ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرى»دا جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىدا يەنە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-09-14 09:18

يېقىندا مىنا تازىلاش ھەمكارلىقى «شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلىرىنىڭ بىر قاتار يىغىنلىرىدىكى ھەمكارلىق تەشەببۇسى تىزىملىكى»گە رەسمىي كىرگۈزۈلدى. 9-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، باياناتچى ماۋنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مىنا ۋە ئۇرۇشتىن قېپقالغان پارتلىتىش بۇيۇملىرى رايون تىنچلىقى ۋە پۇقرالارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە داۋاملىق تەھدىت سېلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا توسالغۇ بولىۋاتىدۇ. جۇڭگو ئالاقىدار رايون ۋە دۆلەتلەر بىلەن مىنا تازىلاش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۇنيانى مىنا تەھدىتىدىن تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قۇتۇلدۇرىدۇ.

مىنا قانچىلىك بىخەتەرلىك تەھدىتى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن دۇنيادىكى 50 نەچچە دۆلەتتە ئاز دېگەندە 100 مىليوندىن ئارتۇق مىنانى تازىلاشقا توغرا كېلىدىكەن، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم مىنا سەۋەبىدىن قازا قىلغان ياكى مېيىپ بولۇپ قالغان.

9-ئاينىڭ 8-كۈنى جۇڭگونىڭ كامبودژا، لائوسقا ياردەم بېرىش ئىنسانپەرۋەرلىك مىنا تازىلاش كۇرسى جياڭسۇنىڭ نەنجىڭدا ئاياغلاشتى. ئوخشاش مەزگىلدە، 2-نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مىنا تازىلاش مەسىلىسى رايون يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىمۇ نەنجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مىنا ئاپىتى خىرىسى ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى مىنا تازىلاش رايون ھەمكارلىقى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىندى. ئەمدى بىز جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مىنا تازىلاش ھەمكارلىقىغا نەزەر سېلىپ باقايلى.
مىنا تازىلاش كۇرسىدا ئاساسلىقى نېمىلەر ئۆگىتىلىدۇ؟ مىنا تازىلاش خىزمىتىنىڭ قانداق قىيىن نۇقتىسى بار؟

ئۈچ ئاي ئۆگىنىش ئارقىلىق كامبودژا، لائوستىن كەلگەن 40 كۇرسانت مىنا تازىلاش مەشغۇلاتى سىستېمىسى بويىچە تەربىيەلىنىشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى. مىنا تازىلاشنىڭ قانداق باسقۇچلىرى بار؟ ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمىدا، كۇرسانتلار نەق مەيداندا ئۇنىۋېرسال مىنا تازىلاشنىڭ ئاساسىي مەشغۇلاتىنى كۆرسەتتى.

ئالدى بىلەن دىئامېتىرى ئىككى مىللىمېتىر كېلىدىغان تەكشۈرۈش يىڭنىسى بىلەن يىپ تەكشۈرۈلۈپ، ئاندىن يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر كېسىپ ئېلىۋېتىلىدۇ (يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بەك ئېگىز بولسا، مىنا تەكشۈرگۈچنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئۇنى كېسىپ ئېلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ)، ئاندىن مىنا تەكشۈرگۈچ بىلەن مىنا تەكشۈرىلىدۇ، نىشان بايقالغاندىن كېيىن، مىنا تازىلاش قورال سومكىسىدىكى گۈرجەك ۋە چوتكا بىلەن قېزىلىدۇ، مىنا ئۈستىدىكى قوشۇمچە نەرسىلەر بىر مىللىمېتىر بىر مىللىمېتىردىن قىرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىنچىكىلىك دەرىجىسى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتىن قېلىشمايدۇ. پۈتكۈل جەرياننىڭ خەتەرلىك دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ھەرقانداق يېنىك سىلكىنىش پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

نەق مەيداندا يەنە پارتلىمىغان بومبىنى تەكشۈرۈش ۋە كۆيدۈرۈش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى. مىناغا سېلىشتۇرغاندا، ئاۋىئاتسىيە بومبىسى تېخىمۇ چوڭقۇر جايغا كۆمۈلگەن بولىدۇ. ئاۋىئاتسىيە بومبىسىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى بولغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان يەر ئاستىدىكى 3.5 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى پارتلىمىغان بومبىنى تەكشۈرەلەيدۇ. ئەنئەنىۋى سۈنئىي تەكشۈرۈشكە سېلىشتۇرغاندا، ئۈنۈمى ۋە بىخەتەرلىكلىكى زور دەرىجىدە يۇقۇرى. قۇرۇقلۇق ئارمىيە قۇرۇلۇش داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لو شيەننەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشتە كامبودژا، لائوسنىڭ مىنا خەۋپى ئەمەلىيىتى ۋە ئۇرۇشتىن قېپقالغان پارتلىتىش بۇيۇملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، نەزەرىيە دەرسى ئۆتۈش، مەخسۇس ماھارەت مەشىقى، ئەمەلىي پارتلىتىش مەشغۇلاتى، مىنا مەيدانىنى تەقلىد قىلىش مەشىقى ۋە ئۇنىۋېرسال مانېۋىر قاتارلىق بەش ھالقا بويىچە تەربىيەلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لازېر نۇرى ئارقىلىق كۆيدۈرۈش، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مىنا مەيدانىنى رازۋېدكا قىلىش ۋە ماشىنا ئادەم ئارقىلىق پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى تازىلاش قاتارلىق يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۇسۇللار قوللىنىلدى.

كۇرسقا لائوسلۇق كۇرسانت فوممىي نوسۇمپان مۇنداق دېدى: مەن خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك مىنا تازىلاشنىڭ ئاساسىي تېخنىكىسى ۋە يېڭى تېخنىكىلىق جابدۇقلار مەشغۇلاتىنى ئۆگەندىم، مەسىلەن ماشىنا ئادەم، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن بومبا تازىلاش قاتارلىقلار. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن بىلىملىرىمىزنى مىنا تازىلاش خىزمىتىدە ئىشلىتىمىز.

«ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرى»دا جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مىنا تازىلاش ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلدى

مىنا ۋە ئۇرۇشتىن قېپقالغان پارتلىتىش بۇيۇملىرىنىڭ زىيىنى قانچىلىك؟ ئۇلار يەرنى بۇلغاپلا قالماي، پۇقرالارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ، رايون ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا تېخىمۇ توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

ھازىر شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى يېرىمدىن كۆپرەك دۆلەت مىنا خەۋىپىنىڭ تەھدىتىدىن تېخى تولۇق قۇتۇلالمىدى. كامبودژا دۇنيا بويىچە مىنا خەۋپى ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەرنىڭ بىرى. مۆلچەرلىنىشچە، كامبودژا چېگرىسى ئىچىدە يەنىلا 4 مىليوندىن 6 مىليونغىچە مىنا ۋە ئۇرۇشتىن قېپقالغان پارتلىتىش بۇيۇملىرى بار بولۇپ، ھەر يىلى نۇرغۇن ئامما تالاپەتكە ئۇچرايدىكەن.

لائوس دۇنيادىكى دەستىلىك ئوق-دورىنىڭ ئەڭ چوڭ زىيىنىغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بىرى. 1964-يىلىدىن 1973- يىلىغىچە ئامېرىكا لائوسقا جەمئىي 270 مىليوندىن ئارتۇق دەستىلىك ئوق-دورا تاشلىغان، بۇنىڭ تەخمىنەن %30ى پارتلىمىغان، تەخمىنەن 80 مىليون دانە كىچىك بومبا لائوس زېمىنىغا چۈشكەن ۋە يوشۇرۇن كۆمۈلگەن.

جۇڭگومۇ ئىلگىرى مىنانىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان، چېگرا رايونلاردا نۇرغۇن قالدۇق پارتلىتىش بۇيۇملىرى بار. 20- ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان، جۇڭگو نۇرغۇن ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۈچ قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك چېگرا مىنا تازىلاش ھەرىكىتى ئارقىلىق مىنا خەۋپىنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگەتتى ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا بولىدىغان نۇرغۇن پايدىلىق تەجرىبىلەرنى توپلىدى.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ مىنا خەۋپى بار ئەزالىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو نۇقتىلىق قوللايدىغان ھەمكارلىق ئوبيېكتى بولۇپ، مىنا تازىلاش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش «جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ھەرىكەت پىلانى»غا ئېنىق كىرگۈزۈلدى. جۇڭگو يەنە ئۆزى ئىزدىنىپ چىققان بىر يۈرۈش مىنا تازىلاش ئۇسۇلى ۋە تەجرىبىلىرىنى قىلچە قالدۇرماي شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ئۆگەتتى. يېڭىلا ئاياغلاشقان شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلىرىنىڭ بىر قاتار يىغىنلىرىدا، مىنا تازىلاش ھەمكارلىقىمۇ جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى (1+10) رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ھەمكارلىق تەشەببۇسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مىنا تازىلاش مەسىلىسى رايون يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رايون مىنا ھەرىكىتى مەركىزى بىلەن «شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مىنا تازىلاش جەھەتتىكى رايون ھەمكارلىقى ۋە بايلىق تەقسىملەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش» تۈرى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

كامبودژانىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى قوشۇمچە مىنا تازىلاش ھەرىكىتى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئورگىنىنىڭ 1-مۇئاۋىن رەئىسى لى تۇ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كامبودژا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىگە ئىنتايىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. كامبودژادا 334 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە، تەخمىنەن بىر مىليون 500 مىڭ ئادەم جۇڭگونىڭ مىنا تازىلاش ياردەم تۈرىدىن مەنپەئەتلەندى. ئۇ مىنا تازىلاشنىڭ ھاياتلىقنى قۇتقۇزىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئىشنىڭ تېخىمۇ كۆپ يەرنى بىخەتەر قىلىپ، كىشىلەرنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جۇڭگو تېخىمۇ كۆپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى مىنا تازىلاش ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ

ئەمەلىيەتتە 1998-يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگو خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك مىنا تازىلاش ياردىمى ۋە ھەمكارلىقىغا پائال كۈچ چىقاردى. مىنا تازىلاش كۇرسى ئېچىش، مەبلەغ ۋە ماددىي ئەشيا ياردىمى بېرىش، تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنى ئەۋەتىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، تەرەققىي قىلىۋاتقان 40 نەچچە دۆلەتكە مىنا تازىلاش ياردىمى بېرىپ، 1000 دىن ئارتۇق مىنا تازىلاش خادىمىنى تەربىيەلىدى ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ يىل 2-ئايدا، جۇڭگو «دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ئۇقۇمى ھۆججىتى»نى ئېلان قىلىپ، مىنا تازىلاش ھەمكارلىقى ۋە ياردەم بېرىشنى نۇقتىلىق ھەمكارلىق يۆنىلىشىنىڭ بىرى قىلىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھەربىي كونترول مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما شېڭكۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىنسانپەرۋەرلىك مىنا تازىلاش خەلقئارا ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ بۇ تىرىشچانلىقى شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، شۇ جاينىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى. مىنا تازىلاش ھەمكارلىقى جۇڭگو بىلەن كامبودژا، لائوسنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى ئەمەلىي تەدبىرى بولۇپ قالدى. كېيىنكى قەدەمدە جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، كامبودژا، لائوس ھەمدە تېخىمۇ كۆپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى مىنا تازىلاش ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرى»دا جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىدا يەنە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

يېقىندا مىنا تازىلاش ھەمكارلىقى «شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلىرىنىڭ بىر قاتار يىغىنلىرىدىكى ھەمكارلىق تەشەببۇسى تىزىملىكى»گە رەسمىي كىرگۈزۈلدى.