ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-05 09:23

ب د ت دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ خەلقئارا ساياھەت كىرىمى 61 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە 4-ئورۇنغا ئۆتۈپ، مەزكۇر دۆلەت ساياھەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتىنى گەۋدىلەندۈرگەن.

بۇلتۇردىن بۇيان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ساياھەتچىلىكى داۋاملىق جانلاندى. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى دۇبەي 14 مىليون 360 مىڭ ئادەم قېتىم خەلقئارا ساياھەتچىنى جەلپ قىلغان بولۇپ، 2021-يىلىدىكىدىن %97 ئاشقان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ھەرقايسى ئايرودۇرۇملارنىڭ يولۇچىلار مىقدارى 62 مىليون 790 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46 ئاشتى. ئوخشاش مەزگىلدە، دۇبەينى ساياھەت قىلغۇچىلارنىڭ سانى 8 مىليون 550 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. ئابۇزابى، شارجاھ، كايىماخ تۇمشۇقى قاتارلىق خەلىپىلىكلەر كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەرمۇ ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشتى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ساياھەتچىلىكىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشى بۇ ساھەگە ئۇزۇن مۇددەت مەبلەغ سېلىنغانلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنىڭ نەتىجىسى. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلىدىن 2022- يىلىغىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ساياھەتچىلىكى چەت ئەلنىڭ بىۋاسىتە مەبلىغىنى جەلپ قىلىش جەھەتتە دۇنيا بويىچە 5-ئورۇندا تۇرۇپ، دۇنيا ساياھەتچىلىكىنىڭ %4.7ىنى ئىگىلىگەن. ئوتتۇرا شەرق رايونىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ساياھەت تۈرىنىڭ %35ى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ماكانلاشتى.

بۇلتۇر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 2031» ناملىق پىلاننى ئېلان قىلدى، 2031-يىلىغىچە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بىر قاتلاپ، 3 تىرىليون دىرھەمگە يەتكۈزۈش، بۇنىڭ ئىچىدە ساياھەتچىلىك كىرىمىنى 450 مىليارد دىرھەمگە يەتكۈزۈش، ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى بىر قاتلاپ، 40 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈش نىشان قىلىنغان. ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى يەنە «2031-يىلىغىچە بولغان دۆلەت ساياھەت ئىستراتېگىيەسى »نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت تەسىراتىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، تېخىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە ساياھەت مۇھىتى ياراتتى. بۇ ئىستراتېگىيەگە ئاساسەن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 25 تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىرنى ئېلان قىلدى، بۇ مۇنداق تۆت جەھەتكە مەركەزلەشكەن: بىرلىككە كەلگەن ساياھەت بەلگىسىنى كۈچەيتىش؛ كۆپ مەنبەلىك ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش، ساياھەت مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش؛ تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلىك ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش؛ ساياھەتچىلىككە سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىش. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر يىلى 27 مىليارد دىرھەم مەبلەغ سالىدۇ ھەمدە 100 مىليارد دىرھەم مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى يېڭى ساياھەت تۈرلىرىنى ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇپ، ساياھەت ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. يېقىندا ئابۇزابى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى «ئابۇزابى سىلەرنى قارشى ئالىدۇ» ناملىق ساياھەت تىجارەت پائالىيىتىنى ئېلان قىلدى، بۇ 150 نەچچە تۈرلۈك مەدەنىيەت ھالقىغان ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە چېتىلىدۇ، داۋاملىشىش ۋاقتى ئالتە ئاي بولىدۇ. 11-ئايدا ئابۇزابى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ يېڭى ئاۋىياتسىيە بىناسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ كۆلىمى 740 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، يىللىق يولۇچىلار مىقدارى 45 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىدۇ.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ساياھەتچىلىكنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە ساياھەتچىلىكنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغىمۇ كۆڭۈل بۆلدى. بۇ يىل 7-ئايدا، دۇبەي ئىقتىساد ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئېنېرگىيە ۋە سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمى، تاشلاندۇقلارنى باشقۇرۇش ھەمدە خادىملارنى تەربىيەلەش قاتارلىق 19 جەھەتتە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىپادىسى ياخشى مېھمانسارايلارنى تەقدىرلىدى ھەمدە «دۇبەي ئىمكانىيەتلىك سىجىل ساياھەت تامغىسى»نى بەردى. دۇبەي ئىقتىساد ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى بۇ تەدبىرنىڭ دۇبەينىڭ تەرەققىيات ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى پائال تەدبىر قوللىنىپ تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. بۇ يىل 8-ئايدا، دۇبەي ئىقتىساد ۋە ساياھەت ئىدارىسى چىقىمدان بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى، يول قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى قارمىقىدىكى تاكسىلار چىقىمدانغا ئومۇميۈزلۈك كىرىپ چىقىم قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يان تېلېفون چىقىمدانى ئىشلىتىشتىكى دۇبەي شەھەر بېتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، دۇبەي ھۆكۈمەت تەرەپ ساياھەت ۋىدېيوسى ۋە دۇبەي تاكتىكىسىنى تورغا چىقاردى. دۇبەي ئىقتىساد ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى شەيخاب شايان مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«جۇڭگونىڭ ساياھەت بازىرى دۇبەيگە نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دۇبەي ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى ۋە «جۇڭگونى قارشى ئېلىش» پىلانى قاتارلىقلار ئارقىلىق جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ».

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: دۇبەي خەلقئارا ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسى، دۇنيا بىرىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمە لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئەبۇزەبى مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى ۋە «ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» پۈتۈشكۈچى تەرەپلەرنىڭ 28-قېتىملىق يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ يىل 4- پەسىلدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە چىقىدىغان «خەلق گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سانلىق مەلۇمات ئانالىز شىركىتى سىمىسنىڭ ساياھەت تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مېھمانسارايلىرىنىڭ تولۇش نىسبىتى %70 بولغان، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل 4-پەسىلدە تولۇش نىسبىتى %90تىن %100كىچە بولىدىكەن.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرماقتا

ب د ت دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ خەلقئارا ساياھەت كىرىمى 61 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە 4-ئورۇنغا ئۆتۈپ، مەزكۇر دۆلەت ساياھەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتىنى گەۋدىلەندۈرگەن.