جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى دۇنيا بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى
يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن پۇجياڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرىدە، جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپتە قولغا كەلتۈرگەن پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى، يەنە خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئىدىيەسى كەڭ دىققەتنى قوزغىدى. دەرۋەقە، يېقىندىن بۇيانقى مىساللار شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، جۇڭگو پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېلىپ كەلگەن كۈچلۈك قۇۋۋەت بىلەن خەلقئارا ھەمكارلىق ئارقىلىق دۇنيا بىلەن ئورتاق ئىلگىرىلەۋاتىدۇ.
دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان «2022-يىللىق دۇنيا يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى»دە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو 2012-يىلىدىكى 34-ئورۇندىن 11-ئورۇنغا ئۆتكەن. «دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۆرسەتكۈچى» دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى جۇڭگونىڭ ئۈنۈملۈك پاتېنت سانى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان. ئامېرىكا بىلومبېرىگ ئاگېنتلىقى ئوبزور ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، بۇ يۇقىرى تېخنىكا ساھەلىرى جۇڭگو ئىقتىسادى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ يۇقىرى قىممەت ياراتماقتا.
بۇ يىل 5-ئايدا ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان تەبىئەت كۆرسەتكۈچىدە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگولۇق ئاپتورلار 2022-يىلى يۇقىرى سۈپەتلىك تەبىئىي پەن تەتقىقاتىغا ئەڭ زور تۆھپە قوشقان، يۇقىرى سۈپەتلىك ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالە ئۈلۈشى تۇنجى قېتىم 1-ئورۇندا تۇرۇپ، ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتكەن. تەبىئەت كۆرسەتكۈچىنى خەلقئارادىكى داڭلىق پەن-تېخنىكا نەشرىيات ئاپپاراتى «شپرىنگېر تەبىئەت گۇرۇھى» قارمىقىدىكى ئاپپاراتلار تۈزىدۇ ھەم قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان «2022-يىللىق تەبىئەت كۆرسەتكۈچى پەن تەتقىقات شەھىرى» دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودىكى پەن تەتقىقات شەھەرلىرىنىڭ دۇنيادىكى رەت تەرتىپى تېز سۈرئەتتە ئاشقان، بېيجىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن تەتقىقات شەھەرلىرى ئىچىدە داۋاملىق ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.
كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى تۈرلۈك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىلغان مەھسۇلاتلارغا كونكرېتلاشتۇرغاندا، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىلغان ئىلغار تېخنىكا مۇجەسسەملەنگەن خۇاۋېي Mate60 يان تېلېفونى ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغىدى، يان تېلېفون قىسلىقى ئەھۋالى كىشىنى ھەيران قالدۇردى.
جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى چەت ئەللەرگە تارقىتىلدى، باشقا دۆلەتلەردىكى خەلق ئاممىسىمۇ جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ئېلىپ كەلگەن بەخت-سائادەتتىن بەھرىمەن بولدى. مەسىلەن، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول جۇڭگو خەلقىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، بۈگۈنكى كۈندە چەتئەللەردىكى نۇرغۇن ئامما ئوخشاش قاتناش قولايلىقىدىن بەھرىمەن بولدى. ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو 9-ئاينىڭ 13-كۈنى جۇڭگو-ھىندونېزىيە ھەمكارلىق تۈرى بولغان جاكارتا-باندۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پايتەخت جاكارتادىكى ھەلىم ۋوگزالىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ غەربىي ياۋا ئۆلكىسىنىڭ پادالالاڭ ۋوگزالىغا باردى. جوكو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جاكارتا-باندۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا 10-ئاينىڭ بېشىدا رەسمىي قاتناش باشلىنىدۇ. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم جاكارتا-باندۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىغا ئولتۇرۇشى بولۇپ، پويىزنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 350 كىلومېتىرغا يەتكەندە ناھايىتى مۇقىم، راھەت ھېس قىلدى. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى جەھەتتە، يېشىل «بىر بەلباغ بىر يول»نىڭ تەرەققىياتى چەت ئەللەردىكى نۇرغۇن زاتلارنى جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشكە جەلپ قىلدى. بۇ يىل 6-ئايدا، دۇنيادىكى 2-چوڭ قۇملۇق تەكلىماكان قۇملۇقىدا، ئافرىقا ۋە ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردىن كەلگەن قۇم تىزگىنلىگۈچىلەر پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي، جۇڭگو ۋە چەتئەلنىڭ قۇم تىزگىنلەش كۇرسىنىڭ نەق مەيدان مانېۋىرىغا قاتناشتى. پان ئافرىقا «يېشىل سەددىچىن سېپىلى» تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر سىستېمىسى ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ مەسئۇلى دىئوپ سۇلايمان مۇنداق دېدى: جۇڭگو زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئالدى ۋە تۈزىدى، جۇڭگو پەن تەتقىقات خادىملىرى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىدىن بەھرىمەن قىلدى، بىز جۇڭگونىڭ تېخنىكىسىدىن ئىلھام ئالدۇق.
پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىنسانلارنىڭ خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ. جۇڭگو ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدىكى ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن تەپەككۇر ۋە تەدبىرلەر ئارقىلىق خەلقئارا پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئوچۇق يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئوچۇق، ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتمەيدىغان پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مۇھىتى بەرپا قىلىدۇ.
پۇجياڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرىدە پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەرگەن جۇڭگو ساداسى خەلقئارا ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. داڭلىق پەن-تېخنىكا نەشرىيات ئورگىنى ئەيسىۋېيرنىڭ يەر شارى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى قۇمسار بايازېت ئۆزىگە خەنزۇچە ئىسىم قويدى، ئۇ شاڭخەيدە پۇجياڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەمدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئىلىم-پەن ئاساسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش جىددىي دۇنياۋى خىرىسنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. بىز پۈتۈن دۇنيا ۋە جۇڭگونىڭ پەن تەتقىقات خادىملىرىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىلىم-پەن ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيە سىستېمىسى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولىمىز.
«شىپرىنگېر تەبىئەت گۇرۇھى» بۈيۈك جۇڭخۇا رايونىنىڭ لىدىرى ۋە يەر شارى كىتاب لىدىرى نىلىس پېتىر توماسمۇ ئۆزىنىڭ خەنزۇچە ئىسمىنى تاڭ ئېنپىڭ دەپ قويدى، ئۇ 9-ئاينىڭ بېشىدا ئۆمەك باشلاپ بېيجىڭدا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى كومپيۇتېر تورى ئۇچۇر مەركىزى بىلەن ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئىككى تەرەپنىڭ ئېچىۋېتىلگەن سانلىق مەلۇمات ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، چۈنكى بىز ئىككى تەرەپ يەنە بىر چوڭ قەدەم تاشلاپ، ئېچىۋېتىلگەن سانلىق مەلۇمات ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئابىدىسىنى كۈتۈۋالدۇق. بۇ قېتىمقى ھەمكارلىق بىز ئىككى تەرەپنىڭ ئېچىۋېتىلگەن سانلىق مەلۇمات ۋە ئېچىۋېتىلگەن ئىلىم-پەنگە بولغان ئورتاق تونۇشىنى ئاساس قىلغان، شۇنداقلا جۇڭگو پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئېچىۋېتىلگەن سانلىق مەلۇماتلارنى كۈنسېرى ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدۇ.
ھازىر دۇنيادا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگو مۇھىم پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا ھەمكارلىق ئارقىلىق، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بەخت سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشىدۇ.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل