ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پاكىت ئالدىدا، شىزاڭغا قارا چاپلايدىغان يالغان-ياۋىداق گەپلەر ھامىنى يوقايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-31 08:41

2022-يىلى 12-ئايدا، شىزاڭدىكى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى ما جىئەن ناچۈدىن لاساغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ يۈك ئاپتوموبىللىرىغا ئېچىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خۇشخەۋەرنى ئاڭلىدى. بۇ-ئىلگىرىكى ئالتە سائەتلىك مۇساپىنىڭ ھازىر ئۈچ يېرىم سائەتكە قىسقارغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ماي پۇلى، ۋاقتى تېجىلىپ قالدى، ئاپتوموبىل زىيىنىمۇ ئازايدى.

شىزاڭ «دۇنيانىڭ ئۆگزىسى» بولغان چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىگە جايلاشقان، يول قاتنىشى تاشقى ساھەنىڭ شىزاڭنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزىتىشىدىكى ناھايىتى ياخشى كۆزنەك. ئىلگىرىكى «چىغىر يول»دىن بۈگۈنكى تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسىغىچە-ھەر بىر ئېگىزلىك يولى شىزاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا گۇۋاھچى بولدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 23-كۈنى «2023.جۇڭگو شىزاڭ تەرەققىيات مۇنبىرى»گە ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىدە، «خەلقنىڭ بەختى-ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق، تەرەققىيات-خەلقنىڭ بەختىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى» دېدى.

72 يىل بۇرۇنقى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى شىزاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغان. بۇ ۋەقە تاشقى كۈچلەرنىڭ شىزاڭنى جۇڭگودىن ئايرىپ چىقىش سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلدى. بۇ كۈن يېڭى شىزاڭنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. شۇندىن كېيىن شىزاڭدىكى دېموكراتىك ئىسلاھات مىليونلىغان يانچىنى قەد كۆتۈرگۈزۈپ ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈپ، تولۇق كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي خوجايىنىغا ئايلاندۇردى.

كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئېلىپ كەلدى. مۇنداق ئۈچ گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتقا قاراپ باقايلى: 2022-يىلى، شىزاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1951-يىلىدىكىدىن 346.8 ھەسسە ئاشتى؛ شىزاڭلىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى تىنچ ئازاد قىلىنغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى 35.5 ياشتىن ھازىرقى 72.19 ياشقا يۇقىرىلىدى؛ شىزاڭنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىدە، تىنچ ئازاد قىلىنىشتىن ئىلگىرىكى %95 تىن يۇقىرى ساۋاتسىزلىق نىسبىتىدىن بۈگۈنكى كۈندە ساۋاتسىزلىقنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، 15 يىللىق ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن تەربىيەلەش سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلدى.

بولۇپمۇ يېقىنقى ئون يىلدا، شىزاڭنىڭ ھەر يىللىق مالىيە كىرىمىنىڭ %80 تىن كۆپرەكى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە ئىشلىتىلىپ، مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇميۈزلۈك كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلىندى. 2019-يىلى، شىزاڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، كۆك نامراتلىقتىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇپ، ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقتى. ۋېنېسۇئېلانىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى جۇسېپې يوفرىدا يۇرىئو شىزاڭنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش ساھەسىدىكى جانلىق ئەمەلىيىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ دېدى.

جۇڭگونىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. 2022-يىلى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ سانائەت ئىقتىسادى ۋە رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %19 كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ قوشۇلما قىممىتى 20 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، يىللىق نىشان نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلىنىپ، ئىككى يىلدا ئوتتۇرىچە %16 كۆپەيدى. بىر تۈركۈم رەقەملىك ئىقتىساد تۈرلىرى ئەمەلىيلىشىپ، يېڭى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشنى قوللىنىش تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شىزاڭنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇلدى.

يېشىل رەڭ-شىزاڭ تەرەققىياتىنىڭ تەڭ رەڭگى. ئاسىيادىكى نۇرغۇن چوڭ دەريالارنىڭ مەنبەسى بولغان چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكى ئاسىيانىڭ مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى بولۇپ، يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئېگىزلىك مۇھىتىنى قوغداشنى تەرەققىياتنىڭ قىزىل سىزىقى قىلدى. نۆۋەتتە، شىزاڭدىكى ئېچىش چەكلەنگەن ۋە چەكلىمە قويۇلغان رايونلارنىڭ كۆلىمى پۈتۈن ئاپتونوم رايون يەر كۆلىمىنىڭ %80 نى ئىگىلەيدۇ.

شىزاڭ ئاپتونوم رايونى لىنجى شەھىرىنىڭ نەنيى جىلغىسىدا، يەرلىك كىشىلەر تاغ-دالىلارنى قاپلىغان ئۈشنىلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۈشنىنىڭ مۇھىتقا بولغان تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى، ھاۋادا ئازراق بۇلغىنىش بولسا ياشىيالمايدۇ دېدى. بۇ بىر تەرەپتىن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئېيتقان «چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنى پۈتۈن مەملىكەت ھەتتا خەلقئارا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئېگىزلىكىگە ئايلاندۇرۇش»نىڭ رېئاللىققا ئايلانغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ھازىر شىزاڭ يەر شارى بويىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئەڭ ياخشى رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

شىزاڭنىڭ تەرەققىيات يولى بارغانسېرى ياخشىلاندى، لېكىن، غەربتىكى بەزى سىياسەتۋازلار جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىزاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى غايەت زور تىرىشچانلىقىنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئۈزلۈكسىز كۆپتۈردى. ئۇلارنىڭ غەرىزىنى خەلقئارا جەمئىيەت ناھايىتى ئېنىق كۆرۈپ يەتتى. ھىندىستانلىق ئالىم ۋېي خەن مۇنداق دېدى: غەربتىكى بەزى كىشىلەر ئىشخانىسىدا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ ئولتۇرىدۇ، ئەمما، شىزاڭ خەلقىنىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشاش زامانىۋى مەدەنىيەتكە قەدەم قويۇشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ، زاڭزۇ ئاممىسىنىڭ كىنوخانىغا كىرىش ھوقۇقى بار، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ياساش ھوقۇقى بار. ئۇلار بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە يۇرت-ماكانىنىڭ مۇھىتىنى قوغدىدى.

جۇڭگو ياخشى بولغاچقا، شىزاڭ ياخشى. نۆۋەتتە، جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، شىزاڭمۇ يېڭى تەرەققىيات باشلانمىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئۆز تەرەققىياتىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، شىزاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، شىزاڭ ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ. پاكىت ئالدىدا، شىزاڭغا قارا چاپلايدىغان يالغان-ياۋىداق گەپلەر ھامىنى يوقايدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پاكىت ئالدىدا، شىزاڭغا قارا چاپلايدىغان يالغان-ياۋىداق گەپلەر ھامىنى يوقايدۇ

2022-يىلى 12-ئايدا، شىزاڭدىكى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى ما جىئەن ناچۈدىن لاساغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ يۈك ئاپتوموبىللىرىغا ئېچىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خۇشخەۋەرنى ئاڭلىدى