ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو-ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋىتى ھەر ۋاقىتلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-09-16 11:35

«تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەت»، «جۇڭگو-ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋىتى ھەر ۋاقىتلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلدى»، «نەچچە ئون تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالاندى. 9-ئاينىڭ 14-كۈنى، ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو جۇڭگو سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان پەيتتە، لاتىن ئامېرىكىسى تاراتقۇلىرى بۇ بىر قانچە ئاچقۇچلۇق سۆزنى تىزىپ چىقتى.

9-ئاينىڭ 13-كۈنى، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مادۇرو بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ۋېنېزۇئېلا ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، بۇ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا، تارىخىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇن.

ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن، يىغىنغا قاتناشقاندىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىشقىچە، يەنە كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقىچە، مادۇرونىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى لاتىن ئامېرىكىسى ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن «مول نەتىجىلىك بولدى» دەپ باھالاندى. جۇڭگو بىلەن ۋېنېزۇئېلانىڭ ئالاقىسىنى 19-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىغىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، ئەينى چاغدا جۇڭگولۇقلار دېڭىز-ئوكيانلاردىن ئۆتۈپ ۋېنېزۇئېلاغا كەلگەن. 1974-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى جۇڭگو بىلەن ۋېنېزۇئېلا رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى دۆلەت خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى.

ھازىر جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. ۋېنېزۇئېلا ئامېرىكىنىڭ يەككە تەرەپلىك جازاسى ۋە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ سەلبىي تەسىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. يېڭى تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئالدىدا، بۇ بىر جۈپ «ئۆز ئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوست، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھ»لار ئىككى دۆلەت خەلقىگە قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۆپ بەخت ئېلىپ كېلىدۇ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ھەمكارلىقىغا قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ؟

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋىتى ھەرۋاقىتلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلۈپ، سىياسىي جەھەتتە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى نامايان قىلدى. جۇڭگو ۋېنېزۇئېلانىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مىللەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى ئىزچىل قەتئىي قوللاپ كەلدى، ۋېنېزۇئېلانىڭ سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغان ھەققانىي ئىشلىرىنى قەتئىي قوللايدۇ. ۋېنېزۇئېلا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، جۇڭگو ئەمەلىي ياردەم بەردى. مەسىلەن، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە، ئامېرىكا بىلەن غەربنىڭ جازالىشى ۋە قامال قىلىشى تۈپەيلىدىن، ۋېنېزۇئېلا خەلقئارا بازاردىن ئېھتىياجلىق ۋاكسىنىغا ئېرىشەلمىدى. جۇڭگونىڭ ۋاكسىنا، داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ۋە داۋالاش ئەترىتى ۋېنېزۇئېلانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى. زۇڭتۇڭ مادۇرو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋېنېزۇئېلا خەلقى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ۋېنېزۇئېلا قانۇنسىز يەككە تەرەپلىك جازاغا ئۇچرىغان ۋە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق كۆپ خىل قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا قىممەتلىك مەدەت ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ. 9-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى سۆھبەتتە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر، ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق تەدبىر، جۇڭگو «ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇشىنى قوللاشنى»، «ۋېنېزۇئېلا بىلەن ئالاقىدار تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ۋېنېزۇئېلانىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ». بۇ ئىپادىلەر ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، «بايلىقى چەكلىمىگە ئۇچراش» دىن قۇتۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ماس كېلىدۇ. مادۇرونىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە، يەتتە كۈندە تۆت جاينى زىيارەت قىلىپ، دىققىتىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەتىجىلىرى ۋە تەجرىبىلىرىگە مەركەزلەشتۈردى. بۇلتۇر 6-ئايدا ۋېنېزۇئېلا «ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەشكىلىي قانۇنى» نى ئېلان قىلىپ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇشقا باشلىدى. مادۇرونىڭ جۇڭگودىكى زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ كۆزنىكى-شېنجېن بولدى. ئۇ كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتىدە جۇڭگونى زىيارەت قىلىشقا نۇرغۇن ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇشتىكى ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى؛ شاڭخەيدە، ئۇ 11-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە مەملىكەت خاراكتېرلىك «كارخانىچىلار ۋە ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى» ئەۋەتىپ، يېڭى مەبلەغ جەلپ قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛ شەندۇڭدا، مادۇرو بۇ رايوننى ۋېنېزۇئېلانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئانسوئاتجى ۋە موناگاس نېفىت ئىشتاتىنىڭ تەرەققىيات ئۈلگىسى قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە كۈچىنى تولۇق ھېس قىلدىم».

جۇڭگو بىلەن ۋېنېزۇئېلا ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، «77 دۆلەت گۇرۇھى ۋە جۇڭگو» قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملاردا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغدىسا بولىدۇ. بۇ يىل 8-ئايدا مادۇرو ۋېنېزۇئېلانىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزىمىغا كىرىشنى رەسمىي ئىلتىماس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو ـ ۋېنېزۇئېلا ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتتا، جۇڭگو ۋېنېزۇئېلانىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە ئەزا بولۇش ئاكتىپ ئارزۇسىنى قارشى ئالدى، ۋېنېزۇئېلانىڭ بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللىدى. بۇ جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، كۆپ تەرەپچىلىك كۈچىنى زورايتىش ئارزۇسى ۋە تىرىشچانلىقىنى نامايان قىلدى.

رايون قاتلىمىدىن قارىغاندا، جۇڭگو-ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ يىل 4-ئايدا بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا ھۆكۈمەت، سودا ساھەسىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندىن تارتىپ، 6-ئايدا ھوندۇراس زۇڭتۇڭى كاسترونىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشىغىچە، يەنە جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاش سۈرئىتىنى تېزلىتىشقىچە، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى چوڭقۇرلاشماقتا.

كېلەر يىلى جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭگو-ۋېنېزۇئېلا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. مادۇرو شەندۇڭدىن بېيجىڭغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا چىققاندا: «بىز جۇڭگونىڭ پايتەختى بېيجىڭغا بارىدىغان پويىزغا ئولتۇرۇپ، كەلگۈسىنى كۈتۈۋېلىشقا ماڭدۇق» دېدى. كەلگۈسىدە جۇڭگو بىلەن ۋېنېزۇئېلادىن ئىبارەت بۇ بىر جۈپ «قەدىناس» تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك ھەمكارلىق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىدۇ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ كۆپ خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلىدۇ.

تەرجىمان: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو-ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋىتى ھەر ۋاقىتلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلدى

«تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەت»، «جۇڭگو-ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋىتى ھەر ۋاقىتلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلدى»