«خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم سۇپا»
ئون يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش دۇنيا مىقياسىدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە دوستانە ئالاقىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ نەتىجىلەر «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسىغا قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى. گۋىنىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئامىنىتا كويتا يېقىندا مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: گىۋىنېيە جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.
كويتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن دۇنياۋى ئاممىۋى مەھسۇلات ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلىنىپ، تەڭ قۇرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد سودا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى، ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش قاتارلىقلارنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان پوزىتسىيەدە بولۇپ، تەڭ قۇرىدىغان دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلدى. بولۇپمۇ گىۋىنېيە قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەشەببۇس تېخنىكا، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مەدەت بەردى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى داۋاملىق خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم سۇپا بولۇپ قالىدۇ.
«بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە، جۇڭگو بىلەن گىۋىنېيەنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. 2021-يىلى 6-ئايدا، پۈتۈنلەي جۇڭگو ئۆلچىمى، جۇڭگو تېخنىكىسى ۋە جۇڭگو ئۈسكۈنىلىرى ئىشلىتىلگەن گىۋىنېيە داپىلون-سانتو تۆمۈر يولىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى، بۇ گىۋىنېيە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن بۇيان ياسىغان تۇنجى زامانىۋى تۆمۈر يول؛ بۇ يىل 4ـ ئايدا، جۇڭگو كارخانىلىرى ھۆددىگە ئالغان گىۋىنېيە كوناكرى كاگبېيلۇن ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى پۈتۈپ قاتناش باشلىنىپ، پايتەخت كوناكرى بىلەن ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئاساسلىق قاتناش تۈگۈنىگە ئايلاندى؛ گۋىنىيەنىڭ مارېبايايا پورتى بىلەن غەربىي ماڭدۇ كان رايونىنى تۇتاشتۇرىدىغان جىندىيا تونېلى تۈرى قۇرۇلۇۋاتىدۇ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن گۋىنىيەنىڭ مۇھىم تىرانسپورت يولىغا ئايلىنىپ، لىنىيە بويىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدۇ... كويتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قاتناش ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى گىۋىنېيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىش، خەلقنىڭ بەخت سائادىتىنى ئاشۇرۇشتىكى ھەمكارلىق نەتىجىسى، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق گۋىنىيەگە مۇھىم تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ.
كويتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرىدىغان دۆلەتلەر بىلەن يېشىل، رەقەملىك، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، دۇنياۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇۋاتىدۇ. گىۋىنېيە بىلەن جۇڭگو زىچ ھەمكارلىشىپ، نۇرغۇن يېشىل ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقىتىلغان كارېتا سۇچىلىق تۈگۈنى، سۇئاپىتى سۇچىلىق تۈگۈنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مول ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا كەڭ بوشلۇق ھازىرلاپ بەردى. ئىككى تەرەپ تىرىلمە ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، مۇھىت ۋە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتسە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل كەلگۈسىنى ياراتسا بولىدۇ.
كويتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئەركىن سودىنى قوغداش، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تىرىشچانلىقى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدا ئىنتايىن مۇھىم. سودا قورۇقچىلىقى باش كۆتۈرۈۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرىدىغان باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ تېز ئېشىشى بۇنىڭ ياخشى ئىسپاتى. جۇڭگو تاموژنا بېجى سەۋىيەسىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىش، تۈرلۈك غەيرىي تاموژنا بېجى توسۇقىنى تۈگىتىش، تاموژنىنى قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئېچىۋېتىلگەن ئىشىكنى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋەتتى. كويتا مۇنداق دېدى: جۇڭگو گىۋىنېيە ۋە باشقا ئافرىقا دۆلەتلىرىگە تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا ئالاقىسىنى ۋە ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە داۋاملىق مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
كويتا مۇنداق دەپ قارىدى: 3-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى گىۋىنېيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى ئورتاق كېڭىشىشىگە يېڭى، زور پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، گىۋىنېيە «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشتىن داۋاملىق نەپكە ئېرىشىدۇ. بىز گىۋىنېيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىنىڭ داۋاملىق چوڭقۇرلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، مۇنبەرنىڭ گىۋىنېيە بىلەن جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئورتاق نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل