ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئوتتۇرا شەرق رايونى سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ بېيجىڭدىكى سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىنى قارشى ئالدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-27 09:22

جۇڭگونىڭ قوللىشى بىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران ۋەكىللەر ئۆمىكى يېقىندا بېيجىڭدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بېيجىڭدىكى سۆھبەت سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى بىر سەھىپىسىنى ئېچىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يول ئېچىپ بەردى. شۇنداقلا سۆھبەت ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق دۆلەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنى پەسەيتىشكە ئۈلگە تىكلەپ بەردى. ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ھەر ساھە سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغانلىقىنى قارشى ئالدى ۋە جۇڭگونىڭ ئىجابىي رول ئ‍وينىغانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، بۇ ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ ھېسابلىدى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى تاھا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ كېلىشىمنىڭ شۇ رايوننىڭ تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى كۈچەيتىشكە ھەمدە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەشكە پايدىلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇ جۇڭگو، ئىراق ۋە ئوماننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ سۆھبىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ھەمدە سۆھبەتنىڭ ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئالقىشلىدى.

پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى بۇداۋى مەزكۇر رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە تىنچلىقىنى كۈچەيتىش، رايون مۇقىملىقى ۋە خەلقىنىڭ باياشاتلىقىنى قوللايدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى قارشى ئالدى ھەمدە جۇڭگونىڭ ئوينىغان مۇھىم رولىنى يۈكسەك دەرىجىدە ماختىدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ زۇڭتۇڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئەنۋەر گارگاش مۇنداق دېدى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رايون دۆلەتلىرى ئارىسىدا پائال ئالاقە ۋە سۆھبەتنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇ ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تېخىمۇ مۇقىم كەلگۈسى بەرپا قىلىشى ئۈچۈن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىدۇ.

قاتار ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قاتارنىڭ باش ۋەزىرى قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋەزىرى مۇھەممەد ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇللا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى فايسال بىلەن تېلېفونلىشىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قارشى ئالغان. بۇ تەدبىرنىڭ رايون خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈدىغانلىقى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ساداسىغا ئاۋاز قوشقانلىقى، پۈتكۈل رايوننىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىراق ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە «يېڭى بىر سەھىپە ئاشتى» دېدى. ئوماننىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى بادېر جۇڭگونىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ سۆھبىتىنى ئۈستىگە ئالغانلىقى ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېلىشىمى ئىمزالىشىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتتى ھەمدە بۇ رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم بىر قەدەم دېدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان ئىنگلىزچە گېزىت «ئەرەب خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى فېيسار ئابباس ئىمزالىق ئوبزور ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئىنتايىن مۇھىم رايون سىياسىي ۋەقەسى بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. ئەگەر سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئىران جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىپ، تىنچلىق ۋە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرسا بۇ سەئۇدى ئەرەبىستانى ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتۈن رايون ھەتتا دۇنيا ئۈچۈنمۇ بىر ياخشى ئىش. فېيسار مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراشتۇرۇشى جۇڭگونىڭ ھەر ئىككى دۆلەت بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىقىدىن ھەمدە جۇڭگونىڭ ئەزەلدىن رايون كېڭەيمىچىلىكى ۋە مۇستەملىكىچىلىك تارىخى بولمىغانلىقىدىن بولغان. سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ جىددىي مۇناسىۋىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ داۋاملىق تىرىشىشىغا توغرا كېلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ كۆپ يىللىق رايون توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستانى پەن تەتقىقات ۋە بىلىم ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى مۇھەممەد سادىق مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئارقىلىق رايوننىڭ تىنچلىقى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

جۇڭگو تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا قەتئىي تەۋرەنمەي دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇردى. جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەقىل-پاراسەت بىلەن تەمىنلەپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلۇشىدا ماھىيەتلىك رول ئوينىدى. بۇ جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى نامايەن قىلدى.

ئىراندا چىقىدىغان «تېھران ۋاقىت گېزىتى» خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىملىقى، خەۋپسىزلىكى ۋە جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ پەسىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىلا ئەمەس، پۈتۈن ئوتتۇرا شەرق رايونى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىدۇ.

تۇنىسدا چىقىدىغان «كۈن چىقتى گېزىتى» خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئىنتايىن مۇھىم دۆلەتلەر بولۇپ، ئىسلام دۇنياسىدا مۇھىم تەسىر كۈچىگە ئىگە. ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغانلىقى ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋە ئىسلام دۇنياسىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىپ، رايون جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق.

«مىسىر ھېكمەت مەدەنىيەت گۇرۇھى»نىڭ باش لىدىرى سەئىد مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىران ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغانلىقى جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنىڭ بىر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتتىن ئ‍ۆتكۈزۈلىشى بولۇپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشقا پايدىلىق. جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، يەر شارى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەر شارى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئۈمىد ئاتا قىلدى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. جۇڭگونىڭ ۋەدىسىدە تۇرىدىغان ۋە يولغا قويغان ئادىل مەيدانى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. جۇڭگو ئەقىل پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنىڭ رايون مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان دۇنيانى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تەرجىمان: دىلناز تۇرسۇن

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئوتتۇرا شەرق رايونى سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ بېيجىڭدىكى سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىنى قارشى ئالدى

جۇڭگونىڭ قوللىشى بىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران ۋەكىللەر ئۆمىكى يېقىندا بېيجىڭدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.