ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو بىلەن قانداق ئالاقە قىلىش كېرەك؟ ئامېرىكا كىسسىنگېرنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى قوبۇل قىلىشى زۆرۈر

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-03 11:13

يېقىندا، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ دىققەتكە سازاۋەر دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى، دوكتور كېسىنگىر 100 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگونىڭ ئۇنىڭ يۈز ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مېھىر-مۇھەببەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئەنئەنىسىنى نامايەن قىلغانلىق، ھەمدە «جۇڭگو خەلقىنىڭ بۇ قەدىناس دوستى»نىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتقانلىق ۋە ئېھتىرام بىلدۈرگەنلىك.

يۈز ياشقا كىرگەن كىسسىنگېرنىڭ دىپلوماتىيە ھاياتىنى ئەسلەيدىغان بولساق، ئۇنىڭ 1971-يىلى بېيجىڭدا مەخپىي زىيارەتتە بولۇشى ئۆچمەس ئىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇ يىلى، كېسىنگىر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئەينى چاغدىكى رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە دۆلەت ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغان ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولغان، بۇ ھازىرغىچە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىغا ۋە دۇنياغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتمەكتە. 50 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، جۇڭگو ئامېرىكىغا قاراتقان سىياسىتىدە سىجىللىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگونى خاتا چۈشىنىپ، جاھىللىق بىلەن جۇڭگونى ئەڭ ئاساسلىق رەقىبى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك خىرىس دەپ قاراپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يولدىن چەتنەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شۇنداقلا دۇنيانى ئەنسىزلىككە سېلىپ قويدى.

ئامېرىكا «دەۋر ھەپتىلىك» ژۇرنىلى يېقىندا مۇنداق دەپ باھا بەردى: ھازىرقى ھەقىقىي كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيادا، كېسىنگىر ئەپەندىنىڭ ئەمەلىيەتچىل پوزىتسىيەسىنىڭ ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك زۆرۈر ئىكەنلىكى نامايەن بولماقتا. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يەنە بىر قېتىم ئاچا يولغا كەلدى، ئاق ساراينىڭ تەدبىر بەلگىلەش قاتلىمىنىڭ ھەقىقەتەن يۈز ياشلىق بۇ بوۋاينىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىكى ئەقىل-پاراسىتىنى ئۆگىنىشى ۋە قوبۇل قىلىشى زۆرۈر.

بىرىنچى، كېسىنگىر ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى رېئالىزملىق نەزەر بىلەن ئىدراكىي، ئەمەلىي چۈشىنىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، كېسىنگىر ئەينى يىلى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى مۇزنى يېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدىغۇچى نېمىشقا بىرلا ۋاقىتتا «جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى» غا ئايلاندى؟ بۇ يەردە «رېئالىزم»نىڭ كىسسىنگېرنىڭ دىپلوماتىيە ھاياتىدىكى روشەن بەلگە بولغانلىقىنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز، بۇ بەلگە دۆلەت مەنپەئەتىنى ئىدېئولوگىيەدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇش، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى توغرا ئىگىلەش، تاشقى ئىستراتېگىيەنى ئىدراكىي، ھەقىقىي ۋە ئەمەلىي تۈزۈش، دېگەن مەنىگە ئىگە. ئۇ بۇ نۇقتىنى ئاساس قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلدى، ھەمدە بۇنداق قىلىش ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، دەپ قارىدى.

لېكىن بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى يۈكسەك دەرىجىدىكى ئېنىقسىز ھېسسىياتتا چۈشىنىپ، ئاتالمىش «قىممەت قارىشى دىپلوماتىيەسى»نى يولغا قويۇپ، لاگېر بولۇپ قارشىلىشىدىغان «كىچىك چەمبىرەك» تەشكىللەپ، نۆل يىغىندىلىق تىركىشىش پەيدا قىلماقتا. كېسىنگىر بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشە قىلدى. 2019-يىلى ئۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ تاغ باغرى» دا تۇرۇۋاتىدۇ، دېدى. ئۇ يېقىندا «ۋول كوچىسى گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتىدە ئۆزىنى «ھەققانىي» دەپ باشتىن-ئاخىر ماختانسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە باشقا دۆلەتلەر ئېتىراپ قىلمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

ئېنىقكى، ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى توغرا چۈشىنىشنى ئۆگىنىشى، دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداشنىڭ جۇڭگو بىلەن دۈشمەنلىشىشكە، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا بېسىم پەيدا قىلىشقا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. بۇ جەھەتتە، دوكتور كېسسىنگېر ئىجابىي ئۈلگە كۆرسىتىپ بەردى.

ئىككىنچى، كېسسىنگېر ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيەسىنى كەسپىي روھ بىلەن تېخىمۇ «ساپ» ئىلگىرى سۈردى، ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىدىغان ئىشلارنى قىلمىدى. كېسىنگىر مەيلى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بولسۇن ياكى ئوتتۇرا شەرققە ئارقا-ئارقىدىن بېرىپ دىپلوماتىيە پائالىيىتىدە بولسۇن، نۇرغۇن دىپلوماتىيە ھەرىكەتلىرىدە بىر كەسپى دىپلوماتنىڭ ساپاسىنى نامايەن قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى پارتىيە-گۇرۇھلار ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشنى شەخسىي مەنپەئەت بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېلىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلانغان. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار پارتىيە گۇرۇھلار سىياسىيسىنى كۆپرەك چىقىش قىلىپ، دۆلەتنىڭ تاشقى ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي فىشكىنى قولغا ئېلىۋېلىشنىڭ قورالى، شەخسىي سىياسىي مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋېلىپ، ئىدراكىي ۋە ئەمەلىي بوشلۇقنى زور دەرىجىدە قىستى. بۇ جەھەتتە، ئۇلاردا كېسىنگىردەك كەسپىي ساپا كەمچىل، شۇنداقلا تولۇقلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى يەنە نەزەر دائىرىسىنى يىراققا قارىتىپ، تارىخقا مەسئۇل بولۇش ئۇسۇلى بىلەن تاشقى ئىستراتېگىيەنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. نۇرغۇن تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كېسىنگىر خەلقئارا مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتىنى چىڭ تۇتقان، ھەمدە دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئويلاشقان. ئۇ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ھەققىدە كۆپ قېتىم مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى-جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت جەمئىيىتىدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشكە باغلىق؛ جۇڭگو-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئەگەر يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى پارتلىسا ئىككى دۆلەتكىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنياغىمۇ ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ يۈز ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ھارپىسىدا زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ: ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ تىنچ چىقىشىپ ئۆتۈش ياكى ئۆتەلمەسلىكىگە باغلىق، دەپ قايتا كۆرسەتتى ھەمدە ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرىغا جۇڭگونىڭ ئەندىشىسىنى ئەستايىدىل ئويلىشىش تەكلىپىنى بەردى.

تارىخ ئەڭ ياخشى دەرسلىك. يېرىم ئەسىر ئىلگىرى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىجادىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، نۆۋەتتىكى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئىلھام ۋە ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىگەن. جۇڭگو جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ 50 نەچچە يىللىق تەجرىبىسىنىڭ جۇغلانمىسى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭى دەۋردىكى توغرا چىقىشىپ ئۆتۈش يولى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو بىلەن قانداق ئالاقە قىلىش كېرەك؟ ئامېرىكا كىسسىنگېرنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى قوبۇل قىلىشى زۆرۈر

يېقىندا، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ دىققەتكە سازاۋەر دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى، دوكتور كېسىنگىر 100 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزدى.