات تەكشى بولماسلىق، زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنى تۈگىتىش قىيىن بولۇش قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسى بىر ئىزدا توختاپ قالدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك سول قانات دولقۇنى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رايون ئىتتىپاقلىقى، دىپلوماتىيە جەھەتتە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشنى تېخىمۇ تەكىتلەپ، لاتىن ئامېرىكىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى قايتا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئىگە قىلىشىدىن ئۈمىد بار.

ئافرىقا ئۆز ئالدىغا مۇقىملىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

يېڭى بىر يىل يېتىپ كەلدى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەڭ مەركەزلەشكەن چوڭ قۇرۇقلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئافرىقا نوپۇسىنىڭ ئېشىشى تېز، بازار يوشۇرۇن كۈچى زور، كان بايلىقى ۋە ئېنېرگىيە زاپىسى مول، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئەزالىرى كۆپ بولۇشتەك ياخشى ئەۋزەللىككە ئىگە، ئۆز ئالدىغا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق رايون بىخەتەرلىكى خەۋپ- خەتىرىنى يەنىمۇ پەسەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى كۈتۈۋېلىپ، خەلقئارا سەھنىدە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىن ئۈمىد بار.
ئۆتكەن بىر يىلدا، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ داۋاملىق ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا، ئېفىيوپىيە ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەتكە قارشى تەشكىلات بىلەن مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلۇپ، ئىككى يىلغا سوزۇلغان توقۇنۇشقا خاتىمە بەردى، «ئافرىقا تۇمشۇقى» ئۇزاقتىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان خاتىرجەملىكنى كۈتۈۋالدى. شەرقىي ئافرىقا ئورتاق گەۋدىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كونگو (كىنشاسا)نىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىمۇ توغرا ئىزغا چۈشتى. لىۋىيە مىللىي يارىشىش بويىچە سۆزلىشىش يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى. سۇداندىكى ھەر قايسى تەرەپلەر رامكا كېلىشىمى ئىمزالاپ، سىياسىي قاتمال ۋەزىيەتنى تەڭ تىرىشىپ ئاخىرلاشتۇردى.

2023-يىلى ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىختىلاپنى تۈگىتىپ، توقۇنۇشنى ھەل قىلىپ، بىخەتەرلىك مۇھىتىنى ياخشىلاشقا يەنىمۇ تىرىشىدۇ. بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى داشۆسى ئافرىقا شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى لى خۇڭفېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئافرىقىنىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئافرىقىنىڭ ئۆز ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ئەڭ ئاچقۇچلۇق ھالقا.

يېڭى بىر يىلدا، ئافرىقا ئىقتىسادى يەنىلا قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ، ئەمما ئامېرىكا ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش رىتىمىنىڭ ئاستىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادنى قوزغىتىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، شۇنداقلا ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىدا ئىلگىرىلەش بولىدۇ، رايون ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىڭ تېزلىشىشىدىن ئۈمىد بار. يېڭى بىر يىلدا، ئافرىقا دۆلەتلىرى ياخشى تەبىئىي ئەۋزەللىكى ۋە غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە تايىنىپ، خەلقئارا سەھنىدە تېخىمۇ جانلىنىدۇ. مەيلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسلاھاتى بولسۇن ياكى كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق مەسىلىلەردە بولسۇن، ئافرىقا بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور رول ئوينايدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا، ئادىل، ئامانگۈل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2023-يىلى يەر شارى رايون ۋەزىيىتى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ ماڭىدۇ؟

2023-يىلى، يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇغراپىيەلىك سىياسىي مۇھىت، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە سىياسىي، مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدە پەرق مەۋجۇت بولغاچقا، يېڭى بىر يىلدا، دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ يۈزلىنىشى ئوخشاش بولمايدۇ.