ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو ئىقتىسادى كۈچلۈك ئەۋرىشىملىككە، غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-17 11:19

بۈگۈنكى دۇنيا نۇرغۇن ئېنىقسىزلىققا دۇچ كەلمەكتە، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ساقلىشى ئىنتايىن مۇھىم. دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، 2023-يىلى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.2 ئېشىپ، سىجىل ئېشىشنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى نامايان قىلغان. 2023-يىلى جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %30تىن يۇقىرى بولۇپ، يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قېلىشىدىن ئۈمىد بار.

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل مۇقىم، ساغلام ئېشىشى دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. 2023 - يىلى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 126 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى، نىسبەتەن تەكشى مۇقىم سۈرئەتتە ئاشقان بولسىمۇ، دۇنيا ئىقتىسادىغا غايەت زور پايدا ئېلىپ كەلدى. ئىقتىسادنىڭ ئۇزاق مۇددەت ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئېشىش بىلەن مۇقىملىق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا موھتاج. نوقۇل يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشنى قوغلىشىش ئىقتىسادىي داۋالغۇش ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، مۇقىم، مۇۋاپىق ئېشىش سۈرئىتى ئىقتىسادنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشىغا پايدىلىق.

ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو نىسپىي مۇقىم ئىقتىسادىي مۇھىتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ساقلاپ كەلدى. جۇڭگونىڭ ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسىتى پۇختا، جانلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئېشىشىنى مۇھىم كاپالەتكە ئىگە قىلدى، بۇ جۇڭگونىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى. جۇڭگونىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي خەۋپ - خەتەرگە تېخىمۇ تېز تاقابىل تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئىقتىسادىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىيالايدۇ.

نۆۋەتتە، جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگونىڭ تىرىلمە ئېنېرگىيە ئارقىلىق توك چىقىرىدىغان گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ كەتتى. جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. گەرچە نۇرغۇن دۆلەتلەر يېشىل تەرەققىياتنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى ھەقىقىي تۈردە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى، يېشىل كەسىپلەر ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى ھەمدە يەنىلا غايەت زور ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولدى.

جۇڭگونىڭ ئىختىساسلىقلار پايدىسى نامايان بولماقتا. جۇڭگودا 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس بار، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئۆسۈپ يېتىلىش خاراكتېرىگە ئىگە 400 مىليوندىن ئارتۇق ئوتتۇرا ھال كىرىملىكلەر توپى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە نوپۇسنىڭ ئومۇمىي مائارىپ سەۋىيەسى سىجىل ئېشىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە مۇلازىمەتچىلىك ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. گەرچە جۇڭگو نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى قاتارلىق خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگودىكى ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇس 900 مىليونغا يېقىنلىشىدۇ، ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇسنىڭ ئوتتۇرىچە مائارىپ تەربىيەسى ئېلىش ۋاقتى 11.05 يىلغا، ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئالغان نوپۇس 240 مىليونغا يېتىدۇ. نوپۇس سۈپىتىنىڭ تېز ياخشىلىنىشى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ناھايىتى ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تىرىكى، «ئوتتۇرا ھال كىرىم تۇزىقى»غا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشنىڭ ئاچقۇچى. جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىپ بولدى. 2012 - يىلىدىن 2022 - يىلىغىچە، جۇڭگونىڭ پۈتكۈل ئىجتىمائىي تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتى چىقىمى 1 تىرىليون يۈەندىن 3 تىرىليون 90 مىليارد يۈەنگە كۆپىيىپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنىڭ سىجىللىقى %1.91 تىن %2.55كە يەتتى. نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئالدىنقى مىڭدىن بىر دۇنيا قىزىق نۇقتا ئىلمىي ماقالىلىرى دۇنيا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %41.7 ئىنى ئىگىلىدى. جۇڭگو سۈنئىي ئەقىل، يېڭى ئېنېرگىيە، بىيو تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى خەلقئارادىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، جۇڭگو ئىقتىسادىنى يېڭى ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر جۇڭگو خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىسى، دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم تۆھپىكارى بولۇپ قالدى.

جۇڭگونىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى ۋە مۇلازىمەتچىلىكى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىلىشتىن ئۈمىد بار. 2022 - يىلى جۇڭگونىڭ رەقەملىك ئىقتىساد كۆلىمى 50 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئومۇمىي مىقدارى دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇرۇپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %41.5 ئىنى ئىگىلىدى. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە جۇڭگودا رەقەملەشتۈرۈش ئىختىساسلىقلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن 25 مىليوندىن 30 مىليونغىچە كەمچىل ئىكەن. جۇڭگونىڭ يېڭى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلىشىدىغان تەربىيەلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ماھارەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق پۈتۈن جەمئىيەتتىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇشىدىن ئۈمىد باركەن.
جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، شۇڭا سەۋرچانلىق ۋە ئىرادىنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئىقتىسادنىڭ داۋالغۇشى تەرەققىياتتىكى نورمال ھالەت، بۇنىڭغا دىيالېكتىكىلىق مۇئامىلە قىلىش كېرەك. قىسقا مۇددەتلىك ئىقتىسادىي داۋالغۇشقا تاقابىل تۇرۇش پىشىپ يېتىلگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ھەممىسى باشتىن كەچۈرىدىغان جەريان. كۆپ ساندىكى ئىقتىسادشۇناسلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا قارىتا: جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئوتتۇرا ھال كىرىملىكلەر توپى، ئەڭ كۆپ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا ئىگە، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە، جۇڭگو خەلقى ئەمگەكچان ھەم مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇ ئامىللار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئەۋرىشىملىككە، غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بولۇشىنى ئورتاق بەلگىلىگەن دېگەن ئاساسى ئورتاق تونۇشقا كەلدى.

تەرجىمان: پاتىگۈل

سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو ئىقتىسادى كۈچلۈك ئەۋرىشىملىككە، غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە

بۈگۈنكى دۇنيا نۇرغۇن ئېنىقسىزلىققا دۇچ كەلمەكتە، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ساقلىشى ئىنتايىن مۇھىم. دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، 2023-يىلى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي