ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

غەرب ھىندىستان نوپۇسى جۇڭگو نوپۇسىدىن ئېشىپ كەتتى دەپ، يەنە نېمىنى كۆپتۈرمەكچى؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-09 16:34

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نوپۇس فوندى جەمئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان «2023-يىللىق دۇنيا نوپۇس ئەھۋالى دوكلاتى»دا مۆلچەرلىنىشىچە، ھىندىستاننىڭ نوپۇسى بۇ يىل ئىچىدە جۇڭگودىن ئېشىپ دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلىنىدىكەن. بۇ-نوپۇس تەرەققىيات قانۇنىيىتىنىڭ نەتىجىسى، لېكىن، بەزى غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە بۇنىڭ تۈسى ئۆزگىرىپ كەتتى. غەرب تاراتقۇلىرى بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئاتالمىش «دۇنيانىڭ مۇھىم نۇقتىسىدا يۆتكىلىش بولدى»، «دۇنيا تەرتىپىدە زور ئۆزگىرىش بولدى»، «نوپۇسنىڭ پايدىسىز ئامىلى جۇڭگونىڭ گۈللىنىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى» دېگەندەك كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان بىر قاتار خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى چوڭ ئاۋارىچىلىككە ئۇچرايدىغان بولدى دەپ جار سالدى.

ئەمەلىيەتتە، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ جۇڭگو نوپۇسىنى تىلغا ئېلىشى يېڭىلىق ئەمەس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نوپۇس تۇغۇت سىياسىتىدىن ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگىچە، يەنە تۇغۇلغان نوپۇسنىڭ ئازىيىشىغىچە-ئۇلار ئۈزلۈكسىز باھانە ئىزدەپ، تېما ئويدۇرۇپ چىقتى، بۇنىڭدىكى مەقسەت-«نوپۇس پايدىسى يوقالسا، جۇڭگو خارابلىشىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ بالا-قازاغا ئۇچرايدۇ» دېگەن بىر بايان لوگىكىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت. لېكىن بۇنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىكى، ئۇلار زاۋاللىققا يۈز تۇتۇش لوگىكىسىنى توختىماي بازارغا سالغانسېرى، جۇڭگو ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، غايەت زور نوپۇس كۆلىمى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ سىجىل، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۆجىزىسىنى ياراتتى.

لېكىن، «جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىن تەشۋىشلىنىش كېسىلى»گە گىرىپتار بولغان ئاشۇ كىشىلەر بۇنىڭغا تەن بەرمىدى. ئامېرىكا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەشنى كۈچەيتىپ، «ئالاقىنى ئۈزۈش زەنجىرى»نى تەرغىب قىلىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئۇلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدىن يېڭى كۆپتۈرۈش نۇقتىسىنى تاپتى. ئۇلار جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى ۋە يول ئەۋزەللىكىنىڭ غايەت زور تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى سەۋەب ئىكەنلىكىگە قەستەن سەل قاراپ، نوپۇس كۆلىمى بىلەن تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئوتتۇرىسىغا ئاددىي ھالدا تەڭلىك بەلگىسى قويۇپ، «نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت» دېگەن تېمىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈستىدە داۋراڭ سېلىپ، ئالاقىدار كەسىپلەرنى جۇڭگودىن يۆتكىلىشكە كۈشكۈرتۈپ، «ئالاقىنى ئۈزۈش زەنجىرى»نى تېخىمۇ ئۇلغايتىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى بېسىشقا ئۇرۇندى.

بۇنداق كۆپتۈرۈشتە، نوپۇس تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان ئاساسىي تونۇش كەمچىل. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇشى ئازىيىش، تۇغۇش ئارزۇسى تۆۋەنلەش-يەر شارى ئومۇميۈزلۈك دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ قالدى. بۇ-ئىقتىسادىي تەرەققىيات باسقۇچى، كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشى ۋە ئېڭى ھەم باشقا ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن: غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. بۇنىڭغا قارىتا، غەرب تاراتقۇلىرى «نوپۇسنىڭ پايدىسىز ئامىلى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ» دېگەندەك گەپلەرنى نېمە ئۈچۈن قىلمايدۇ؟ بۇ يەنىلا «قوش ئۆلچەم» بىلەن ئويناشقانلىق ئەمەسمۇ؟

يەنە نوپۇس كۆلىمىگە قاراپ باقساق، ئۇ بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، لېكىن، ئۇنى ھەقىقىي تۈردە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش-ئايلاندۇرالماسلىقتا، شۇ دۆلەتنىڭ تۈزۈم لايىھەسى ۋە سىياسەتنى يولغا قويۇشىغا قاراش كېرەك. ئىلگىرىكى تەجرىبىلەر شۇنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدىكى، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى ھەم بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلىنالايدۇ ھەم ئېغىر يۈككە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن، تەربىيەلىنىش دەرىجىسى، كەسپى ئاجىز بولۇش، تىجارەت-سودا مۇھىتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ تەرەققىي قىلالماسلىقىنىڭ قائىدىسى دەل مۇشۇ. ھىندىستان زۇڭلىسى مودى 2019-يىلىلا ھىندىستان نوپۇسىنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىك ئېشىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئەگەر كىشىلەر تەربىيەلەنمىسە، ساغلام بولمىسا، ئۇنداقتا مەيلى ئائىلە ياكى دۆلەت بولسۇن، بەختلىك بولالمايدۇ دېگەن.

جۇڭگو-دۇنيادىكى نوپۇسى كۆپ دۆلەت، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن، «نوپۇس پايدىسى» تولۇق نامايان بولدى: يەنى دۆلەت تەرەققىيات تېز يولىغا قەدەم قويدى، دۇنيامۇ ئورتاق پايدا ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. نۆۋەتتە، جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش-كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ قالدى. ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ ئەمگەك كۈچى كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر بىلەن خوشلىشىشى، يەر شارى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ ئىلگىرىلىشى مۇقەررەر يۈزلىنىش.

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ھۆكۈم قىلىشتا، نوپۇس كۆلىمىدىن ئىبارەت بىرلا كۆرسەتكۈچكىلا ئېسىلىۋالماستىن، بەلكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈپىتى ۋە ئىقتىدارىغا قاراش كېرەك. بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ %4.5 كە يېتىپ، سىرتنىڭ كۆزلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئوخشاشلا، جۇڭگونىڭ «نوپۇس پايدىسى»غا مۇئامىلە قىلىشتا، ئومۇمىي مىقدارغا قاراش، تېخىمۇ مۇھىمى سۈپەتكە قاراش؛ نوپۇسقا قاراش، تېخىمۇ مۇھىمى ئىختىساسلىقلارغا قاراش كېرەك. ھازىر، جۇڭگودا 900 مىليونغا يېقىن ئەمگەك كۈچى بار، ھەر يىلى يېڭىدىن كۆپىيىدىغان ئەمگەك كۈچى 15 مىليوندىن ئاشىدۇ، ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ مول بولۇشى يەنىلا جۇڭگونىڭ گەۋدىلىك ئەۋزەللىكى. تېخىمۇ مۇھىمى، جۇڭگودا ئالىي مائارىپتا تەربىيەلەنگەن نوپۇس 240 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە تەربىيەلىنىش يىل چېكى 14 يىلغا يەتتى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگونىڭ «نوپۇس پايدىسى» يوقاپ كەتمىدى، «ئىختىساسلىقلار پايدىسى» شەكىللىنىۋاتىدۇ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يەنىلا كۈچلۈك.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياشانغانلار كۆپىيىش، ئاز پەرزەنت كۆرۈش قاتارلىق نوپۇسنىڭ قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىشىگە قارىتا، جۇڭگو نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا پائال تاقابىل تۇرۇش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ۋە يانداش قوللاش تەدبىرلىرىنى ئىلگىرى سۈردى. تەھلىلدە، جۇڭگو نوپۇس تەرەققىياتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، «نوپۇس پايدىسى»نى «ئىسلاھات پايدىسى»غا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قالىدۇ، دۇنيامۇ پايدىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولىدۇ دەپ ھېسابلاندى.

ئىلگىرى، غەربتىكى بەزى كىشىلەر جۇڭگونىڭ نوپۇس مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ قۇسۇر ئىزدىگەن بولسىمۇ، رېئاللىق تەرىپىدىن ئارقا-ئارقىدىن يۈزىگە كاچات يېدى؛ بۇ قېتىم، ئۇلارنىڭ كۆپتۈرۈشى ئوخشاشلا شاۋقۇن پەيدا قىلالمايدۇ، نوپۇسنى باھانە قىلىپ قۇسۇر ئىزدىشىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمايدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

غەرب ھىندىستان نوپۇسى جۇڭگو نوپۇسىدىن ئېشىپ كەتتى دەپ، يەنە نېمىنى كۆپتۈرمەكچى؟

ئەمەلىيەتتە، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ جۇڭگو نوپۇسىنى تىلغا ئېلىشى يېڭىلىق ئەمەس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نوپۇس تۇغۇت سىياسىتىدىن ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگىچە،