ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مۇھىت ئىرقچىلىقى ئامېرىكىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئەۋلادىدىن بولغانلارنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-05 14:42

ئامېرىكىدىكى سىياسەت تەتقىقات ئاپپاراتى «ئامېرىكا تەرەققىيات مەركىزى»نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە ئىرقىي كەمسىتىش ئەنئەنىسى ئامېرىكىدا ئېغىر مۇھىت ئىرقچىلىقىنى پەيدا قىلغان. ئاق تەنلىكلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاز سانلىق مىللەت ئەۋلادىدىن بولغانلار مەھەللىلىرى ھاۋا ۋە سۇ بۇلغىنىش قاتارلىق مۇھىت زىيىنىغا كۆپ ئۇچرىغان.

ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇھىت ئىرقچىلىقى دېلولىرى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ

ئامېرىكا كوننېكتىكات ئىشتاتىنىڭ مەركىزى خاتفورد شەھىرىنىڭ شىمالى رايونلىرىدىكى ئاھالىلەر ئافرىقىلىقلار ۋە لاتىن ئامېرىكىسى ئەۋلادىدىن بولغانلارنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ رايوننىڭ شەھەر مەمۇرىيىتى تۇرۇبا سىستېمىسى 100 نەچچە يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان. ھازىر ئېغىر دەرىجىدە كونىراپ كەتكەنلىكتىن تازىلىق ئۆيىدىكى يۇندا دائىم ئۆي ئىچىگە ئېقىپ كىرىدۇ. يامغۇر ياغسىلا يوللاردا ئېغىر دەرىجىدە سۇ يىغىلىپ قالىدۇ، مەھەللىدىمۇ پاكىز تۇرۇبا سۈيى كەمچىل، شۇ جايدىكى ئاھالىلەر بۇنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتى. شۇ جايدىكى مۇھىت ئادۋوكاتى سىنسىيا جاننىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ بىر تىپىك مۇھىت ئىرقچىلىقى دېلوسى. ئاز سانلىق مىللەت ئەۋلادىدىن بولغان ئاھالىلەر ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولالمايۋاتىدۇ. شۇنچە يىللاردىن بۇيان، شۇ جايدىكى ئاھالىلەر لايىھەلەر ۋە تەكلىپلەرنى كۆپ ئاڭلىغان بولسىمۇ، لېكىن ھەرىكەت قوللىنىلغانلىقىنى باشتىن-ئاخىر كۆرۈپ باقمىدى.

بۇنىڭغا ئوخشاش مۇھىت ئىرقچىلىق ھادىسىسى ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، پايتەخت ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىنىڭ ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغان ئاھالىلەر ئاساس قىلىنغان شەرقىي جەنۇب رايونىدا، يول بويىدىكى ئورمانلىققا كېرەكسىز ئاپتوموبىللار ۋە بالونلار تاشلىۋىتىلگەن بولۇپ، بېنزىن، ئاپتول ۋە باشقا زەھەرلىك ماددىلار تۇپراققا سىڭىپ كەتكەن، ھەمدە سېسىق پۇراق تارقالغان. بۇ خىل ئەھۋال داۋاملاشقىلى نەچچە يىل بولغان، يەرلىك ئاھالىلەر ھۆكۈمەتكە ئەرز قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىر-بىرىگە ئىتتىرىپ قويغان. ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى شەھەر مەمۇرىيىتى تارمىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئورمانلىق ئامېرىكا دۆلەت باغچىسى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تەۋە بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى يوق. تاراتقۇلار بۇ ئىشنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت باغچىسى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاندىن شۇ جايدىكى مەھەللە بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەھۋال ئىگىلەپ باقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغانلار تەخمىنەن %85 نى ئىگىلەيدىغان مىچگان ئىشتاتىدىكى كىچىك شەھەر بېنتون خاربوردا، 2018-يىلىلا تۇرۇبا سۈيىدىكى قوغۇشۇن مىقدارىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۆلچەپ چىقىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت ئىزچىل ئەھمىيەت بەرمەي كەلدى. تاكى شۇ جايدىكى ئاھالىلەر مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىغا مۇراجىئەت قىلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئاندىن تۇرۇبا سۈيىنى چەكلەش بۇيرۇقى چىقاردى. بېنتون خاربور شەھىرى بىلەن بىرلا كۆۋرۈك ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان، ئاق تەنلىكلەر كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان سانيوسېف شەھىرىدە بولسا ئۇل ئەسلىھەلەر ياخشى ۋە ئىچىملىك سۇمۇ بىخەتەر.

بۇلتۇر 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا مىسسىسىپى ئىشتاتىنىڭ مەركىزى جېكسون شەھىرى سۇ بىلەن تەمىنلەش كىرىزىسىگە ئۇچراپ، شەھەر ۋە شەھەرگە يېقىن رايونلاردىكى 180 مىڭ ئاھالىلەرگە كېرەكلىك كۈندىلىك سۇ ھەمدە ئوت ئۆچۈرۈشكە كېرەكلىك سۇ قاتارلىقلار كاپالەتلىكگە ئىگە بولمىدى. جېكسون شەھىرىنىڭ %82.5 نوپۇسى ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن. ئامېرىكىدىكى سىياسىي پائالىيەت تەشكىلاتى «قارا تەنلىك سايلىغۇچىلارمۇ مۇھىم» تەشكىلاتىنى بىرلىشىپ قۇرغان لاتوسا بروۋىن بىلەن كرىف ئالبرايت بىر باياناتىدا مۇنداق دېدى: بۇ سۇ بىلەن تەمىنلەش كىرىزىسىنىڭ مەنبەسى سىستېمىلىق ئىرقچىلىق شۇنداقلا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن بولدى، جېكسون شەھىرىنىڭ كەچۈرمىشى ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغانلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بۇ كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئاساسىي ئېھتىياجىغا سەل قارىدى. ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاز سانلىق مىللەت ئەۋلادىدىن بولغان مەھەللىلەردە زەھەرلىك تاشلاندۇقلارنى تۆكۈش مەيدانى ياساش قاتارلىق مۇھىت ئىرقچىلىقى دېلولىرى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئامېرىكا مىچگان داشۆسىنىڭ بىر دوكلاتىدا: ئامېرىكىدا مۇھىت ئاسراش، ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنى تەقسىملەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېغىر ئىرقىي ئادالەتسىزلىك مەۋجۇت، دېيىلدى.

ئامېرىكىدا مۇھىت ئىرقچىلىقى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. ئافرىقىلىقلار، لاتىن ئامېرىكىسىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغانلار بىلەن ئامېرىكىدىكى ئىندىيانلار تارىختا ئېغىر مۇھىت باراۋەرسىزلىكى مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن. ئامېرىكىدىكى ئىندىيانلارنىڭ شوشۇنى قەبىلىسى ئولتۇراقلاشقان رايون ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «يادرو تەجرىبە مەيدانى» غا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، 40 نەچچە يىلدا 928 قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىلغان. چىكاكو شەھىرى ئىلگىرى بۇلغىنىش پەيدا قىلىدىغان كەسىپلەرنى ئاق تەنلىكلەر مەھەللىسىدىن ئافرىقىلىقلار ۋە لاتىن ئامېرىكىسىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغانلار مەھەللىسىگە يۆتكەش سىياسىتىنى چىقارغان؛ ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغان دېھقانچىلىق مەيدانى ئىشچىلىرى قۇرغان ئارىزونا ئىشتاتىدىكى لېندوف مەھەللىسىنى ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ئاسفالت سىلىقلاش خىمىيە زاۋۇتى، زەھەرلىك خىمىيەلىك ماددىلارنى توشۇيدىغان تۆمۈر يول قاتارلىق ئەسلىھەلەر قورشاپ تۇرىدۇ. دېمەك، مۇھىت ئىرقچىلىقى ئامېرىكىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئەۋلادىدىن بولغانلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان قارا كۆلەڭگە بولۇپ قالغان.

ئەپسۇسلىنارلىقى، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتلىرى مۇھىت ئىرقچىلىقىغا ئۇچرىغان رەڭلىك ئىرقتىكىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ كەلدى. تېننېسسې كۆزىتىش تورىنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغانلار مەھەللىسى ئەتراپىدا بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان شىركەتلەرگە كۆپ ھاللاردا سوممىسى ناھايىتى تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. سىياسەت تۈزگۈچىلەر كۆپىنچە ئەھۋالدا رەڭلىك ئىرقتىكىلەر مەھەللىسى ئۇچرىغان ساغلاملىق مەسىلىسىنى كۆرمەسكە سالىدۇ.

ئامېرىكا بوستون شۆيۈەنىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە مۇھىت تەتقىقاتى بويىچە ياردەمچى پىروفېسسورى لېش ساچېر مۇنداق دېدى: مۇھىت ئىرقچىلىقى ئىرق كاپىتالىزمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يەنى بىر ئادەمنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىدە ئۇنىڭ ئىرقى ئاساس قىلىنىدۇ. چۈنكى تۇرۇۋاتقان مەھەللىڭىز ئاساسلىقى ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغاچقا، قىممىتىڭىز تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. مۇھىت ئىرقچىلىقى تۈپەيلىدىن ئالاقىدار مەنپەئەتدار تەرەپلەر بۇنداق مەھەللىلەر تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەرزىمەيدۇ، ياكى ئېلېكتىر ئىستانسىسى ياكى ئەخلەت كۆمۈش مەيدانى قاتارلىق سانائەت تۈرلىرىنى قۇرۇشقا ماس كېلىدۇ، دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

ئۇزاقتىن بۇيان مۇھىت ئىرقچىلىقىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا كىلىمات ھەققانىيەت ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئىلزابىت يانپىر مۇنداق دېدى: يېڭى ئورلېئان شەھىرىدە يۈز بەرگەن كاتېرىنا قۇيىنىنىڭ ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغانلارغا ئېلىپ كەلگەن ئازابى ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا، ئامېرىكىغا قاراشلىق پوئېرتورىكو مارىيا قۇيىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئېلېكتىر كىرىزىسىنى ئۇزۇن ۋاقىت باشتىن كەچۈردى. ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغان ئاھالىلەر ئېغىر زىققا كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى سەۋەبىدىن نەپەس ئالالماي قالدى. لويىزاننا ئىشتاتىدىكى «راك كېسىلى جىلغىسى»غا تۇتاشقان نېفىت خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرى شۇ جايدىكى ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغان ئاھالىلەرگە راك كېسىلى، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى ۋە باشقا ساغلاملىق تەسىرى ئېلىپ كەلدى. مۇھىت ئىرقچىلىقى ئامېرىكىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئەۋلادىدىن بولغانلارنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى، بۇ ئامېرىكىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ئەنەنىسى ۋە قۇللۇق تۈزۈم تارىخىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، بىز چوقۇم مۇھىت ئادىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىز باراۋەر نەپەسلىنەلمىسەك، ئامېرىكىدا ھەقىقىي ئىرقىي ھەققانىيلىق ئىشقا ئاشمايدۇ.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مۇھىت ئىرقچىلىقى ئامېرىكىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئەۋلادىدىن بولغانلارنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى

ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە ئىرقىي كەمسىتىش ئەنەنىسى ئامېرىكىدا ئېغىر مۇھىت ئىرقچىلىقىنى پەيدا قىلغان. ئاق تەنلىكلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاز سانلىق مىللەت ئەۋلادىدىن بولغانلار مەھەللىلىرى ھاۋا ۋە سۇ بۇلغىنىش قاتارلىق مۇھىت زىيىنىغا كۆپ ئۇچرىغان.