ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىن پايدىلىنىپ ياۋروپانىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-01 13:23

ئۇكرائىنا كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، ئامېرىكا ئوت بىلەن ئوينىشىپ ئۇرۇشقا ياردەم بېرىش، ئەڭ يۇقىرى چەكتە جازالاش بىلەن ھەدەپ ھەپىلىشىپ، كىرىزىسنى كېڭەيتىۋېتىش، ئۇزاققا سوزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ياۋروپادا ئەڭ چوڭ رايون سىياسىي ئاپىتى پەيدا قىلدى. ئامېرىكا كىرىزىستىن پايدىلىنىپ ياۋروپانى ئېنېرگىيە ۋە خەۋپسىزلىك جەھەتتە ئامېرىكىغا تايىنىشقا يەنىمۇ قىستاپ، ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەدە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشىنى چەكلىدى. خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىشى ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي خىراجەتنى ئۆستۈرۈشىگە سەۋەبچى بولدى، ئامېرىكا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پايدا ئالدى. ئۇرۇش ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي زىيان ۋە مۇساپىرلار كىرىزىسىنى ياۋروپا دۆلەتلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولدى.

ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇداپىئە مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئانتونى كوردىسمان ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ئۈزلۈكسىز كەسكىنلەشتۈرۈشى-پايدىسى تەننەرختىن خېلىلا ئېشىپ كېتىدىغان مەبلەغ سېلىش بولۇپ، ئامېرىكىنى غايەت زور ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتكە ئىگە قىلدى دەپ قارىدى. ئىتالىيەنىڭ سابىق مۇئاۋىن ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرى مىچىل گېراچى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۈزلۈكسىز شەرققە كېڭىيىشى-ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن مەنبەلەرنىڭ بىرى، بۇ كىرىزىسنىڭ بەدىلىنى ئاساسلىقى ياۋروپا ئۈستىگە ئالىدۇ، دېدى.

ئامېرىكا ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتتى. 4-ئاينىڭ 4-كۈنى، فىنلاندىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ 31-ئەزاسىغا ئايلاندى. فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى نىنىستو فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى بۇ دۆلەتنىڭ ھەربىي ئىتتىپاق تۈزمەسلىك دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دېدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سىتولتېنبېرگ بۇ-شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تارىخىدىكى ئەڭ تېز ئەزا بولۇش مۇساپىسى، بىز يەنە شۋېتسىيەنىڭ تېزراق ئەزا بولۇشىنى كۈتمەكتىمىز دېدى. تەھلىلچىلەر ئۇزۇندىن بۇيان ھەربىي ئىتتىپاق تۈزمەسلىكنى يولغا قويۇپ كەلگەن فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيە بۇلتۇر 5-ئايدا بىرلا ۋاقىتتا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىپ، ياۋروپا خەۋپسىزلىكىنىڭ ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەرىپىدىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىستراتېگىيەلىك باغلانغانلىقىدەك رېئاللىقنى گەۋدىلەندۈردى، دېدى.

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز شەرققە كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەۋجۇتلۇق بوشلۇقىنى قىسىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپانىڭ سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتتى. ئۇكرائىنا كىرىزىسى پارتلىغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى «ۋېرسال خىتابنامىسى»، «خەۋپسىزلىك ۋە مۇداپىئە ئىشلىرى ئىستراتېگىيەلىك كومپاسى»نى ماقۇللاپ، خەۋپسىزلىك ۋە مۇداپىئە ئىشلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكە ئۇرۇندى. لېكىن، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خەۋپسىزلىك، مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئىستراتېگىيەدە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش مۇساپىسى يەنىلا نۇرغۇن توسالغۇلارغا ئۇچرىدى. تەخىرسىز خەۋپسىزلىك، مۇداپىئە ئېھتىياجى ياۋروپانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بولغان باغلىنىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئامېرىكىغا تايىنىشنى كۈچەيتىشىگە سەۋەبچى بولدى. ئامېرىكا بولسا ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىتتىپاقداشلىرىدىن پايدا ئۈندۈردى.

ئەنگلىيە لوندون سىياسىي-ئىقتىساد شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى روبېرت ۋېد مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنىڭ يوللۇقلىقى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يوللۇقلىقى، غەربنىڭ ھەربىي خىراجەت خامچوتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشىنىڭ يوللۇقلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، رۇسىيە چوقۇم دۈشمەن دەپ قارىلىشى كېرەك، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى كەسكىنلەشتۈرۈش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن، رۇسىيەنى چۈشەپ قويسا، يەنە بىر تەرەپتىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىچىدىكى ئەزالىرىغا يېپىشىۋالدى.

ئەنگلىيە iNews (ئاينيۇز) تور بېكىتىدە مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: ئامېرىكا رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدىكى چوڭ ئۇتقۇچى، ياۋروپا بولسا مەغلۇپ بولغۇچى، ئامېرىكا ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىن پايدىلىنىپ ھىيلىگەرلىك بىلەن قاقتى-سوقتى قىلىپ، ياۋروپانى «قۇرۇقداپ قويدى». ئامېرىكىغا سېلىشتۇرغاندا، ياۋروپا ئۇرۇش ئېلىپ كەلگەن سەلبىي تەسىرنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۈستىگە ئالدى. ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 20-ئەسىردە، ئامېرىكا ياۋروپانىڭ پارچىلىنىشى، ئىسسىق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى بىلەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ گىرەلىشىشىدىن پايدىغا ئېرىشىپ ئۆزىنى كۈچەيتتى، بۇ قېتىم، ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالغان ياۋروپا ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشتى.

تۇڭجى داشۆسى گېرمانىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ پىروفېسسورى ۋۇ خۇيپىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: خەۋپسىزلىك، مۇداپىئە ئىشلىرى ئەسلىدە ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەدە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەسلى مەقسىتى شۇنداقلا ئەڭ ھالقىلىق سىياسەت ساھەلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇكرائىنا كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، ياۋروپا ئەسلى مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا تايىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى، ئامېرىكا ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتتى.

فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى دېگولنىڭ نەۋرىسى، ئىقتىسادشۇناس پىئېر دېگول ئۇكرائىنا كىرىزىسى كەسكىنلەشكەندىن كېيىنكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئەسلەپ، يېقىندا، فىرانسىيە «پارىژلىقلار گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا ئۇرۇش قوزغاپ ياۋروپانى بېقىندىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى، ئامېرىكا ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىن پايدىلىنىپ ياۋروپانىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، دېدى.

ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراغ كارخانىلىرى غايەت زور پايدىغا ئېرىشتى. شىۋېتسىيە سىتوكھولم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقاتخانىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا، ئۇكرائىنا كىرىزىسى پارتلىغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ياۋروپا دۆلەتلىرى دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىنى بەس-بەستە ئۆستۈردى، دېيىلدى. دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، 2022-يىلى، ياۋروپانىڭ ھەربىي خىراجەت چىقىمى 2021-يىلىدىكىدىن %13 ئېشىپ، 30 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور ئېشىش نىسبىتى بولۇپ قالغان. ئەنگلىيە ئاقىللار ئامبىرى خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقاتخانىسى ئېلان قىلغان «2022-يىللىق ھەربىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقى دوكلاتى»دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تەسىرىدە، 2022-يىلى ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي خىراجىتى تېز ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، 16 دۆلەت ھەربىي خىراجەت چىقىمىنى ئۆستۈردى، 12 دۆلەتنىڭ ھەربىي خىراجەت چىقىمىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاشتى، ئۇندىن باشقا، يەتتە دۆلەت قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھەربىي خىراجەت چىقىمىنىڭ نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى پىلانلىدى.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئۇكرائىنانى داۋاملىق قورال بىلەن تەمىنلىدى، ئۆزىمۇ ئارمىيەنى كېڭەيتىش مۇساپىسىنى باشلىدى، بۇ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراغ سودىگەرلىرىنى پايدىغا ئېرىشتۈردى. ئەنگلىيە خان جەمەتى خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقاتخانىسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى تىموس ئاش ماقالە ئېلان قىلىپ: ئۇكرائىنا كىرىزىسى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە چىقىمىنى تېز ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ چىقىمنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئامېرىكىنىڭ جابدۇقلىرىنى سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئۇكرائىنا كىرىزىسى ياۋروپانىڭ ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراغلىرى ۋە ھەربىي جابدۇقلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ياۋروپا دۆلەتلىرى بىر تەرەپتىن نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن قوراللارنى سېتىۋېلىپ ئۇكرائىناغا يۆتكىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئۈزلۈكسىز خوراۋاتقان ئوق-دورا ئامبىرىنى تولۇقلاۋاتىدۇ. ئامېرىكا «دىپلوماتىيە سىياسىتى»ژۇرنىلىنىڭ تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، 2021-يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 2022-يىلى ئامېرىكا تەستىقلىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە قورال سېتىپ بېرىش سانى ۋە سوممىسى بىر ھەسسىگە يېقىن كۆپەيگەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇداپىئە بىخەتەرلىك ھەمكارلىق ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە زور ھەربىي قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش پىلانىنى 14 قېتىم تەستىقلىغان، قىممىتى تەخمىنەن 15 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. 2022-يىلى، بۇ خىلدىكى تەستىققا ئېرىشكەن زور ھەربىي قورال-ياراغ سېتىش مىقدارى 24 قېتىمغا يەتكەن. بۇنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 28 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە فىنلاندىيەگە سېتىپ بەرگەن ھەربىي قورال-ياراغنىڭ قىممىتى 1 مىليارد 240 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

ياۋروپادىكى ئۇرۇش ئوتى ئامېرىكىلىق قورال-ياراغ سودىگەرلىرىنىڭ غايەت زور پايدىغا ئېرىشىشىدىكى تېپىلغۇسىز پۇرسەت بولۇپ قالدى. ئامېرىكىدا ياسالغان كالىبىرى 155 مىللىمېتىر كېلىدىغان شراپنېللىق توپ ئوقىنى مىسالغا ئالساق، ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا ئۇكرائىنانى بىر مىليون پاي بۇ خىل توپ ئوقى بىلەن تەمىنلىدى، ھەر بىر پاينىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 800 ئامېرىكا دوللىرى كېلىدۇ. كەلگۈسى ئىككى يىلدا، ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراغ سودىگەرلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھەر ئايدا 30 مىڭدىن 90 مىڭغا يەتكۈزۈپ، ئامېرىكا ۋە نورۋېگىيە، فىنلاندىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيەنىڭ ئوق-دورا ئامبىرىنى تولۇقلايدۇ.

گەرچە ئامېرىكىنىڭ دوۋ جونېس سانائەت ئوتتۇرىچە كۆرسەتكۈچى 2022-يىلى پۈتۈن يىلدا %10 چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىنى ھۆددىگە ئالغۇچى كارخانىلارنىڭ پاي باھاسى يەنىلا زور دەرىجىدە ئۆستى، بۇنىڭ ئىچىدە نوسىروپ گرۇمان شىركىتىنىڭ پاي باھاسى شىددەت بىلەن %40 كە يېقىن ئۆستى. لوكخىد مارتېن شىركىتىنىڭ پاي باھاسى %30 تىن ئاشتى. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىن بۇيان، ياۋروپانىڭ ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراغلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ تېز ئېشىشى-ئامېرىكىدىكى بىر قانچە چوڭ ھەربىي سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پاي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، بازار قىممىتى 35 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاشتى.

ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەدە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش تەلىپى توسالغۇغا ئۇچرىدى

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ياۋروپادىكى كۆپلىگەن رەھبەرلەر ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەدە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشىنى تەكىتلىدى. فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون يېقىندا مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەسلى ئۆزىگە تەۋە بولمىغان كىرىزىسقا پېتىپ قالماسلىقى كېرەك، ئىستراتېگىيەدە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشچانلىقنى بەرپا قىلىش ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بېقىندى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم.

ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەدە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش تەلىپى بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىدى، لېكىن ئامېرىكىنىڭ ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن توسالغۇ بولىشىغا ۋە قارشىلىقىغا ئۇچراپ كەلدى. ئۇكرائىنا كىرىزىسى داۋاملىشىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىدە يەنە ئوڭۇشسىزلىق كۆرۈلۈپ، قىسمەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ پەسكويغا چۈشۈپ قالدى. ياۋروپا ئاقىللار ئامبىرىنىڭ ياۋروپا تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتى مۇنداق دەپ قارىدى: ئۇكرائىنا كىرىزىسى ياۋروپانىڭ ھالقىلىق پاسىلى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى، ھۆكۈمەتنىڭ مەيدانى بىلەن ئاممىنىڭ كەيپىياتى ئوتتۇرىسىدىكى، شەرقىي ياۋروپا بىلەن غەربىي ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ كۈچەيمەكتە. بۇ كومىتېتنىڭ بۇلتۇر ئېلان قىلغان: «تىنچلىق ۋە ھەققانىيەت: ياۋروپا پات ئارىدا ئۇكرائىنا كىرىزىسى تۈپەيلىدىن پارچىلىنىدۇ» ناملىق دوكلاتىدا: كۆپ ساندىكى ياۋروپالىقلار ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۇرۇشتا ئاساسلىق ئۇتتۇرغۇچى دەپ قارىدى، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى.

«ۋېنگىرىيە دېموكراتلىرى» ژۇرنىلى مۇخبىرلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سالما جولگى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى يېتەكچى كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى قورال دەپ قاراپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە ھەر خىل تاشقى توقۇنۇشلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان توقماق قىلدى. فىرانسىيە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى پاسكال بونفاس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا ئۆزىنىڭ خەۋپسىزلىك ئاچقۇچىنى چەت ئەلگە تاپشۇرۇپ بەرسە بولمايدۇ. ئامېرىكىلىقلار ياۋروپانى جازالىغان چاغدا ياۋروپانى ئىتتىپاقداش دەپ قارىمايدۇ، بەلكى بىزنى چوقۇم بويسۇنۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ.

دىپلوماتىيە شۆيۈەنى خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ پىروفېسسورى لى خەيدۇڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ ياۋروپاغا قىلغان-ئەتكەنلىرى ئامېرىكا دىپلوماتىيەسىنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى، ئۇ بولسىمۇ كىرىزىسقا خۇمار بولۇپ قىلىش، كىرىزىس پەيدا قىلىش، كىرىزىستىن پايدىلىنىش. ئامېرىكا ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ئۇلغايىتتى، بۇ ئارقىلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات رىتىمىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالدى. ھەر قايسى دۆلەتلەر تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىپ ھەربىي ھازىرلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەجبۇر بولدى، بۇ ماھىيەتتە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغانلىق. ئامېرىكا پەقەت ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ، چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتىگە مەپتۇن بولۇپ، ئىتتىپاقداشلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. لى خەيدۇڭ: ئامېرىكىنىڭ نەزىرىدە ياۋروپانىڭ كىرىزىسى ئامېرىكىنىڭ پۇرسىتى، دېدى.

ياۋروپا تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ ئالىي سىياسەت تەتقىقاتچىسى ئۇررىك فىرانك: ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشى ياكى ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە بولۇش غايىسى ۋە ئىدىيەسى ئۆزگەرمەسلىكى كېرەك. ياۋروپا ئامېرىكىغا بىۋاسىتە تايانماي، تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشقا، تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىشقا موھتاج، دەپ قارىدى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىن پايدىلىنىپ ياۋروپانىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى

ئۇكرائىنا كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، ئامېرىكا ئوت بىلەن ئوينىشىپ ئۇرۇشقا ياردەم بېرىش، ئەڭ يۇقىرى چەكتە جازالاش بىلەن ھەدەپ ھەپىلىشىپ،