ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاغان دۇنيا ئىقتىسادىغا ئىللىقلىق ئېلىپ كەلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-02 08:42

جۇڭگو يېڭىدىن ئېلان قىلغان دېھقانلار كالېندارى بويىچە توشقان يىلىدىكى چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلغانلار 308 مىليون ئادەم قېتىمغا، دۆلەت ئىچى ساياھەت كىرىمى 375 مىليارد 843 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %23.1، %30 ئاشقان؛ چاغانلىق كىنو ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 6 مىليارد 758 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.89 ئاشقان؛ مەملىكەت بويىچە كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى تەكشۈرگەن چېگرادىن كىرگەن-چىققانلار ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %120.5 ئاشقان... بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىدا ياخشى باشلىنىش ۋەزىيىتى ياراتتى.

بۇ يىلقى چاغان جۇڭگودا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش يېڭى باسقۇچقا كىرگەندىن كېيىنكى تۇنجى چاغان، «ھەرىكەتچان جۇڭگو» تېز سۈرئەتتە قايتىپ كەلدى، كۆرۈنەرلىك سانلىق مەلۇماتلار جۇڭگونىڭ ئىستېمال ھاياتىي كۈچىنى نامايەن قىلدى. ئامېرىكا ئىستېمالچىلار خەۋەرلىرى ۋە سودا قانىلى تور بېكىتى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى نومۇرا ئاكسىيەسىنىڭ ئالاقىدار دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەنزىرە نۇقتىلىرىغا بېرىشى، ساليۇت ئويۇنى كۆرۈشى، رېستوران ۋە مېھمانسارايلارغا كۆپلەپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، بېسىلىپ قالغان ئېھتىياج ئاشماقتا، دېدى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئىستېمال جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى بىرىنچى تۈرتكىلىك كۈچ بولۇپ كەلدى. لېكىن يۇقۇم تارقاق ۋە كۆپ كۆرۈلگەن 2022-يىلى، جۇڭگودا ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %32.8 بولۇپ، كاپىتال قوشقان %50.1لىك نىسبەتكە يەتمىدى. ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا ئېچىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا 2023-يىلى ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كېڭەيتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇڭگودا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىغا ئەگىشىپ، جايلار ئىستېمال بېلىتى تارقىتىش، «چاغانلىق مال بايرىمى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئىستېمالنى جانلاندۇرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويدى، جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى يەنە 2023-يىلىنى «ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش يىلى» قىلىپ بېكىتتى. كۆپ خىل ئامىللارنىڭ ئۇنىۋېرسال تەسىرىدە، بۇ يىل چاغان ئالتۇن ھەپتىسىدە ئىستېمالنىڭ جانلىنىشى يەنە بىر قېتىم نامايەن بولدى، شۇنداقلا بۇ دۇنيانى جۇڭگونىڭ چاغان پايدىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

خېنەننىڭ جېڭجۇدىكى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئىمپورت تاۋارلىرى تاللا بازىرىدا، ياۋروپانىڭ سۈت، شاكىلات، قىزىل ھاراق ۋە كالا، قوي گۆشى قاتارلىق تاۋارلىرى جۇڭگولۇقلارنىڭ چاغاندا ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلايدىغان سوۋغىتىغا ئايلاندى؛ جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولى ۋەكىللىكىدىكى غەربىي رايون قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى نۆۋەتچى پويىزى جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىغا تىروپىك بەلباغنىڭ يېڭى مېۋىلىرىنى ئېلىپ كەلدى... بۇ يىل چاغاندا، ئىمپورت قىلىنغان گىرىم بۇيۇملىرى، ھاراق، يېڭى سۇ مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق «چەتئەل ماللىرى» جۇڭگودا بازار تېپىپ، جۇڭگو چوڭ بازىرىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىنى نامايان قىلىپ، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا چوڭقۇر يىلتىز تارتىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپلىگەن جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر چەتئەللەرگە چىقىپ چەتئەلدىكى «جۇڭگو يىلى» دىن ھۇزۇرلاندى. ئالاقىدار سۇپىلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ چاغاندا چېگرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلىش ئومۇمىي زاكىزى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %640 ئاشقان. چاغاننىڭ تۇنجى كۈنى ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇ يىل جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ئىجارىگە ئالغان تۇنجى ئايروپىلان قىزغىن قارشى ئېلىندى، تاراتقۇلار بۇنى كەڭ كۆلەمدە خەۋەر قىلدى. بالى ئارىلى ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى كوست مۇنداق دېدى: جۇڭگو كۆپ يىللاردىن بۇيان بالى ئارىلىدىكى ئەڭ چوڭ ساياھەتچىلەر مەنبەسى دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ يەرگە كېلىشى بالى ئارىلى ساياھەتچىلىكىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى چوقۇم ئىلگىرى سۈرىدۇ. چەتئەل تاراتقۇلىرى: مىليونلىغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىنىڭ كېلىش كۆزلىمىسى دۇنيادىكى مېھمانسارايلار، ساياھەتچىلىك ۋە سودىنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

جۇڭگونىڭ ئىستېمال بازىرىنى كۆزىتىدىغان كۆزنەك بولۇش سۈپىتى بىلەن، چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئىستېمالنىڭ جانلىنىشى پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇشقا ياخشى باشلىنىش ئېلىپ كەلدى، بۇ جۇڭگو ئىستېمال بازىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، ئىستېمال تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ئاساسىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. گولدمان سىچېس گۇرۇھىنىڭ تەتقىقات تارمىقى: ئىستېمال بۆلىكى 2023-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىشتىن ئۈمىد بار، دەپ قارىدى. شىۋېيتسارىيە بانكىسى: 2023-يىلى چاغاندىن كېيىن جۇڭگودا ئىستېمال زور دەرىجىدە ياخشىلىنىدۇ، نورمىدىن ھالقىغان زاپاس پۇلنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ ياخشىلىنىشى بۇنىڭغا مۇھىم تىرەك بولۇشى مۇمكىن، دېدى، بۇ دۇنيا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن بىر خۇش خەۋەر. ئۆتكەن يىلى 4-پەسىلدىن بۇيان، نۇرغۇن خەلقئارا مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 2023-يىللىق ئېشىش كۆزلىمىسىنى بەس-بەستە ئۆستۈردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، 2023-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى 2022-يىلىدىكى تەخمىنەن %3 تىن %1.9 كە تۆۋەنلەيدىكەن، لېكىن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى %4.8 كە يېتىپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان باشلامچىغا ئايلىنىدىكەن. ئەنگلىيەدىكى «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» تور بېكىتى يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كەسكىن تەڭشىگەندىن كېيىن، ئىستېمالچىلار ھەميىنىنى ئېچىپ ئىستېمال قىلدى، ئۇزۇندىن بۇيان يىغىلىپ قالغان بۇ خىل ئېھتىياج كۆزلىمىسى «دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە بولغان ئۈمىدكە تىرەك بولدى.

نۆۋەتتە، خەلقئارا مۇھىت يەنىلا مۇرەككەپ ئۆزگىرىۋاتىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساسى تېخى پۇختا ئەمەس، ئىقتىسادنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يەنىلا نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. لېكىن جۇڭگو خەلقىنىڭ 2023-يىلى ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىشەنچى ۋە ئىقتىدارى بار. چاغاندا ئىستېمالنىڭ جانلىنىشىنىڭ ئۆزى ياخشى باشلىنىش. بۇمۇ سوغۇق ئېقىمغا ئۇچرىغان دۇنيا ئىقتىسادىغا ئىللىقلىق ئېلىپ كەلدى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چاغان دۇنيا ئىقتىسادىغا ئىللىقلىق ئېلىپ كەلدى

جۇڭگو يېڭىدىن ئېلان قىلغان دېھقانلار كالېندارى بويىچە توشقان يىلىدىكى چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلغانلار 308 مىليون ئادەم قېتىمغا، دۆلەت ئىچى ساياھەت كىرىمى 375 مىليارد 843 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %23.1، %30 ئاشقان؛