ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا بولۇشى كۆپ تەرەپچىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ
يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 18-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا، ئافرىقا ئىتتىپاقى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولدى. ئافرىقا ئەللىرى بۇنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا كىرىشىنى باشلامچىلىق بىلەن قوللىغانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتتى.
تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىدىكى مۇھىم ۋەكىلى بولغان جۇڭگو يېقىنقى زاماندىن بۇيان نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، شۇڭا ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ھەققانىي تەلىپىگە كۈچلۈك ھېسداشلىق قىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا غايەت زور ھالقىش بولدى، لېكىن يەنىلا تەرەققىياتنى تېزلىتىشكە موھتاج دۆلەتلەرنى ئۇنتۇپ قالمىدى. جۇڭگو ئالدى بىلەن ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا كىرىشىنى قوللاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاۋاز قوشۇشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. بۇ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتىكى ئورتاق تونۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ ئالاقىدار مۇساپىدە جارى قىلدۇرغان يېتەكچىلىك رولىنى نامايان قىلدى.
ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا بولۇشى كۆپ تەرەپچىلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئافرىقا ئەللىرى ۋە خەلقىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلىشىش ۋە بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەشكىلات ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا كىرىشى بۇ مېخانىزمنىڭ رايون تەڭپۇڭلۇقىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. نۆۋەتتىكى خەلقئارا سىياسىي ۋەزىيەتتە، ئافرىقىنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئافرىقا تەرەققىياتنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ دۇنيا دۇچ كەلگەن نۇرغۇن خىرىسلارنى ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا كىرىشى كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ.
جۇڭگو ئالدى بىلەن ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا كىرىشىنى قوللىدى، بۇ جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا ئۇزاق مۇددەت ئەھمىيەت بېرىپ، ئافرىقا بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشنى خالايدىغانلىقىدىن بولغان. جۇڭگو ئافرىقىنى ھەقىقىي ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ياخشى قېرىنداش دەپ بىلىپ، ئافرىقىغا قايتا ـ قايتا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇردى. ئۆتكەن ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش، جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قاتارلىق رامكىلاردا ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئافرىقا پورتى، چوڭ توسمىسى، تىرانسپورت تورى قاتارلىقلارنى جۇڭگونىڭ قوللىشى بىلەن قۇرۇپ چىقتى، ئافرىقا ـ جۇڭگو ھەمكارلىقى «تېز سۈرئەتلىك يول»غا كىردى، بۇ، ئافرىقىنىڭ «2063-يىل قارالمىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئافرىقا مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشىغا پايدىلىق.
جۇڭگو ئالدى بىلەن ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا كىرىشىنى قوللاپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتىكى ئىزچىل مەيدانىنى نامايان قىلدى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئۈلگە دېيىشكە بولىدۇ. جۇڭگو 40 نەچچە يىلدا يېزىلاردىكى 700 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، دۇنيانىڭ ياسىمىچىلىق مەركىزىگە ئايلىنىپ، ئىلغار ئۇل ئەسلىھە تورىغا ئىگە بولدى. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش جەھەتتە، جۇڭگونىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىدىكى ئىشەنچلىك ھەمراھى بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.
خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيا تېز سۈرئەتتە بىزگە تېخىمۇ يېقىنلىشىۋاتىدۇ. جۇڭگو ئالدى بىلەن ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا كىرىشىنى قوللىدى، بۇ جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقى بىلەن بىردەك. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيانىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت