ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ئامېرىكا خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى داۋاملىق قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-02 08:46

ئامېرىكىدا پۇل پاخاللىقى تۆۋەنلەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن كۆپ ساندىكى ئامېرىكىلىقلار بۇنى ئانچە ھېس قىلمىدى. ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى يېمەكلىك زەنجىرسىمان تاللا بازىرىدا، 12 تۇخۇم قاچىلانغان قۇتىنىڭ ھەر بىر قۇتىسىنىڭ باھاسى ئىككى يىل بۇرۇنقى 7.99 ئامېرىكا دوللىرىدىن 11.49 ئامېرىكا دوللارغا ئۆستى. گەرچە ھازىر باھاسى 8.99 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىغا چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئىككى يىل ئىلگىرىكىدىن %12.5 ئۆرلىدى.

ئامېرىكىدا پۇل پاخاللىقى تۆۋەنلەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن كۆپ ساندىكى ئامېرىكىلىقلار بۇنى ئانچە ھېس قىلمىدى. ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى يېمەكلىك زەنجىرسىمان تاللا بازىرىدا، 12 تۇخۇم قاچىلانغان قۇتىنىڭ ھەر بىر قۇتىسىنىڭ باھاسى ئىككى يىل بۇرۇنقى 7.99 ئامېرىكا دوللىرىدىن 11.49 ئامېرىكا دوللارغا ئۆستى. گەرچە ھازىر باھاسى 8.99 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىغا چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئىككى يىل ئىلگىرىكىدىن %12.5 ئۆرلىدى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى 12-ئايدا ئامېرىكىدا شەخسلەرنىڭ ئىستېمال چىقىمى باھا كۆرسەتكۈچىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيانقى تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن، لېكىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس پۇل كومىتېتى بېكىتكەن %2 لىك ئۇزاق مۇددەتلىك پۇل پاخاللىقى نىشانىدىن يەنىلا يۇقىرى بولغان.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىدا مال باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن تاۋارلارنىڭ باھاسى يەنىلا بىر يىل ئىلگىرىكى سەۋىيەدىن يۇقىرى ھەمدە ئۇزۇن مەزگىل يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى داۋاملىق قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. مۇدى تەھلىل شىركىتىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى مارك زەندى: ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئامېرىكىدا مال باھاسى تۆۋەنلىمىدى، پەقەت ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىدى، دېدى.

ئامېرىكا ئەمگەكچىلەر مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، مال باھا سەۋىيەسىنى ئۆلچەيدىغان يەنە بىر مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ باھا كۆرسەتكۈچى 1-ئايدا ئۆتكەن يىلى 12-ئايدىكىدىن %0.1 تۆۋەنلىگەن، لېكىن ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.5 ئۆرلىگەن. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، خەلق تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك كۆپ خىل تاۋارلارنىڭ باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ئۆسكەن؛ ئالايلۇق، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قۇۋۋەتلىك تامىقىنىڭ باھاسى %305.2، تۇخۇم باھاسى %59.9، يېقىلغۇ ماي باھاسى %41.5، ئايروپىلان بېلىتى باھاسى %28.5 ئۆسكەن...

بىر قاتتىق بولكا، بىر پىشلاق، ئالمىنىڭ نەچچە كېسىمى ياكى بىرسى، بۇ ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چۈشلۈك تامىقى. بىر قىسىم ئامېرىكا ئائىلىلىرى كۈندىن-كۈنگە ئۆرلەۋاتقان باھاغا قارىتا، بالىلارنىڭ چۈشلۈك تاماق پۇلىنى تۆلەشكە ئامالسىز قالدى، مەكتەپ بالىلارنىڭ ئوقۇش نىسبىتى ۋە مەكتەپكە كېلىش نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بالىلارنىڭ تامىقىنى ئۈزۈپ قويمىدى، بۇنىڭ بىلەن مەكتەپلەرنىڭ تاماق نىسى پۇلى داۋاملىق يىغىلىپ قالدى.

بىر ئايدىن بۇيان، مەكتەپلەرنىڭ تاماق نېسى پۇلى خۇددى قار پومزىكىدەك ئۈزلۈكسىز چوڭايدى. ئامېرىكا مەكتەپلەر ئوزۇقلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 1-ئاينىڭ باشلىرىغىچە، ئامېرىكىدىكى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى 847 مەكتەپنىڭ تاماق نىسى پۇلى 19 مىليون 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، %96.3 مەكتەپ رايونىنىڭ تاماق نىسى پۇلى يەنىلا ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن.

داۋاملىق ئۆرلەۋاتقان تاۋار باھاسى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى. ئامېرىكىدىكى چوڭ تىپتىكى پارچە سېتىش زەنجىرسىمان كارخانىسى كروگ شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى رودنېي مېكمارون مۇنداق دەپ قارىدى: يېمەكلىك باھاسى قىسقا مۇددەت ئىچىدە چۈشمەيدۇ. گەرچە مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى سەل ئاستىلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىدا پۇل پاخاللىقى 2023-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يەنىلا داۋاملىشىدۇ.

ئامېرىكا كۈندىلىك خىمىيەلىك بويۇملار كارخانىسى ماگناتى پروكتېر-گەمبول يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىركەت كىر يۇيۇش پاراشوكى ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرىدۇ، بىر قىسىم شەخسىي ساغلاملىق ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنىمۇ 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆستۈرىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بۇ شىركەت بوۋاقلار، ئاياللار پەرۋىش بۇيۇملىرى، ئېغىز بوشلۇقى پەرۋىش بۇيۇملىرى، چاچ ئاسراش مەھسۇلاتلىرى ۋە تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش باھاسىنى ئۆستۈرگەن ئىدى.

ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىش ھەققى سەۋىيەسى ئۇزۇن مەزگىل مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە يېتىشەلمىسە، ئەمەلىي كىرىمى ئازىيىپ، تۇرمۇش بېسىمى ئۈزلۈكسىز ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. تاۋارلار كۈندىن-كۈنگە قىممەتلىشىۋاتقانلىقتىن، ئىستېمالچىلار پەقەت ئاز سىتىۋېلىشقا مەجبۇر بولدى.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا، ئامېرىكىدا تەڭشەلمىگەن شەخسىي ئىستېمال چىقىمى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 تۆۋەنلەپ، ئۇدا ئىككى ئاي تۆۋەنلىگەن، بۇ ئامېرىكا ئىقتىسادىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم ماتورنىڭ ھالسىزلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئامېرىكا مەملىكەتلىك پارچە سېتىش سودىگەرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارتىئۇ شېيى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : ئىستېمالچىلار يەنىلا باھاغا سەزگۈر بولۇپ، كۈندىلىك چىقىم بېسىمنى ھېس قىلالايدۇ. ئامېرىكىدىكى پارچە سېتىش كەسپىدىكى كۆپ سانلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار: كەلگۈسى بىر يىلدا ئامېرىكا ئائىلىلىرى يۇقىرى مال باھاسى ئېلىپ كەلگەن تۇرمۇش بېسىمىنى يەنىلا ھېس قىلىشى مۇمكىن، دېدى.

بازار تەتقىقات ئاپپاراتى كاپىتال ئېكونومىكىس شىركىتىنىڭ ئامېرىكىلىق باش ئىقتىسادشۇناسى پاۋلو ئاشۋوس: ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ چىقىمى 2022-يىلى «ئاپەت خاراكتېرلىك نەتىجە» بىلەن ئاخىرلاشتى، بۇ يىل 1-پەسىلدە بۇ كۆرسەتكۈچ يەنىلا ئاشماسلىقى مۇمكىن، دېدى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ئامېرىكا خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى داۋاملىق قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى

ئامېرىكىدا پۇل پاخاللىقى تۆۋەنلەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن كۆپ ساندىكى ئامېرىكىلىقلار بۇنى ئانچە ھېس قىلمىدى.