جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى باشتىن-ئاخىر قوبۇل قىلىش داۋامىدا تولۇقلىنىپ يېڭىلىنىپ كەلدى
باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گەۋدىلىك سىغدۇرۇشچانلىققا ئىگە، ئۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش تارىخىي يۆنىلىشىنى تۈپتىن بەلگىلىگەن، جۇڭگودىكى ھەر قايسى دىنىي ئېتىقادلارنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان، ئىناق ئۆتىدىغان ئەندىزىسىنى بەلگىلىگەن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيلىكىدىن قوبۇل قىلىشتىكى كەڭ قورساقلىقىنى بەلگىلىگەن.
جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بۇ قەدەر رەڭدار، مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق بولۇشى ئۇنىڭ قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت سىغدۇرۇشچان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغانلىقىدا. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2022-يىلى7-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيغا بېرىپ، «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، مىللىي تارىخىي داستان «ماناس» ئېيتىشىشنى كۆردى ھەم «ماناس»غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرى بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر تەسىرلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا، ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ھەر قايسى مىللەتلەر مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن.
باش شۇجى شى جىنپىڭ 2021-يىلى7-ئايدا، شىزاڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە، باگو كوچىسىنىڭ قىياپىتىنى پىيادە كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: مىڭ يىللىق باگو كوچىسى بىز ھەر مىللەت خەلقى بەرپا قىلغان باگو كوچىسى. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى بۇ يەردە ئالماشقان، ئالاقىلاشقان، ئارىلاشقان، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسى بۇ يەردە شاد-خۇراملىققا چۆمگەن.
جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ھەر قايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇغلانمىسى. بۈگۈنكى كۈندە، خەنزۇلارنىڭ «يۈەنشياۋ بايرىمىلىق پانۇس سەيلىسى»، ئۇيغۇرلارنىڭ «مەشرەپ»، قازاقلارنىڭ «ئايتىس» قاتارلىق مىللىي ئۆرپ-ئادەت پائالىيەتلىرى كەڭ ئالقىشلانماقتا؛ لاسا بۇدالا سارىيى تارىخىي ئىمارەتلەر توپى، خۇڭخې خانى پەلەمپەي ئېتىز مەدەنىيەت مەنزىرىسى، تۇسى خارابىسى قاتارلىق مىللىي گۆھەرلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى، دۇڭزۇ ناخشىسى، زاڭزۇ تىياتىرى قاتارلىق مىللىي ئەنئەنىۋى سەنئەتلەر ئىنسانىيەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئايلاندى ھەمدە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىندى ۋە قوغدالدى. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گەۋدىلىك سىغدۇرۇشچانلىققا ئىگە، ئۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىدىكى تارىخىي يۈزلىنىشنى تۈپتىن بەلگىلىگەن. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئۆز ئارا گىرەلىشىپ چاقنىدى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان تولۇقلىنىپ يېڭىلىنىپ كەلدى، بۇمۇ جۇڭگونىڭ قۇدرەتلىك مەدەنىيەت ئىشەنچىنىڭ مەنبەسى.
مىسىر خېلىۋان داشۆسى گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ئەھمەد ناۋال «سەنئەت يىپەك يولى» جۇڭگونى زىيارەت قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كەلگەن سەنئەتكارلار بىلەن بىللە شىنجاڭغا بېرىپ، شۇ جاينىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە رەڭدار ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قانغۇچە كۆرۈپ، شۇ جايدىكى ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈپ، گۈزەل تۇرمۇشنى بىرلىكتە يارىتىش جەريانىدىكى ئىتتىپاقلىقى، دوستلۇقىنى ھېس قىلدى. ئۇ: شۇ جايدىكى بىر كىچىك ئاشخانىدا، ئوخشىمىغان مىللەتتىن بولغان كىشىلەرنىڭ بىللە ئولتۇرۇپ مەززىلىك تائاملارنى يەپ، قىزىق پاراڭلشىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، دېدى.
رۇسىيەلىك شەرقشۇناس ۋىلادىمىر زاخاروۋ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى جۇڭگونىڭ پۇرسەت باراۋەر بولغان جەمئىيەت بەرپا قىلغانلىقىدا گەۋدىلىنىدۇ، بۇ يەردە كىشىلىك ھوقۇق ھۆرمەتلەندى، خەلقنىڭ دېموكراتىك قاتنىشىش ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولدى.
فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى رافارىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۇلۇغ تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆپ تەرەپچىلىك، باراۋەر سۆزلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋە تېخىمۇ ياخشى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق، يولغا قويۇشقا بولىدىغان ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رەئىس شى جىنپىڭ بۇ يىل 2-ئايدا، ئافېنا داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ۋىلۋىداكىس قاتارلىق گىرېتسىيەلىك ئالىملارغا جاۋاب خەت يېزىپ، جۇڭگو-گىرېتسىيە مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىش مەركىزىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. گىرېتسىيە خەلقئارا مەسىلىلەر ئالىمى گېئورگى زوگوپۇلۇس مۇنداق دېدى: بۇ جۇڭگونىڭ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنى قوبۇل قىلىدىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان پوزىتسىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ 2019-يىلى، گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولغاندا مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى، گىرېتسىيە ئالىملىرى بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھاملاندى. ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك جەھەتتىكى سۆزلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ ئۆرنەك قىلغاندىلا، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئاندىن گۈزەل دۇنيانى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، مەدەنىيلىك نۇرىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرالايدۇ.
ئامېرىكا جۇڭگو-ئامېرىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى سۇلاب گۇپۇتا مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى باشقىلارغا تاڭمايدۇ، بەلكى سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىش، تەڭ ئىلگىرىلەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بۇ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئالبانىيە دۇنياۋىلاشتۇرۇش تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى مارسېلا مۇسابېلۇ مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن بۇيان، مۇتەخەسسىس، ئالىملار جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئىزچىل تەتقىق قىلدى ۋە شەرھلىدى. بىز ئۇنىڭ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق، بۇ ئېنىقكى دۇنيا بويىچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇشى كېرەك.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت