ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 85 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق قاتناپ، ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-21 12:40

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى تەڭ قۇرۇشتىكى بايراقدار تۈر ۋە بەلگە خاراكتېرلىك ماركا بولغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدا ئۈزلۈكسىز يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىلىپ، ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ قۇرۇقلۇق تىرانسپورت يېڭى يولى ئېچىلدى ۋە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق يېڭى كۆۋرۈكى سېلىندى. ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 85 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق قاتناپ، ياۋروپادىكى 25 دۆلەت، 219 شەھەرگە يېتىپ بېرىپ، داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان دۇنيادا بىخەتەر، راۋان بولغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنات زەنجىرى ھاياتلىق لىنىيەسى بەرپا قىلىندى.

  جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى كېچە-كۈندۈز توختىماي ئون مىڭ چاقىرىم يول يۈردى. 2011-يىلى تۇنجى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتنىغاندىن بۇيان، 10 نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق، بۇ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى قۇرۇقلۇق يولى ترانسپورتى «ئالتۇن يولى» يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا كىرىپ، ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.

  لىنىيە كۆپەيتىپ تەسىس قىلىنىپ، خەلقئارا تىرانسپورت يېڭى يولى كېڭەيتىلدى

  ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ماشىنا-ئۈسكۈنىلىرىدىن 110 ئۆلچەملىك ساندۇق قاچىلانغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يېقىندا چۇڭچىڭ تۈەن جېسۈن ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، شىنجاڭنىڭ قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن چىقىپ، قازاقىستان، ئەزەربەيجان، گىرۇزىيەدىن ئۆتۈپ، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە يېتىپ باردى. بۇنىڭ بىلەن تۈركىيەگە قاتنايدىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا يەنە يېڭى لىنىيە قوشۇلدى.

  2015-يىلى تۈركىيە جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە «ئوتتۇرا كارىدور» پىلانىنى تۇتاشتۇرۇش توغرىسىدىكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىغاندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئىككى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى.

  2015-يىلى 11-ئايدا، ليەنيۈنگاڭدا جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تۈركىيە يۆنىلىشىدىكى قاتنىشى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 2020-يىلى 12-ئايدا، 42 يۈك ساندۇقى بېسىلغان «چاڭئەن» ناملىق ئىستانبۇلدىن شىئەنگە بارىدىغان تۇنجى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يولغا چىقىپ، باكۇ-تىبلىس-كارىس دۆلەت ھالقىغان تۆمۈر يول ۋە كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان خەلقئارا تىرانسپورت كارىدورىدىن ئۆتۈپ، قورغاس پورتى ئارقىلىق جۇڭگوغا كەلدى. بۇ تۈركىيەنىڭ جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلغان تاۋارلىرى بېسىلغان تۇنجى يۈك تىرانسپورت پويىزى.

  تۈركىيە دۆلەتلىك تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ سابىق باش دىرېكتورى ھەسەن پېزۇك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان خەلقئارا تىرانسپورت كارىدورىدىن ئۆتىدۇ، باشقا لىنىيەلەرگە سېلىشتۇرغاندا مۇساپىسى ئاز دېگەندە 2000 كىلومېتىر قىسقاردى، بۇ ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئارىسىدىكى ئەشيا ئوبوروتى ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. قىزىل دېڭىز دېڭىز تىرانسپورت لىنىيەسىنىڭ بىر ئايغا يېقىن توشۇش مۇساپىسىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ لىنىيە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، ئاسىيا-ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. تاۋارلىرىنى ئاسىياغا ئېكسپورت قىلماقچى بولغان نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتىدىكى مۇھىم تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

  2-ئاينىڭ باشلىرىدا قەھۋە، سۈت پاراشوكى، شاكىلات قاتارلىق چاغانلىق ماللار قاچىلانغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى شىئەن خەلقئارا پورت ۋوگزالىغا يېتىپ كەلدى، بۇ جۇڭگونىڭ گېرمانىيەنىڭ دۇيسبۇرگدىن شىئەنگە قاتنايدىغان تۇنجى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن مۇساپىلىك ۋاقىت جەدۋىلى بويىچە قايتىش سەپىرىدىكى چاغانلىق ماللار بېسىلغان نۆۋەتچى پويىزنىڭ ئوڭۇشلۇق يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ھازىر شىئەندىن گېرمانىيەنىڭ دۇيسبۇرگقا بېرىپ كېلىشكە پەقەت 10 كۈنلا كېتىدىكەن، 2023-يىلىدىكىدىن يەنە ئىككى كۈن قىسقارغان، ئەڭ بالدۇر قاتنىغان نۆۋەتچى پويىز بىلەن سېلىشتۇرغاندا تەخمىنەن بىر ھەپتە قىسقارغان.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قىزىل دېڭىز كىرىزىسى قاتارلىق رايون خەۋپ-خەتىرى كۆپ يۈز بېرىۋاتقان، يەر شارى ئەشيا ئوبوروتى ۋە تەمىنات زەنجىرى زەربىگە ئۇچراۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. سىنگاپور «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى» دە كەسپى ئەرباپنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، قىزىل دېڭىز كىرىزىسى پارتلىغاندىن كېيىن، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈك تىرانسىپورت ئېھتىياجى %100 ئاشتى، دېيىلدى.

  مۇقىم ۋە راۋان بولۇش خەلقئارادىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنات زەنجىرىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلدى

  پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋا شەھىرىنىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپىدىكى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت شىركىتى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە، ئادەتتىن تاشقىرى ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. شىركەتنىڭ 2-نومۇرلۇق ئىسكىلاتىدا، لىق مال قاچىلانغان ئوتتۇرا تىپتىكى كوزۇپلۇق يۈك ئاپتوموبىلى ئىسكىلاتنىڭ دەرۋازىسىدىن چىققاندا، يەنە بىر يۈك ئاپتوموبىلى شۇ ھامان ئىسكىلاتقا كىرىپ يۈك قاچىلايدۇ.

  خەلقئارا يۈك تىرانسپورت شىركىتى قۇرۇقلۇق يولى يۈك تىرانسپورتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك شىركىتى، شىركەتنىڭ تەخمىنەن 2000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئاساسىي ئىسكىلاتىدىكى %80 تىن ئارتۇق مال جۇڭگودىن كەلگەن. خەلقئارا يۈك تىرانسپورت شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى بارتوش مىشكېۋىچ: تىجارەت مىقدارىنىڭ ئېشىشى بەك تېز بولغاچقا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىركەت خادىملىرى ئىزچىل نورمىدىن ئاشۇرۇپ خىزمەت قىلدى، دېدى.

  ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1-ئايدا، شىركىتىمىز جەمئىي 2000 دىن ئارتۇق ھاۋالىلىك زاكازنى قوبۇل قىلدى، 300 دىن ئارتۇق ئۆلچەملىك يۈك ساندۇقىنى ۋاكالىتەن توشىدى، 17 مىڭدىن ئارتۇق ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىسىنى يۆتكەپ توشىدى، ئومۇمىي تىجارىتى بۇلتۇر 12-ئايدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشتى. بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ، شىركىتىمىز جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنى توشۇش ۋاكالەتچىلىك كەسپىنى يېڭىدىن كۆپەيتتى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا 3000غا يېقىن ئاپتوموبىلنى ۋاكالىتەن يۆتكىدى. بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تېز كۆپىيىۋاتقان يۈك يۆتكەش كەسپىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، شىركىتىمىز ئاساسىي ئىسكىلاتنىڭ ئۇدۇلىغا يېڭى ئىسكىلات سالدى.

  پولشا جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىدىكى مۇھىم بىكەت. پولشادىكى كىچىك بازار ماراشېۋىچ ئىلگىرى پولشانىڭ مۇھىم قۇرۇقلۇق يولى يۆتكەپ توشۇش پونكىتى ئىدى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كېيىن تەدرىجى خارابلاشقان. جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتنىشى بۇ چېگرا كىچىك بازىرىنى قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم تۆمۈر يول ئەشيا ئوبوروتى يۆتكەپ توشۇش تۈگۈنىگە ئايلاندۇردى.

  ھازىر، جۇڭگونىڭ چېڭدۇدىن يولغا چىققان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى مالاشېۋىچقا 10 كۈندىلا يېتىپ بارىدۇ. مالاشېۋىچ تۆمۈر يول يۈك تىرانسىپورت مەيدانى ۋوگزالىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۇقاش زايۇڭز مۇنداق دېدى: كۈنىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 120 ئۆلچەملىك ساندۇق يۈك توشۇلىدۇ. يۆتكەپ توشۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بىر يېرىم يىل قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، مەيدان-ۋوگزاللارنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى تاماملىدۇق، ھازىر مەيدان-ۋوگزاللار ئىچىدىكى يۈك مەيدانىغا 1800 دىن ئارتۇق ئۆلچەملىك يۈك ساندۇقى سىغىدۇ.

  پولشا ئۇچۇر ۋە چەت ئەل مەبلەغ سېلىش ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى سىۋاۋومىل مايمان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر دۇنيادا خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىس گىرەلىشىپ كەتكەن ئارقا كۆرۈنۈشتە، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشتە كۈنسېرى مۇھىم رول ئوينىماقتا. جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى خېرىدارلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئەشيا ئوبوروتى ھەمدە مەبلەغ ئوبوروتىنى مۇقىم كۆزلىمىگە ئىگە قىلدى، بۇ ئارقىلىق خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرىنىڭ راۋانلىقىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋېنگىرىيە جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا-شەرقىي ياۋروپا رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىق ھەمراھى ئىچىدە ئىزچىل ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. ۋېنگىرىيە ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان بولغاچقا، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ۋېنگىرىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان سودا تىرانسپورتىدىكى ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. ھازىر جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى پولشا، چېخ قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئۆتۈپ ۋېنگىرىيەنىڭ بۇداپېشتقا 18 كۈندە يېتىپ بارىدۇ. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيە ئارىسىدا قاتنايدىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

  ۋېنگرىيە سازودېۋېگ تەتقىقاتخانىسى سىياسىي تەھلىل مەركىزىنىڭ مۇدىرى كىسېي زورتان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىزىل دېڭىز كىرىزىسى قاتارلىق رايون خەۋپ-خەتىرى كۆپ يۈز بېرىۋاتقان، يەر شارى ئەشيا ئوبوروتى ۋە تەمىنات زەنجىرى زەربىگە ئۇچراۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يۇقىرى ئۈنۈملۈك قاتناپ، مۇھىم ئەشيالارنىڭ ۋاقتىدا، ئىشەنچلىك يەتكۈزۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، ياۋروپا-ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى سودا ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

  دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشىشى يەر شارىنىڭ يۈك ترانسپورتى ۋە تاۋار سودىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرغۇچى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئالىدىغان مۇھىم ۋاسىتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، داۋاملىق تەرەققىي قىلىش ۋە گۈللىنىشنىڭ «سۈرئىتىنى تېزلىتىپ»، دۇنيا ئىقتىسادىغا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇپ، ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئاشۇرىدۇ.

  تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 85 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق قاتناپ، ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى تەڭ قۇرۇشتىكى بايراقدار تۈر ۋە بەلگە خاراكتېرلىك ماركا بولغان