ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ تەكلىپكە بىنائەن 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولغانلىقى خەلقئارادىكى ئەربابلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى
20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، ئافرىقا ئىتتىپاقىنى رەسمىي ئەزا بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. خەلقئارا ئەربابلار مۇنداق دېدى: ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا كىرىشى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىشتىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ۋە تەرەققىيات بوشلۇقىنى قوغداپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.
ئافرىقا ئىتتىپاقى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا ئىشلارغا تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىشى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ كەلدى. ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ «2063-يىل قارالمىسى»دىكى يەتتە چوڭ ئارزۇنىڭ بىرى «ئافرىقىنى قۇدرەتلىك، ئىتتىپاق، ئەۋرىشىم ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە دۇنياۋى قاتناشقۇچى ۋە ھەمراھقا ئايلاندۇرۇش». خەلقئارا ئەربابلار مۇنداق دېدى: ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇشى ئافرىقىنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە تېخىمۇ جاراڭلىق ھالدا «ئافرىقا ساداسى»نى ياڭرىتىشىغا، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە پايدىلىق.
مىسىر تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، «ئەلېھرام گېزىتى»نىڭ مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى جابالا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 20 دۆلەت گۇرۇھىغا كىرىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ئورنى، رولى ۋە تەسىر كۈچىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، بۇ ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تەرەققىياتىدا پائال تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، ئافرىقا ئەللىرىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.
كېنىيە ئافرىقا سىياسىتى تەتقىقاتخانىسى جۇڭگو-ئافرىقا مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى دەننىس مۇنېنېي مۇنداق دەپ قارىدى: ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ بايلىقى مول، نوپۇسى كۆپ، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزاسى بولۇشى ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش جەھەتتىكى جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئافرىقىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
سەئۇدى ئەرەبىستانى پەن تەتقىقات ۋە بىلىم ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇھەممەد سادىق مۇنداق دېدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئافرىقا ئىتتىپاقى ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، دۇنياۋى خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ئافرىقا ئىتتىپاقى 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا بولسا، ئافرىقىغا تېخىمۇ ياخشى ۋەكىللىك قىلىپ، بۇ مۇھىم سۇپىدا خەلقئارا ئىشلارنى ماسلاشتۇرۇشقا قاتنىشالايدۇ، شۇنداقلا ئافرىقىنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە جاراڭلىق ئاۋاز چىقىرىشىغا پايدىلىق.
جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا كىرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى تۇنجى بولۇپ ئېنىق بىلدۈرگەن دۆلەت، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىشتا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قوللايدۇ. ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، كومورو زۇڭتۇڭى ئازالى ئاسۇمانى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئۇزۇن مۇددەت مۇقىم بولۇپ، كۈنسېرى ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇپ كەلدى. جۇڭگو ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، مۇستەقىللىقىنى مۇستەھكەملىشى، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ كەلدى، ئافرىقا ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا كىرىشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرىدۇ.
جەنۇبىي ئافرىقا يوھانىسبۇرگ داشۆسى ئافرىقا-جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى كوفى كۇئاكۇ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ئافرىقىنىڭ مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى، ياخشى قېرىندىشى، ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىزچىل پائال ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. جۇڭگو ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن مەڭگۈ بىللە تۇرىدىغان قەتئىي مەيدانىنى نامايان قىلدى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، كەلگۈسىدە 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق ھەمكارلىق مېخانىزمى ئاستىدا، ئافرىقا-جۇڭگو ھەمكارلىق بوشلۇقى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ.
نىگېرىيە ئابۇجا داشۆسى خەلقئارا مۇناسىۋەت فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى شەرىف ئىبراھىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈنكى دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بىر تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق تەتۈر ئېقىمى ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزا بولۇشى 20 دۆلەت گۇرۇھىنى تېخىمۇ دۇنياۋى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە قىلدى، بۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىشتا تېخىمۇ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا پايدىلىق.
ئارگېنتىنا لاپلاتا دۆلەتلىك داشۆسى جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى سىفران مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇشى ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى مۇھىم قاتناشقۇچىغا ئايلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ جاراڭلىق ئاۋاز چىقىرىپ، خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقى ۋە دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ دېموكراتىيەلىشىش مۇساپىسىگە ياردەم بېرىشكە پايدىلىق.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل