جاھاندا دۇرۇس يولدا بىرلىكتە مېڭىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى
ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا، جۇڭگو ھەم تەشەببۇس قىلغۇچى ھەم ھەرىكەت تەرەپدارى. 10 يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەم ئىلگىرى سۈرۈشكىچە-جۇڭگو مۇستەھكەم ئېتىقاد ۋە پۇختا ھەرىكەت ئارقىلىق، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئۈچۈن تېخىمۇ زور بىرىكمە كۈچ توپلاپ، ئومۇميۈزلۈك خەۋپسىزلىك ئۈچۈن پايدىلىق مۇھىت يارىتىپ، ئورتاق تەرەققىياتقا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىشەنچ قوشۇپ، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەت قوللىنىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا داۋاملىق كۈچ قوشتى.
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى-ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، جۇڭگونىڭ دۇنيانى تەمىنلىگەن كەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلاتى ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسى. 2023-يىلى 7-ئايغىچە، يەر شارىدىكى تۆتتىن ئۈچ قىسىم دۆلەت ۋە 30 نەچچە خەلقئارا تەشكىلات جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى. 10 يىلدىن بۇيان، ئۇلنى پۇختىلاش، تۈۋرۈكنى مەزمۇت ئورنىتىشتىن چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئۇزۇن مۇددەت تەرەققىي قىلدۇرۇشقىچە-«بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشتا «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش»، «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش»، «قەلب جەھەتتىن تۇتاشتۇرۇش» سىمفونىيەسى ياڭرىتىلىپ، تەڭ قۇرغۇچى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تەڭ قۇرغۇچى دۆلەتلەردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى. جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى، جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولى، جاكارتا-باندۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى، مومباسا-نايروبى تۆمۈريولى قاتارلىق بىر يۈرۈش بايراقدار تۈرلەر شۇ جايلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشتى؛ جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 10 يىلدا جەمئىي 77 مىڭ قېتىم قاتناپ، 7 مىليون 310 مىڭ ئۆلچەملىك ساندۇق مال توشۇپ، خەلقئارا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم كۆۋرۈككە ئايلاندى؛ «لۇبەن ھۈنەرخانىسى» تەڭ قۇرغۇچى 20 نەچچە دۆلەتتىكى ياشلارنىڭ كەسپىي ماھارەت ئىگىلىشىگە ياردەم بەردى. دېمەك، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش-جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن پۇرسەتتىن ھەمبەھرىمەن بولۇش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشتىكى «رەڭگارەڭ گۈللۈك»كە ئايلاندى.
تەرەققىيات-خەۋپسىزلىك ۋە مەدەنىيەتنىڭ ماددىي ئاساسى. جۇڭگو دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، يەر شارىنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشقا تۆھپە قوشتى. دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسىنىڭ ئەڭ تۈپ نىشانى-بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ئەڭ يادرولۇق تەلىپى-خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئەڭ مۇھىم ئىدىيەسى-ئىتتىپاق، باراۋەر، تەڭپۇڭ، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان يەر شارى تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەڭ ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلىش؛ ئەڭ ھالقىلىق تەدبىرى-ھەرىكەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، يېشىل، ساغلام بولغان يەر شارى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يەر شارى تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش. جۇڭگو يەر شارى تەرەققىياتى يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، تەشەببۇسنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى 32 تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خەۋپسىزلىك-تەرەققىيات ۋە مەدەنىيلىكنىڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتى. جۇڭگو دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق خەۋپسىزلىك، ئومۇميۈزلۈك خەۋپسىزلىكنى قوغداش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشەنچ ئاتا قىلدى. دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىدا، ئىتتىپاقلىشىش روھى ئارقىلىق چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتقان خەلقئارا ئەندىزىگە ئۇيغۇنلىشىپ، تەڭ پايدا ئېلىش تەپەككۇرى ئارقىلىق تۈرلۈك ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك خېيىم-خەتىرى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، قارشىلاشماي سۆزلىشىدىغان، ئىتتىپاق تۈزمەي ھەمراھ بولىدىغان، نۆل نەتىجىلىك ئېلىشماي تەڭ پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەۋپسىزلىك يولىدا مېڭىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو 50 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تىنچلىق ساقلاش خادىمىنى 20 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا بېرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتتى؛ جۇڭگو توقۇنۇشنى پەسەيتىش ئۈچۈن كۈچلۈك سادا ياڭرىتىپ، تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى؛ ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئاممىۋى سەھىيە، رەقەملىك ئىدارە قىلىش، جانلىقلار بىخەتەرلىكى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا پائال كۈچ چىقاردى. جۇڭگونىڭ ھەرىكىتى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.
مەدەنىيلىك-تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنىڭ مەنىۋى تىرىكى. جۇڭگو دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئالماشتۇرۇپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان دۇنيا قۇرۇشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن دۇنيا پارتىيەلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىش يىغىنى، جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن دۇنيا پارتىيەلىرى رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنى، ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنى قاتارلىقلارنى ئېچىپ، شەكلى كۆپ خىل ئەلئارا دىپلوماتىيە، شەھەر دىپلوماتىيەسى، ئاممىۋى دىپلوماتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سەرخىل-رەڭدار، مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يىلى، سەنئەت بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو يەر شارى مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى تورى بەرپا قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئىناق ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا