چەت ئەللىك زاتلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىغا ئۈمىدۋار قارىدى
ئامېرىكا دۇنيا مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش شىركىتى فىرانكلىن دېمپتون گۇرۇھىنىڭ لىدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جېننىي جونسون يېقىندا بىر قېتىملىق خەلقئارالىق يىغىندا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى يوقالدى، دېگەن گەپ سۆزلەرنىڭ ئاساسى يوق، ئاتالمىش «جۇڭگو ئۈمىدسىزلىك نەزەرىيەسى» بىر مۇبالىغە ، جۇڭگو ئىقتىسادى بىر مەزگىل داۋالغۇپ تۇرۇشى مۇمكىن، ئەمما پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن، تېزلا ئەسلىگە كېلىدۇ.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاجىز، تاشقى مۇھىت كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولدى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىپادىسىمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بەزى جامائەت پىكرىدە جۇڭگو ئىقتىسادى قەستەن ئاجىزلاشتۇرۇلۇپ، قىسمەن، قىسقا مۇددەتلىك داۋالغۇش سانلىق مەلۇماتلىرىغا تايىنىپلا ئومۇمىيەتكە ھۆكۈم قىلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەريانىدىكى باسقۇچ خاراكتېرلىك خىرىس چوڭايتىپ كۆرسىتىلدى. لېكىن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشى، ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ چەت ئەللىك زاتلار مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى زور، ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ئاساسىي يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىدى.
ئالدىنقى يېرىم يىلدا، جۇڭگو ئىقتىسادى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئېشىپ، بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنىڭ %3لىك ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولدى، شۇنداقلا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئۈچ يىلدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە %4.5لىك ئېشىش سۈرئىتىدىنمۇ تېز بولدى، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتى دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. 7-ئايدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرىدىغان بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ قوللىشى ئاستىدا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشىدىكى ئاكتىپ ئامىللار ئۈزلۈكسىز جۇغلىنىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ داۋاملىق كۈچىيىدۇ.
سىنگاپور دۆلەت مەبلەغ سېلىش شىركىتى دەنماشى جۇڭگو رايونىنىڭ رەئىسى ۋۇ يىبىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: دۇنيا ئىقتىسادىدىكى خىرىس ئالدىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە سەگەك، ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتتى. بىزنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەۋرىشىملىكىگە ئىشەنچىمىز بار. ھازىرقى مۇھىتتا، جۇڭگودا يەنىلا نۇرغۇن سىياسەت قوراللىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
جۇڭگو-ياۋروپا رەقەم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لۇيىجى گەنباردېلا مۇنداق دېدى: جۇڭگو يېقىندا ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار قاراتمىلىق سىياسەتلەر، مەسىلەن، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ھەقىقىي ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىقلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ئېشىش ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ. ئۇ: ئوتتۇرا، ئۇزۇن مەزگىلدىن قارىغاندا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئىستىقبالىغا داۋاملىق ئۈمىدۋار قارايمەن، دېدى.
جۇڭگو-ئەنگلىيە سودا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كىرىس توررېنس يېقىندا مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا ئېلان قىلىنغان جۇڭگونىڭ كۆپ تۈرلۈك ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلىرىنىڭ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولغان. جۇڭگو دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 8-ئايدا، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ سېتىۋېلىشنى باشقۇرغۇچىلار كۆرسەتكۈچى %49.7 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.4 پوئېنت ئاشقان؛ ياسىمىچىلىقتىن باشقا سودا پائالىيىتىنىڭ كۆرسەتكۈچى داۋاملىق كېڭىيىش دائىرىسىدە بولۇپ، ئۇنىۋېرسال ھاسىلات كۆرسەتكۈچى سەل ئاشقان، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىش سەۋىيەسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان.
جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 8-ئايدا خەلق پۇلى قەرزى 1 تىرىليون 360 مىليارد يۈەن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 86 مىليارد 800 مىليون يۈەن يۇقىرى بولغان. شۇ ئايدا ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش مىقدارى 3 تىرىليون 120 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 631 مىليارد 600 مىليون يۈەن ئاشقان؛ ئالدىنقى سەككىز ئايدا ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش مىقدارى 25 تىرىليون 210 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 842 مىليارد يۈەن ئاشقان.
ياپونىيە توكيو قىزلار داشۆسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك پىروفېسسورى خاسېگاۋا كېجىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا جۇڭگو ئىقتىسادى سىجىل ياخشىلىنىپ، پۈتۈن يىللىق ئېشىش نىشانى ئەمەلگە ئاشىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشتىن مۇقىم ئېشىشقا ئۆزگىرىۋاتىدۇ، يۇقىرى سۈپەت نۆۋەتتىكى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆز، بەزى ئەۋزەل كەسىپ ۋە ساھەلەر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش رولىدىن زور ئۈمىد كۈتمەكتە.
ئالدىنقى يەتتە ئايدا، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرگە سېلىنغان مەبلەغ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.5 ئېشىپ، بارلىق سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن كۆرۈنەرلىك تېز بولدى؛ جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.1 ئېشىپ، كۆلەملەشكەن بارلىق سانائەتنىڭكىدىن داۋاملىق تېز بولدى؛ 7-ئايدا قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرى مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %65.1 ۋە %24.9 ئاشتى...... چەت ئەللىك زاتلار يۇقىرىقى بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلاردىن جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى يېڭى قۇۋۋەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقىنى بايقىدى.
سىنگاپور دۆلەت مەبلەغ سېلىش شىركىتى دەنماشى جۇڭگو رايونىنىڭ رەئىسى ۋۇ يىبىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادى مۇكەممەل تىپ ئۆزگەرتىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، نوپۇس پايدىسىدىن ئىنژېنېرلار پايدىسىغا ئۆزگىرىۋاتىدۇ، بۇ ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە ئىپادىلىنىدۇ. ھەرقايسى ساھەلەردە بىز يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتۇق.
ناسداكنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى روبېرت مېكويى يېقىندا نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-جۇڭگو سودا مۇنبىرىدە مۇنداق دېدى: بۇ يىل 6-ئايدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە بىر قىسىم ئەڭ يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرىگە ئىگە تېخنىكا ۋە كەسىپ تۈرلىرىنىڭ بەرپا قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىنىشى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل كۈچىيىشىدىكى سەۋەب.
فىرانكلىن دېمپتون گۇرۇھىنىڭ لىدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جونسون مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۇ يەردە مۇھاكىمە قىلىدىغىنىمىز دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، بۇ دۆلەت ھەر يىلى يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان ئىنژېنېرلار دۇنيادىكى باشقا ھەرقانداق دۆلەتنىڭكىدىن كۆپ، شۇڭا بۇ يېڭىلىق يارىتىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ.
ئەنگلىيەدىكى مەلۇم تور بېكىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى غەربنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاساسى پۇختا. جۇڭگو يەنىلا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ياسىمىچىلىق دۆلىتى، دۇنيا ياسىمىچىلىقىنىڭ %29گە يېقىن ھاسىلاتىنى ئۈستىگە ئالغان، بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو ھازىر توكلۇق ئاپتوموبىل، توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيەسى، 5G خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى، سودىغا ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، نەرسە تورى ئۈسكۈنىسى، كۆچمە چىقىم ۋە قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە قاتارلىق ساھەلەردە دۇنيانىڭ ئالدىدا. تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى تولۇق نامايەن قىلدى.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى يەنىلا جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا داۋاملىق زور تۆھپە قوشىدۇ، بۇ يىل جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۈچتىن بىر قىسىمغا يېتىپ، ئالدىنقى ئون يىلدىكى نىسبەت بىلەن تەڭلىشىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت