ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىنىڭ «سىياسىي مەنبەسىنى تەكشۈرۈش»نى كۆپتۈرۈشتىكى بىمەنلىكى ۋە تەشۋىشى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-28 09:27

يېقىندا، ئامېرىكا يەنە «سىياسىي مەنبەسىنى تەكشۈرۈش» بىمەنە ئويۇنىنى كۆپتۈرۈپ، جۇڭگوغا قارا چاپلاشقا ئۇرۇندى. بۇ-ئامېرىكىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق قىلىشى ئەمەس. 2021-يىلى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاخبارات تارماقلىرىغا 90 كۈن ئىچىدە ئاتالمىش يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تۈزۈپ چىقىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. نەتىجىدە، دوكلات «مۇمكىن»، «بەلكىم» دېگەن سۆزلەر بىلەن تولۇپ، سىرتتىكىلەر تەرىپىدىن «ھېچنېمە دېيەلمىدى» دەپ مەسخىرە قىلىندى. بۇ قېتىمقىسى يەنىلا بىمەنە سىياسىي كۈلكىلىك ئويۇننىڭ تەكرارلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئامېرىكا ھۆكۈمەت تارماقلىرى، سىياسەتۋازلار ۋە تاراتقۇلار يېقىندىن بۇيان بىمەنە ئويۇن پەيدا قىلىشقا ئاساس سېلىش ئۈچۈن ئۆز ئارا ماسلىشىپ، بىر-بىرىگە دوست تارتىشتى. ئالدى بىلەن «ۋول كوچىسى گېزىتى» ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى ئاق ساراي ۋە پارلامېنتنى تەمىنلىگەن بىر پارچە مەخپىي دوكلاتنى نەقىل كەلتۈرۈپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس «تاسادىپىي ھالدا جۇڭگو تەجرىبىخانىسىدىن تارقىلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن» دېدى. ئارقىدىن ئامېرىكىدىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى بۇنىڭغا دوست تارتىشقان ھالدا شامالغا ئەگىشىپ كۆپتۈرمىچىلىك قىلدى. ئارقىدىنلا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى بۇرنىس، قوشما ئىشتات تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كىرىستوفېر لېي ئارقا-ئارقىدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى ئېلان قىلىپ، كوللېكتىپ ھالدا جۇڭگوغا قارا سۈركەش سېپىنى پەيدا قىلماقچى بولدى.

لېكىن، بىمەنە يېرى شۇكى، ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆزى بۇ دوكلاتنى «ئىشەنچ دەرىجىسى تۆۋەن» دەپ قارىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قارىغاندا، «ئىشەنچ دەرىجىسى تۆۋەن» دەپ باھالاش ئادەتتە «ئۇچۇر مىقدارى يېتەرلىك بولمىغان، گۇمانلىق، پارچە-پۇرات، ئېنىق يەكۈن چىقىرىشقا بولمايدىغان، كېلىش مەنبەسىدە روشەن مەسىلە ساقلانغان» ئاشۇ ئۇچۇرلارغا قارىتىلغان. «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەمەلدارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ ئاخباراتنىڭ نىسبەتەن ئاجىز ئىكەنلىكى، ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يەكۈنىنىڭ «ئىشەنچلىك دەرىجىسى بىر قەدەر تۆۋەن» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئامېرىكا ھېچقانداق ئەمەلىي ئاساسى بولمىغان ئەھۋالدا، ئۆزىمۇ ئىشەنمەيدىغان، يوچۇق كۆپ ئاتالمىش دوكلاتنى ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلارغا ئۇقتۇرغان، ئاندىن توختىماي داۋراڭ سېلىپ تېرە تاراقشىتىپ، ئاتالمىش «تەجرىبىخانىدىن تارقىلىپ كېتىش نەزەرىيەسى»نى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.

2021-يىلىدىكى سىياسىي كۈلكىلىك ئويۇن ئاخىرلاشقان تۇرسا، ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن يەنە بۇ كۈلكىلىك ئويۇننى ئوينايدۇ؟

«نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» بۇنىڭغا «زەھەرلىك سىياسىي» دەپ جاۋاب بەردى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باشلىقى مىكارتى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى تۇنجى نۇتقىدا، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش كېرەك دەپ ئېنىق بىلدۈردى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئاۋام پالاتاسىنى كونترول قىلغاندىن باشلاپ، ئۇلار «سىياسىي مەنبەسىنى تەكشۈرۈش»نى باھانە قىلىپ ھەدەپ غوۋغا كۆتۈرۈپ، جۇڭگوغا قارشى قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇپ، پارتىيەلەر تالاش-تارتىشىدا ئۆزىگە كۈچ توپلىماقچى بولدى.

جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش ئامېرىكىدا ئاتالمىش «سىياسىي توغرىلىق»قا ئايلىنىپ، نۇرغۇن ھەقىقىي ئاقىلانە سادالار بېسىمغا ئۇچرىدى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، يېڭىدىن قۇرۇلغان ئاۋام پالاتاسى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ تارقىلىشىنى تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى كومىتېتى تۇنجى قېتىم ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى مۇزاكىرە قىلغان. بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ كۆز قارىشى ئىنتايىن بىر تەرەپلىمە بولۇپ، «تەجرىبىخانىدىن تارقىلىپ كېتىش نەزەرىيەسى»دىن سىرت، باشقا مۇمكىنچىلىكلەر ئاساسەن مۇزاكىرە قىلىنمىدى دېدى. يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر يامان غەرەزلىك ھۇجۇمغا ئۇچراشتىن ئەندىشە قىلغانلىقتىن، نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئاشكارا سۆز قىلىشنى خالىمىدى دېدى.

بۇنىڭدىن باشقا، بۇمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نەزەر دائىرىنى باشقا ياققا بۇراپ، ئىدارە قىلىشنىڭ مەغلۇبىيىتىنى يوشۇرىدىغان كونا ئويۇنى. نۆۋەتتە، ئامېرىكىدا ئوققا تۇتۇش دېلولىرى كۆپ يۈز بېرىپ، ئىرقىي زىددىيەت ئۆتكۈرلىشىپ، جەمئىيەت پارچىلىنىپ، پۇل پاخاللىقى ئېغىرلاشماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇن بانكىلاردا «گۈلدۈرماما» گۈلدۈرلەپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىدا داۋاملىق داۋالغۇش پەيدا قىلدى. نەزەر دائىرىسىنى يۆتكەش، مەسئۇلىيەتتىن قېچىش ئۈچۈن، ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى يېڭى كۆپتۈرۈش نۇقتىسىنى تېپىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولدى. بۇ «سىياسىي مەنبەسىنى تەكشۈرۈش» كۈلكىلىك ئويۇنى دەل «ھاۋا شارى سىياسىي ئويۇنى»دىن كېيىن، ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي ئېھتىياجنى چىقىش قىلىپ يەنە بىر قېتىم پەيدا قىلغان بىمەنە ئىش.

تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىن قارىغاندا، بۇ سىياسىي كۈلكىلىك ئويۇن ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا بولغان چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك ئەندىشىسىنى ئاشكارىلىدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە جۇڭگوغا بولغان خاتا تونۇش سەۋەبىدىن، ئامېرىكا جۇڭگونى ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتچىسى دەپ قاراپ، ھەر تەرەپلىمە بېسىم ئىشلەتتى ۋە توستى. ۋاسىتە تاللىماي جۇڭگوغا قارا سۈركەپ ھۇجۇم قىلىش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ۋاسىتە. بولۇپمۇ جۇڭگو يۇقۇمغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇپ، ئىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلەتكەندە، ئامېرىكىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن «سىياسىي ۋىرۇس»نى قويۇپ بېرىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگوغا بولغان ئىجابىي دىققەت-ئېتىبارىنى چېچىش، شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا جۇڭگوغا توسالغۇ پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلغان. بۇمۇ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قارشى ھىيلە-مىكىرلىرىدە موزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە دېگەندەك ئىش بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى «تەجرىبىخانىدىن تارقىلىپ كېتىش» دېگەن سۆزلەرگە چىڭ ئېسىلىۋالسا، ئۇنداقتا ئامېرىكا يەر شارى بويىچە «يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا بىرىنچى مەغلۇپ بولغان دۆلەت» سۈپىتىدە، تەكشۈرۈلۈشى كېرەك. ئامېرىكىدا قازا قىلغانلار ئەڭ كۆپ، بارلىق يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇس تۈپى ئاساسەن تارقالغان. ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلىشىدە گۇمانلىق نۇقتىلار كۆپ بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەزەلدىن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ باقمىدى، ئەزەلدىن يۇقۇمنىڭ دەسلەپكى ھېچقانداق سانلىق مەلۇماتى بىلەن تەمىنلەپ باقمىدى. بولۇپمۇ، ئامېرىكا دىترىكبۇرگ تەجرىبىخانىسى، شىمالىي كارولىنا داشۆسى بىيولوگىيە تەجرىبىخانىسى ۋە يەر شارىغا تارقالغان 200 دىن ئارتۇق ھەربىي بىيولوگىيە بازىسىغا قارىتا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نۇرغۇن گۇمانى ۋە دىققەت قىلغان مەسىلىلىرى بار. ئامېرىكا تېزدىن بۇلارنى ئېچىۋېتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى شەرت.

ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش بىر ئىلمىي مەسىلە، سىياسىي تەرىپىدىن كونترول قىلىنماسلىقى كېرەك. ئامېرىكا «سىياسىي مەنبەسىنى تەكشۈرۈش» بىمەنە ئويۇنىنى كۆپتۈرۈش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ. بۇ-پەقەت دۇنياغا ئامېرىكىنىڭ دەل يەر شارى بويىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ بۇزغۇنچى، ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىنىڭ «سىياسىي مەنبەسىنى تەكشۈرۈش»نى كۆپتۈرۈشتىكى بىمەنلىكى ۋە تەشۋىشى

يېقىندا، ئامېرىكا يەنە «سىياسىي مەنبەسىنى تەكشۈرۈش» بىمەنە ئويۇنىنى كۆپتۈرۈپ، جۇڭگوغا قارا چاپلاشقا ئۇرۇندى.