ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارا ئاپپاراتلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئۈمىد بىلەن قارىماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-01 09:19

1-ئايدا ئېلىمىز ئەمەلىي پايدىلانغان تاشقى مەبلەغ 127 مىليارد 690 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.5 ئاشتى، كۆلىمى مۇقىم ئېشىپ، قۇرۇلمىسى داۋاملىق ياخشىلاندى. خەلقئارا ئاپپاراتلار جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئۈمىد بىلەن قاراپ: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچى تېخىمۇ نامايەن بولۇپ، يەر شارىغا تېخىمۇ كۆپ بازار پۇرسىتى ۋە تەرەققىيات پايدىسى ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارىدى.

جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 1-ئايدا ئېلىمىز ئەمەلىي پايدىلانغان تاشقى مەبلەغ 127 مىليارد 690 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.5 ئاشقان، كۆلىمى مۇقىم ئېشىپ، قۇرۇلمىسى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، جۇڭگونىڭ چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇنبەت تۇپراق ئىكەنلىكى نامايەن بولغان. خەلقئارا ئاپپاراتلار، جۇڭگودىكى تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى قاتارلىقلار جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئۈمىد بىلەن قاراپ: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچى تېخىمۇ نامايەن بولۇپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ بازار پۇرسىتى ۋە تەرەققىيات پايدىسى ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارىغان.

بۇ يىل 1-ئايدا، ئىستاندارت چارتېرت بانكىسى جۇڭگودا چەتئەل سودىگەرلىرى مۇستەقىل مەبلەغ سالغان ئاكسىيە شىركىتى تەسىس قىلىش ئىجازىتىگە ئېرىشىپ، مورگان ئاكسىيەسى، گولدمان ئاكسىيەسىدىن كېيىن تەستىققا ئېرىشكەن چەتئەل سودىگەرلىرى مۇستەقىل مەبلەغ سالىدىغان ئۈچىنچى ئاكسىيە شىركىتى بولۇپ قالدى. چارتېرت بانكىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى جاڭ شياۋلېي مۇنداق دېدى: جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ پۇل مۇئامىلىنى ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئاساستا داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، بۇ تاشقى مەبلەغ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.

سىچودېر فوندى يېقىندا جۇڭگودا تاشقى مەبلەغنى مۇستەقىل توپلاش فوندى باشقۇرۇش شىركىتى قۇرۇش تەستىقىغا ئېرىشىپ، جۇڭگودىكى بەشىنچى تاشقى مەبلەغنى مۇستەقىل توپلاش فوندى شىركىتى بولۇپ قالدى. سىچودېر مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى گو ۋېي مۇنداق دېدى: بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشكە دائىر بىر قاتار سىياسىتىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. بىز تەييارلىق خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز.

جۇڭگو گېرمانىيە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ يېقىنقى يىللىق تەكشۈرۈشىدىن ئايان بولىشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان يېرىم كارخانا جۇڭگو بازىرىغا داۋامىق مەبلەغ سېلىش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان %80 كارخانا جۇڭگو بازىرىنىڭ ئوتتۇرا-ئۇزاق مەزگىللىك ئىستىقبالىغا پائال ئۈمىدۋار پوزىىتسىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش چوڭ دولقۇنىدا پۇرسەتكە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلغان.

خەلقئارا پۇل فوند تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىساد ئالىمى كاڭ جۇڭجى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: كۆلەم، سۈرئەت جەھەتتە يىرىك ئېشىشتىن سۈپەت، ئۈنۈم جەھەتتە تۈجۈپىلىك ئېشىشقا بۇرۇلۇش، ئامىل ئارقىلىق مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇشتىن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقىچە، جۇڭگو داۋاملىق يولغا قويۇۋاتقان ئىسلاھات يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پايدىلىق.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ كاپىتال بازىرى يەر شارى پۇل مۇئامىلە بازىرى سىستېمىسىغا تېخىمۇ چوڭقۇر يۇغۇرۇلدى، تاشقى مەبلەغ ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى ئۇدا بىر قانچە يىل قىسقارتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو بازارنىڭ بايلىق تەقسىماتىدىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى قاتارلىقلارنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار رىقابىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى كۈچەيتتى. جۇڭگو تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى، كەلگۈسىدە ئىقتىسادتا يۇقۇرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

جۇڭگو 1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىشىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قۇرۇقلۇق، سۇ يولى چېگرا ئېغىزلىرىدا يولۇچىلارنىڭ كىرىپ-چىقىشىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈردى. چەتئەللەرنىڭ جۇڭگودىكى كۆپلىگەن سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرى يېقىندا: بۇ تەدبىر رايون ئىقتىسادى ۋە يەر شارى سودىسىغا كۆرۈنەرلىك پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، دېيىشتى. جۇڭگو ئەنگلىيە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرىشىگە ئەگىشىپ، كارخانىلارنىڭ ئۈمىدلىنىش كەيپىياتى داۋاملىق يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى، جۇڭگو يېڭىۋاشتىن چەتئەل سودىگەرلىرى ئالدى بىلەن مەبلەغ سالىدىغان مەنزىلگە ئايلاندى.

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى 1-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتىنى ياخشىلىغان ۋە تەڭشىگەندىن كېيىن، ئافرىقىنىڭ مۇھىم ئېكسپورت بازىرى بولغان ئاسىيا رايونى مۇقىم ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئافرىقىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى كېڭەيتىلىدۇ.

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى پياۋ جىشۈي مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاسىيا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئېھتىياجى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ھەر قايسى سودا ھەمراھلىرىنىڭ جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىشىنى جانلاندۇرۇپلا قالماي، جۇڭگوغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق قىممەت زەنجىرىگە پايدا يەتكۈزدى.

گولدمان گۇرۇھى يېقىندا دوكلات ئېلىپ قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى كۈچەيتىدۇ، يەر شارى پۇل مۇئامىلە شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى، خەلقئارا سودىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئۈنۈمى تېخىمۇ زور بولىدۇ.

تەرجىمان: قۇرباننىسا جاپپار

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقئارا ئاپپاراتلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئۈمىد بىلەن قارىماقتا

1-ئايدا ئېلىمىز ئەمەلىي پايدىلانغان تاشقى مەبلەغ 127 مىليارد 690 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.5 ئاشتى، كۆلىمى مۇقىم ئېشىپ، قۇرۇلمىسى داۋاملىق ياخشىلاندى