ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن بىمەنە گەپلەرنى قىلىدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-04-24 08:46

يېقىندا، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى قوشما ئىشتات كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى جوش خاۋلېي باشلامچىلىق بىلەن بىر قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ۋىرۇس جۇڭگو تەجرىبىخانىسىدىن چىقىپ كەتكەن» دېگەن كونا سەپسەتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنى باھانە قىلىپ، تېد كرۇز، ماركو رۇبىئو، مارشا بلاكبۇرن، رىك سكوت قاتارلىق ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ، «جۇڭگو بىر مىليوندىن ئارتۇق ئامېرىكىلىقنىڭ ئۆلۈمىگە مەسئۇل بولىدۇ» دەپ قەسەم بەردى.

بۇنداق ئويۇن ئۆتكەن ئۈچ يىلدا ئامېرىكىدا قايتا-قايتا ئوينالدى. يۇقۇم پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئو ۋىرۇسنىڭ نامىنى «جۇڭگو ۋىرۇسى» دەپ ئاتاپ، «جۇڭگو تەجرىبىخانىسىدىن چىقىپ كەتتى» دېگەن سۆزنى ئويدۇرۇپ چىقتى. قىسمەن ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى بۇ قەبىھ يولنى بويلاپ، يۇقۇمغا چېتىشلىق مەسىلىلەردە جۇڭگوغا ھەدەپ تۆھمەت چاپلىدى. «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» دە: ئەڭ يېڭى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا «يېڭى دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىلمىدى، ئەمما نۇرغۇن سىياسىي ئويۇنلار قويۇلدى» دېيىلدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇرۇنلا ۋىرۇسقا «19COVID-» دەپ نام بەرگەن، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار ھازىرغىچە ئۇنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتايدۇ؛ كۆپ دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرى جۇڭگوغا كېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق «ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس» دېگەن يەكۈننى چىقاردى، ئەمما بۇ سىياسەتۋازلار يەنىلا «جۇڭگو تەجرىبىخانىسىدىن چىقىپ كەتتى» دېگەن نەزەرىيەدە چىڭ تۇردى؛ «تەبىئەت» قاتارلىق نوپۇزلۇق ژۇرناللار ۋە ئالىملار ۋىرۇسنىڭ تەبىئىي پەيدا بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئاق ساراي ئامېرىكا قوشما ئىشتات تەكشۈرۈش ئىدارىسى، ئامېرىكا ئاخبارات ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلاردىن جۇڭگوغا قارىتا «مەنبەنى تەكشۈرۈش»نى تەلەپ قىلدى؛ سارسنىڭ مەنبەسىنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئالىملار بىرلىكتە 13 يىل تەكشۈردى، ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى ئاخبارات ئورگانلىرىدىن «90 كۈن ئىچىدە جاۋاب بېرىش»نى تەلەپ قىلدى.

ئىلىم-پەنگە تايانماي، «سىياسىي توغرىلىق»تا چىڭ تۇرۇش، مۇتەخەسسىسلەرگە تايانماي، تاراتقۇلارنى ئىشقا سېلىش، پاكىتقا ئىشەنمەي، سۇيىقەست نەزەرىيىسىگە ئېتىقاد قىلىش، مانا بۇلار دەل مۇشۇ ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرىنىڭ يالغان-ياۋىداق سۆزلەر بىلەن جۇڭگو ھەققىدە سەپسەتەلەرنى توقۇپ چىقىشتىكى بىر قانچە چوڭ «ئەڭگۈشتىرى». ئامېرىكا ئاخبارات ئاپپاراتلىرى «تەجرىبىخانىدىن چىقىپ كېتىش» نەزەرىيەسىگە ئانچە ئىشەنمىگەن، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلمىغان بولسىمۇ، بۇ كىشىلەر يەنىلا ئۇنى پارتىيە ئىچىدىكى ئۆتكۈر قورال دەپ قارايدۇ؛ ئۇلار ئاغزىدا «خەلق ئاممىسى ئۈچۈن مەسئۇل بولۇش» دەپ قويغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتىنى كۆزلەيدۇ، جۇڭگونى بېسىشتىن ئىبارەت بۇ شاھماتتا يەنە بىر ئۇرۇقنىڭ رولىنى ئوينايدۇ.

بۇنىڭ ئالدىدىكى سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئىسىملارغا قاراپ باقايلى: ئۇلارنىڭ ھەممىسى «جۇڭگوغا قارشى ئاۋانگارتلار»: جوش خاۋلېي، تېد كرۇز شياڭگاڭغا چېتىشلىق قەبىھ سۆز ـ ھەرىكەتلىرى تۈپەيلىدىن جۇڭگو تەرىپىدىن جازالاندى؛ ماركو رۇبىئو «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللاپ، «جۇڭگونى پەقەت ئۇرۇش ئارقىلىقلا باش ئەگدۈرگىلى بولىدۇ» دېدى؛ رىك سكوت «ھەر بىر جۇڭگولۇق جاسۇس» دەپ كەمسىتىپ، جۇڭگوغا قارىتا «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» قوزغاشنى تەرغىب قىلدى؛ مارشا بلاكبۇرن ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلاپ «جۇڭگونىڭ 5000 يىللىق ئالدامچىلىق ۋە ئوغرىلىق تارىخى بار» دېدى. جۇڭگوغا بۇنچە ئاداۋىتى بار ئادەم، ھەرقانداق بىمەنە سۆزلەرنى قىلالايدۇ ئەلۋەتتە.

ئامېرىكىدىكى بۇ سىياسەتۋازلار ياكى تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ سەپسەتە ئويدۇرۇپ چىقىش پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، تارىخنى تېخىمۇ ئۆزگەرتەلمەيدۇ. يۇقۇم پەيدا بولۇپ ئۈچ يىلدىن كېيىن كىم خەلقنى قوغداۋاتىدۇ، كىم كەڭ تارقىلىشنى «قارا سۈركەش»كە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇندى، كىشىلەرنىڭ قەلبىدە تارازا بار. جۇڭگو يۇقۇمنىڭ كەڭ تارقىلىشدىن مۇقىم قۇتۇلدى، لېكىن ئامېرىكىنىڭ «يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئەڭ مەغلۇپ بولغان دۆلەت» دېگەن بەلگىسى ئەمدى يوقىمايدۇ؛ جۇڭگو دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى جۇڭگوغا كېلىپ مەنبەنى تەكشۈرۈشكە ئىككى قېتىم تەكلىپ قىلدى، ئەمما ئامېرىكا ئامېرىكا بىيو تەجرىبىخانىسىنى تەكشۈرۈشنى قايتا-قايتا رەت قىلىپ، «ئوپېراتسىيە پىچىقى» يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېفرى ساكىسنىڭ «ئامېرىكا ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش مەسىلىسىدە ئامما ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارا بولمىدى، سەمىمىي بولمىدى» دېگەن تەنقىدىگە پەرۋا قىلمىدى.

ۋىرۇسقا نام بېرىش ۋە مەنبەنى تەكشۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، قورالغا ئايلاندۇرۇپ، ۋاسىتە قىلىش-ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىقتىدارسىزلىقىنى، ئۇنىڭ «رىقابەتچىسى»دىن گۇمانلىنىدىغانلىقى، ھەتتا ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ئامېرىكىغا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، دۇنياغا تېخىمۇ زىيانلىق: بەتنام چاپلاش، سۇيىقەست نەزەرىيەسى، ئەقىل-پاراسەتكە قارشى تۇرۇشنىڭ قارا كۆلەڭگىسى ئاستىدا، ئامېرىكىدا ئاسىيالىقلار پۇشىتىن بولغانلارغا قارىتىلغان ئىرقچىلىق ئۆچمەنلىك دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، ۋاكسىنىغا قارشى تۇرۇش، دېزىنفېكسىيە سۈيى ئىچىش قاتارلىق كۈلكىلىك ئىشلار يۈز بېرىپ، سانسىزلىغان ھاياتلىق تراگېدىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؛ پاكىت تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان پىتنە-ئىغۋالار ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى، تاراتقۇلار ھەتتا دۆلەتنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكتى؛ ئەسلىدىنلا ئۆزگىرىشكە تولغان، ئورتاق تونۇشقا موھتاج بولغان دۇنياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ھىيلە-مىكىرلەر تېخىمۇ يېرىق پەيدا قىلىدۇ، زىيىنى باركى پايدىسى يوق.

بەزى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگوغا قارىتىلغان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش بىر مەيدان «پېرىخون ئوۋلاش» بولۇپ، ئىراق ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى تاراتقۇلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان «كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللار» بار دېگەن يالغان گەپكە ئوخشايدۇ. مەسئۇلىيەتنى جۇڭگوغا ئارتىپ ئۆزىنى ئاقلاش-مۇقەررەر بىھۇدە ئاۋارىگەرچىلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كۈچلۈك قايتۇرما زەربىگە ئۇچرايدۇ؛ لېكىن دۇنيا كۆزىنى يوغان ئېچىپ، كۈچلۈك ھوشيارلىقنى ساقلىشى كېرەك، قانداقلا بولمىسۇن، قارا چاپلاپ ئىش تېرىشتىن ئىبارەت بۇ ئىشتا، ئامېرىكىنىڭ «قارا تارىخى» بەك كۆپ.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن بىمەنە گەپلەرنى قىلىدۇ؟

يېقىندا، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى قوشما ئىشتات كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى جوش خاۋلېي باشلامچىلىق بىلەن بىر قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،