ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بايدىننىڭ ئاسىيا سەپىرىدە «كىچىك چەمبىرەك» پەيدا قىلالمايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-09-14 09:25

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاسىيا سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇردى. بۇ قېتىمقى سەپەر مەزگىلىدە، بايدىن ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى، ۋىيېتنامدا زىيارەتتە بولدى ھەمدە ئامېرىكا-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: بايدېننىڭ بۇ قېتىمقى ئاسىيا سەپىرىدىكى بىر «يوشۇرۇن ئۇچۇر» ئالاقىدار دۆلەتلەرنى جۇڭگوغا تاقابىل تۇرۇشقا يەنىمۇ يېنىغا تارتىش، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ «ھىندى ئوكيان-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى»گە مۇلازىمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز «كىچىك چەمبىرەك» پەيدا قىلىپ، لاگېر قارشىلىشىشىغا قۇترىتىشى رايون تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىسىز. يەنە بىر تەرەپتىن، ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇپ، بارلىق دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى، ئامېرىكىنىڭ «شېرىن خىيالى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى تەسكە توختىشى مۇمكىن.

ھىندىستان بومباي كۆزەتكۈچىلەر تەتقىقات فوندى جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى سۇدىندېرا كۇركانى مۇنداق دەپ قارىدى: ھىندىستان دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ جۇڭگونىمۇ، ئامېرىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقنى چوقۇم پەرقلەندۈرۈش كېرەك، ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ، ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ھەرقانداق شەكىلدىكى جۇڭگونى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان ھەربىي ئىتتىپاق ياكى ھەربىي ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ، ھىندىستان گۇرۇھ سىياسىيسىغا قاتنىشىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

ئامېرىكا ئىستېمالچىلار خەۋەرلىرى ۋە سودا قانىلى تور بېكىتى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش لىدىرى گېئورگىيېۋانىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ھىندىستان بىلەن ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول، دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورت ئىقتىساد كارىدورى چەتكە قېقىش خاراكتېرلىك بولماسلىقى، بەلكى دۇنيا ئىقتىسادىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش روھىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.

بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ خىتابنامىسىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا جۇغراپىيەلىك سىياسىي قارالمىلارنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۇرۇنۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان. خىتابنامىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىكى ئاساسلىق مۇنبەر، جۇغراپىيەلىك سىياسىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان سۇپا ئەمەس. كېيىنكى نۆۋەتلىك 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلامۇ مۇنۇلارنى مۇراجىئەت قىلدى: بىز جۇغراپىيەلىك سىياسىي مەسىلىلەرنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇھاكىمە قارالمىسىنى تۇتقۇن قىلىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. بىز بۆلۈنۈشكە قىزىقمايمىز. بىز توقۇنۇشقا ئەمەس، بەلكى تىنچلىق ۋە ھەمكارلىققا موھتاج. بايدىن ۋىيېتنامدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە ۋىيېتنام رەھبەرلىرى ۋە نۇرغۇن يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئامېرىكا ـ ۋىيېتنام ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش، يېڭىلىق يارىتىش باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. ئامېرىكا بىلەن ۋىيېتنام «ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى» كېلىشىمى ئىمزالاپ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ بىلەن تەمىنلەش زەنجىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشكە قوشۇلدى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ، لېكىن بايدېن زىيارەت مەزگىلىدە جۇڭگونى قايتا-قايتا تىلغا ئالدى، بۇ دەل ئۇنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان مۇددىئاسىنىڭ ئىنتايىن روشەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما، ھەر خىل ئامىللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ تەھلىل قىلغاندا، ئامېرىكىنىڭ ۋىيېتنامنى ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئوربىتىسىغا كىرگۈزۈپ، جۇڭگوغا بېسىم ئىشلىتىش، جۇڭگونى چەكلەش سۇيىقەستى ئەمەلگە ئاشمايدۇ، چۈنكى ۋىيېتنام مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، تىنچ، دوستانە ئۆتۈش، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشتەك دىپلوماتىيە لۇشيەنىنى يولغا قويۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ، چوڭ دۆلەتلەر تەڭپۇڭلۇقى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويىدۇ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمراھى ۋە دوستى بولۇشنى خالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋىيېتنام ئۇرۇشىنىڭ تۇمانلىرى تېخى تارقالغىنى يوق، ئامېرىكا ئەينى يىلى ئىشلەتكەن دەستىلىك بومبا ھازىرغىچە ۋىيېتنام خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە.

ۋىيېتنام ئامېرىكىنىڭ ياخشىچاق بولۇشىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھوشيارلىقىنى نامايان قىلدى. ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى نۈەن فۇجۇڭ بايدىن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىيېتنامنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى فاڭجېنى «ئۆتمۈشنى قايرىپ قويۇپ، ئىختىلاپلارنى يېڭىپ، ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش»، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ھۆرمەت قىلىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىدا رىئايە قىلىش ھەمدە ئۆزئارا سىياسىي تۈزۈلمىگە ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق ۋىيېتنام ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى.

ھىندونېزىيە ئاقىللار ئامبىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جەنۇبىي ئوكيان فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بەنباڭ سۇريونو مۇنداق دېدى: سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ۋىيېتنام ھەر تەرەپلىمە، كۆپ تەرەپلەشكەن دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ھەر قانداق بىر چوڭ دۆلەتكە زىيادە تايىنىۋېلىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشتى. ۋىيېتنام ئۆز مۇستەقىللىقىغا زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سەپ تاللاشقا مەجبۇر بولۇشنى خالىمايدۇ.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بايدىننىڭ ئاسىيا سەپىرىدە «كىچىك چەمبىرەك» پەيدا قىلالمايدۇ

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاسىيا سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇردى. بۇ قېتىمقى سەپەر مەزگىلىدە، بايدىن ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى، ۋىيېتنامدا زىيارەتتە بولدى ھەمدە ئامېرىكا-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.