ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە 8-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى ئۆتكۈزدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-09-14 09:22

«ھەمكارلىق، تىنچلىق ۋە گۈللىنىشكە يۈزلىنىش» باش تېما قىلىنغان 8-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى رۇسىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوك شەھىرىدە باشلاندى ھەمدە 9-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە داۋاملاشتى. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەر جۇڭگو، بىرما، ھىندىستان، موڭغۇلىيە ۋە لائوس قاتارلىق 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن تەخمىنەن 7000 ۋەكىلنى جەلپ قىلدى.

رۇسىيە رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە 2015-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى ۋىلادىۋوستوكتا شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى ئۆتكۈزۈپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونى بۇ مۇنبەر ئارقىلىق خەلقئارا مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ۋە مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، خەلقئارا مەبلەغ سالغۇچىلار بولسا بۇ سۇپا ئارقىلىق بۇ رايوننىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئىستىقبالىنى توغرا ئىگىلىدى. رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە زۇڭتۇڭنىڭ يىراق شەرق فېدېراتسىيە رايونىدا تۇرۇشلۇق تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى ترۇتېنېف مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم سەھنىگە ئايلاندى.

رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونىنىڭ تەبىئىي بايلىقى مول، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئالاھىدە، ئەگەر تولۇق ئېچىلسا، بىر تەرەپتىن بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇپ، رۇسىيەگە غايەت زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كېلىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيەنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان مۇھىم تۈگۈنگە ئايلىنىدۇ. تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى پەرق رۇسىيەنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرگە بۇ رايوننى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئېنىق تونۇتتى.

دۇنيانىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ، شەرق دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كۈچەيتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى، بۇنى خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر «شەرققە يۈزلىنىش» دىپلوماتىيە سىياسىتى دەپ ئاتىدى. رۇسىيە «موسكۋا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرى گېزىتى»نىڭ 9-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، رۇسىيە شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى ئارقىلىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەر ئېچىلىش ھارپىسىدا، پۈتۈن رۇسىيە جامائەت پىكرى تەتقىقات مەركىزى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك دۆلەت ئىچىدىكى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %67 زىيارەت قىلىنغۇچى رۇسىيەنىڭ «شەرققە يۈزلىنىش» دىپلوماتىيە سىياسىتىنى، يەنى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئەمەس، بەلكى شەرق دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، %65 زىيارەت قىلىنغۇچى چوڭ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى قانات يايدۇرۇش، شېرىك كارخانا قۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى رۇسىيەنىڭ «شەرققە يۈزلىنىش» سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا پايدىلىق دەپ قارىغان.

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 9-ئاينىڭ 12-كۈنى شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ۋە ئومۇمىي ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىمىزنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، پۈتكۈل رۇسىيە، يىراق شەرق رايونىمىز سودا ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە قارىتا ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسى تۇتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ». پۇتىن مۇنبەر مەزگىلىدە يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىراق شەرقنى ئېچىش رۇسىيە-جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ.

رۇسىيەدىكى داڭلىق جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو ۋە ھازىرقى زامان ئاسىيا تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى بابايېف جۇڭگو-رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالىغا ناھايىتى ئۈمىد بىلەن قارىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى رۇسىيە جۇڭگو ھۆكۈمەتلىرى ۋە كارخانىلىرى ئارىسىدىكى چوڭ تىپتىكى سۆزلىشىش سەھنىسى، ئىككى تەرەپ ھەر يىلى مۇنبەردە نەچچە مىليارد رۇبلى قىممىتىدىكى توختام ئىمزالاپ، دۆلەت قاتلىمىدا ئىستراتېگىيەلىك كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، يېڭى ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ». ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۈگۈن رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش جەھەتتە دۇچ كەلگەن مۇھىم قارالما ئىقتىساد سودا سوممىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى ئەشيا ئوبوروت ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش، يېڭى پۇل مۇئامىلە ئاساسىي ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ھەمدە ئاخىرىدا «سىبىرىيە كۈچى 2 نومۇر»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېنېرگىيە تۈرى كېلىشىمىنى بېكىتىشتىن ئىبارەت. رۇسىيە-جۇڭگو كارخانىلىرى بۇ نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىدە يېڭى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىشى مۇمكىن.

رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقاتخانىسى جۇڭگو سىياسىي ۋە ئىقتىساد تارمىقىنىڭ مۇدىرى لۇكونىن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ھازىر جۇڭگو شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيە بازىرىنى ئېچىشىدىكى ياخشى پۇرسەت، چۈنكى ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى تەمىنلەش سودىگەرلىرى بازار بوشلۇقى پەيدا قىلدى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە 8-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى ئۆتكۈزدى

«ھەمكارلىق، تىنچلىق ۋە گۈللىنىشكە يۈزلىنىش» باش تېما قىلىنغان 8-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى رۇسىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوك شەھىرىدە باشلاندى ھەمدە 9-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە داۋاملاشتى. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەر جۇڭگو، بىرما، ھىندىستان، موڭغۇلىيە ۋە لائوس قاتارلىق 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن تەخمىنەن 7000 ۋەكىلنى جەلپ قىلدى.