بۇ ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ سۆزلىشىشى نېمە ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى؟
3-قېتىملىق جۇڭگو-گېرمانىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مالىيە-پۇل مۇئامىلە سۆزلىشىشى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، ئارىدىن تۆت يىلدىن كېيىن جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ يەنە بىر قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مالىيە-پۇل مۇئامىلە سۆزلىشىشى ئۆتكۈزۈشى.
سۆزلىشىش يىغىنىدىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى، ئىككى تەرەپ مالىيە-پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە 25 تۈرلۈك ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلدى، بۇنىڭدا ھەم رامكا خاراكتېرلىك ۋە يۆنىلىش خاراكتېرلىك ھەمكارلىق پىرىنسىپى ھەم ئىنتايىن كونكرېت، ئەمەلىي ھەمكارلىق تۈرلىرى بار. بۇ نەتىجىلەر ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك قاتلام بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى يەنە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە، پۇل سىستېمىسىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەرگىمۇ چېتىلىدۇ.
2015-يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو-گېرمانىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مالىيە-پۇل مۇئامىلە سۆزلىشىشىدىن ھازىرغىچە، جۇڭگو-گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مالىيە-پۇل مۇئامىلە سۆزلىشىش ھەمكارلىقى ئىزچىللىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلىدى، مەيلى جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ياكى ياۋروپا ئۈچۈن بولسۇن، بۇ، ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ھەتتا ئامېرىكا تاراتقۇلىرىمۇ دۇنيادىكى ئىككى مۇھىم ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ قارارى يەر شارىنىڭ ئىقتىساد ئەندىزىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ باھا بەردى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشى مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ فرانكفورتتىكى ۋاكالەتخانىسىدا تاشقى پېرېۋوت سودا ئىشخانىسى تەسىس قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئارقىدىن، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە فرانكفورتتا ياۋرو رايونىدىكى تۇنجى خەلق پۇلى راسچوت مەركىزىنى قۇردى.
بۇ مەركەزنىڭ فرانكفورتقا ماكانلىشىشىدىكى سەۋەب، بۇ يەر ياۋرو رايونىنىڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە گېرمانىيە فېدېراتسىيە بانكىسى، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى تۇرۇشلۇق جاي. تېخىمۇ مۇھىمى، جۇڭگو ئۇدا يەتتە يىل گېرمانىيەنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى بولۇپ كەلدى، گېرمانىيە ئىقتىساد گەۋدىسىنىڭ خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىش ھەم قىممىتىنى ساقلاشقا بولغان ئېھتىياجى ئىنتايىن كۈچلۈك.
جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئالاقە ۋە سۆزلىشىشنى كۈچەيتىشتە ئورتاق تونۇشقا ئىگە.
بۇلتۇر 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، سۆزلىشىش، كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، لاگېر قارشىلىشىشى، پان ئىدېيولوگىيەلەشتۈرۈش قاتارلىق ئامىللارنىڭ كاشىلىسىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشى كېرەك.
گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز يۇقۇم تارقالغاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان ياۋروپا رەھبىرى. ئۇ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، يەنە گېرمانىيەنىڭ 12 چوڭ كارخانىسىنىڭ ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئىقتىساد ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ كەلدى. يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، شولىز تاراتقۇلاردا مەخسۇس ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ، «بىزنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزگۈمىز يوق» دەپ ئېنىق بىلدۈردى.
بۇ يىل 6-ئايدا، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە 7-نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت كېڭىشىشى ئۆتكۈزدى، ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتىيە، ئىقتىساد-سودا، سانائەت، مالىيە-پۇل مۇئامىلە، ئەدلىيە، قاتناش، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، سەھىيە، مۇھىت ئاسراش، تەرەققىيات قاتارلىق 22 تارمىقىنىڭ مەسئۇللىرى ساھەلەر بويىچە ئايرىم-ئايرىم كېڭەشتى.
جۇڭگو ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى جۇڭگوغا قارىتىلغان ئاتالمىش«خەۋپ-خەتەرنى تۈگىتىش» توغرىسىدىكى بەزى شاۋقۇن-سۈرەنلەرگە قارىتا، جۇڭگولۇقلارنىڭ «ئاممىباب ئاپتوموبىلغا ئولتۇرسا خەۋپ-خەتەر ھېس قىلمايدۇ، سيېمېنس ماركىلىق CT ئاپپاراتى ئىشلەتسىمۇ خەۋپ -خەتەر ھېس قىلمايدۇ» دېگەن ھېكايىنى سۆزلەپ، «ھەمكارلاشماسلىق ئەڭ چوڭ خەۋپ-خەتەر» دېگەن قائىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەممىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.
ئارقىدىن شولىز يەنە: ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ھەمدە قايتا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: گېرمانىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن ئىقتىسادى «ئالاقىنى ئۈزۈش» نىيىتى يوق، ئىككى دۆلەت ئىككى تەرەپلىك سودا ۋە مەبلەغ سېلىشتىن نەپ ئېلىپ، ئىقتىسادنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
بۇ قېتىمقى جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مالىيە-پۇل مۇئامىلە سۆزلىشىشى دەل 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىشىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىسە، نۇرغۇن نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ. بۇ قېتىمقى سۆزلىشىشنىڭ يەنە بىر مۇھىم نەتىجىسى شۇكى، 2024-يىلى جۇڭگو مالىيە مىنىستىرلىقى گېرمانىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات مىنىستىرلىقى بىلەن بېيجىڭدا جۇڭگو-گېرمانىيە مالىيە ھەمكارلىق سۆزلىشىش مۇنبىرى ئۆتكۈزىدۇ، فرانكفورتتىن بېيجىڭغىچە، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ مالىيە-پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى تۇتاشتۇرۇلىدۇ، شۇ چاغدا جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھۆكۈمەت، سودا ساھەسىدىكى مۇھىم ئەربابلىرى قاتنىشىدۇ.
كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە بىر-بىرىگە پۇرسەت يارىتىپلا قالماي، جۇڭگو-ياۋروپا ھەتتا دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرغۇچى بولالايدۇ. ھازىر، تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ياۋروغا نىسبەتەن رىقابەت بولماستىن، بەلكى مۇقىم بولۇش ۋە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشنىڭ پۇرسىتى. بۇ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا جۇڭگو بارغانسېرى مۇھىم رول ئوينىماقتا. گېرمانىيەنىڭ مالىيە مىنىستىرى لىندنېر: «جۇڭگودەك مۇشۇنداق مۇھىم دۇنياۋى سىياسىي رول بولمىسا، مەسىلىنى ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس» دېدى.
2024-يىلى، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئەمەلدارلىرى بېيجىڭدا ئۇچرىشىدۇ. لىندېنا كېلەر يىلى جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆزلىشىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ھەمدە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئاچقان بۇ سىردىشىش كۆزنىكىدىن تېخىمۇ كەڭ جۇڭگو-ياۋروپا ۋە دۇنيانى كۆرگىلى بولىدۇ.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا