ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چەتئەلدىكى دوست ئەربابلار: جۇڭگو كومپارتىيەسى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىنتىلىدىغان پارتىيە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-01 09:06

فىرانسىيە كومپارتىيەسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى پىئېر رولان يېقىندا مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كومپارتىيەسى ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا بىرمۇ ئادەم كەم بولسا بولماسلىق، ئورتاق بېيىش يولىدا بىرمۇ ئادەمنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. بۇ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى، بۇنىڭدا ئىنتايىن زور جاسارەت ۋە شىجائەت نامايەن قىلىندى. جۇڭگو كومپارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ كىيىنىش، تويۇنۇش يېتەرلىك بولماسلىقتىن ھاللىق سەۋىيەگە ئومۇميۈزلۈك يېتىشتەك تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، ھازىر يەنە ئورتاق بېيىش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسنى زامانىۋى تۇرمۇشتىن بەھرىمەن قىلدى، بۇ نەتىجىلەر كىشىنى قايىل قىلىدۇ.

رولان 1983-يىلى جۇڭگودا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولغان، ئەينى ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ ھەممىلا يېرىدە قاينام-تاشقىنلىقىغا چۆمگەن قۇرۇلۇش مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولاتتى، ئۇ بۇنىڭدىن جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشتىكى تولۇپ تاشقان غەيرىتىنى كۈچلۈك ھېس قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن رولان جۇڭگودا كۆپ قېتىم زىيارەتتە بولدى، ھەر قېتىم يىپېڭى ئۆزگىرىشلەرنى كۆردى، بولۇپمۇ بېيجىڭنىڭ ئۆتكەن يىلى «قوش ئولىمپىك شەھىرى» بولغانلىقى ئۇنى ھەيران قالدۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتتى، بىر يۈرۈش يېڭى تەدبىرلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. رولان بېيجىڭدىن باشقا يەنە شاڭخەي، نەنجىڭ قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ، نۇرغۇن گۈزەل، ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى.

رولان جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغانلىقىغا گۇۋاھ، ھازىر جۇڭگو دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو نامراتلىق ۋە تەرەققىيات تەكشى بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ئۆتكەن ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىپ، رايونلار، شەھەر-يېزىلارنىڭ تەرەققىيات پەرقىنى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىتىپ، ھەر قايسى رايونلاردىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياخشى شارائىت ياراتتى.

رولاننىڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق جۇڭگودىكى زىيارىتى 2015-يىلىغا توغرا كەلدى. ئۇ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، شۇ چاغدىكى فىرانسىيە كومپارتىيەسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەزكۇر پارتىيەنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن سەمىمىي، دوستانە پىكىر ئالماشتۇرغان. رولان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىرانسىيە كومپارتىيەسى بىلەن جۇڭگو كومپارتىيەسى جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، ئاشلىق ۋە سەھىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىجتىمائىي ھوقۇقنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىدۇ، ئىككى پارتىيە كەڭ ئورتاق تونۇشقا ئىگە.

رولاننىڭ نەزىرىدە جۇڭگو كومپارتىيەسى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىنتىلىدىغان پارتىيە. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، يەنە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى جۇڭگونىڭ تارىخىي ئورنى ۋە تەرەققىيات باسقۇچىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلەرنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، جۇڭگونى مۇقىم تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى ئۆز تەرەققىياتىنى كۆزلەپلا قالماي، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە باشتىن-ئاخىر دۇنياۋى نەزەر بىلەن كۆڭۈل بۆلدى. نۆۋەتتە، ھەر قايسى دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەر دۇنياۋى مەسىلىلەر، بارغانسېرى كۆپلىگەن پاكىتلار بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ھېچقانداق دۆلەت يېگانە ئەمەس، ھەر قايسى دۆلەتلەر مەنپەئەتى ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىك، زىچ باغلانغان بىر پۈتۈن گەۋدىگە تەدرىجىي ئايلانماقتا. دۇنياۋى خىرىسقا، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ  ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى دۇنيانىڭ دۇنياۋى خىرىس ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىنى يۆنىلىش بىلەن تەمىنلىدى. رولان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە جۇڭگونىڭ ئۆز تەرەققىياتىنى دۇنيانىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشتەك دۇنياۋى نەزەر دائىرىسى، دۇنياۋى كۆكسى-قارنى ۋە چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتى نامايان قىلىندى، دەپ قارىدى.

رولان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىرانسىيە كومپارتىيەسى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى پائال قوللايدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى ئىنتايىن ئۇلۇغۋار تەشەببۇس، بۇ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش رامكىسىدا، ھەمكارلىقنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈستىدە سەمىمىي، چوڭقۇر سۆھبەتلىشىشى زۆرۈر، فىرانسىيە كومپارتىيەسى بۇنىڭ ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

رولان يېقىندا غەلىبىلىك ئېچىلغان جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر قېتىملىق كاتتا يىغىن. ھازىرقى مۇرەككەپ ھەم تولىمۇ ئېنىقسىز دۇنيا ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا يېڭى ئەقىل-پاراسەت قوشىدۇ، دەپ قارايمىز. جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ ئىتتىپاق، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە داۋاملىق مۇھىم رول ئوينىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چەتئەلدىكى دوست ئەربابلار: جۇڭگو كومپارتىيەسى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىنتىلىدىغان پارتىيە

جۇڭگو كومپارتىيەسى ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا بىرمۇ ئادەم كەم بولسا بولماسلىق، ئورتاق بېيىش يولىدا بىرمۇ ئادەمنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى.