ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى نۇرغۇن جايلارنى زىچ بومباردىمان قىلدى خاماس ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ شىفا دوختۇرخانىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-20 16:30

  ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ يەر ۋاقتى 19-مارت غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى غەززە شەھىرىنىڭ نۇرغۇن رايونلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، ئاز دېگەندە 22 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، نۇرغۇن كىشى خارابىلىك ئاستىدا قالدى. غەززە رايونىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى جېبالىيە مۇساپىرلار لاگېرىدىكى بىر قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ساقلاش نۇقتىسى شۇ كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندىمۇ ئىككى ئادەم قازا قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى سەھەردە يەنە غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر رافادىكى نۇرغۇن تۇرالغۇلارغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، ئاز دېگەندىمۇ 14 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. غەززە رايونىدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 19-مارت غەززە شەھىرىگە جايلاشقان غەززە رايونىدىكى ئەڭ چوڭ دوختۇرخانا شىفا دوختۇرخانىسىغا داۋاملىق قورشاپ ھۇجۇم قىلغان. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شىفا دوختۇرخانىسىدىكى ھەربىي ھەرىكەتتە پەلەستىننىڭ ئاز دېگەندە 50 قوراللىق خادىمىنى ئېتىپ تاشلىدى ھەمدە ئاز دېگەندە 180 كىشىنى قولغا ئالدى. خاماس تاراتقۇ ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ شىفا دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىنى «قانلىق قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ھۇجۇمدا ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى 250 تىن ئېشىپ كەتتى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن پەلەستىنلىكلەر ئىچىدە بالىلار، پۇقرالار، كېسەللەر ۋە مۇساپىرلار بار، يەنە دوختۇرخانا ئىچىدىكى بىر قىسىم ئەسلىھەلەر كۆيۈپ كەتتى. پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ 3-ئاينىڭ 19-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۆتكەن 24 سائەتتە غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 93 كىشى قازا قىلغان، 142 كىشى يارىلانغان. قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئەنسارى 19-مارت مۇنداق دېدى: غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىدە نۆۋەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تېخى يېقىنلاشمىدۇق، ئۇ يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر رافادا ئۇرۇش باشلانسا، ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەزىيەت يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلسە، سۆھبەتكە مۇقەررەر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

تەرجىمان: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى نۇرغۇن جايلارنى زىچ بومباردىمان قىلدى خاماس ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ شىفا دوختۇرخانىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ يەر ۋاقتى 19-مارت غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى غەززە شەھىرىنىڭ نۇرغۇن رايونلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، ئاز دېگەندە 22 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى،