ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«ئون مىڭ كەنتكە توك يەتكۈزۈش»تۈرى ئافرىقىنىڭ چەت-ياقا رايونلىرىدىكى خەلق ئاممىسىغا دۇنيانى چۈشىنىش كۆزنىكى ئېچىپ بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-24 09:36

نىگېرىيەلىك باكو ئوتا يەتتە يىل ئىلگىرى «ئون مىڭ كەنتكە توك يەتكۈزۈش» تۈرىنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق خۇلۇمى كەنتىدە يولغا قويۇلغانلىقىنى ئەسلىگىنىدە، ھاياجىنىنى باسالماي قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭدىن بۇرۇن، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز كۆز ئالدىمىزدىلا چەكلىنىپ قالغانىدى.« ئون مىڭ كەنتكە توك يەتكۈزۈش» تۈرى بىزگە كەنتنىڭ سىرتىدىكى دۇنيانى كۆرسەتتى. شۇ كۈنى كەچتە، بىز ناھايىتى خۇشال بولدۇق، تۇيۇقسىز توك توختاپ قالغان تەقدىردىمۇ، گېنېراتورنى ئېچىپ، تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى كۆرەلەيدىغان بولدۇق.

باكو ئوتا-ئافرىقىنىڭ چەت-ياقا يېزا رايونلىرىدىكى مىليونلىغان «ئون مىڭ كەنتكە توك يەتكۈزۈش» تۈرىدىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ بىرى. 2015-يىلى 12-ئايدا، جۇڭگو-ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئافرىقا بىلەن «ئون چوڭ ھەمكارلىق پىلانى»نى نۇقتىلىق يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە « ئون مىڭ كەنتكە توك يەتكۈزۈش» تۈرى ئافرىقىدىكى 10 مىڭ كەنتكە سۈنئىي ھەمراھ رەقەملىك تېلېۋىزىيە سىگنالى بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. 2023-يىلى 12-ئايغىچە، جۇڭگو ئافرىقىغا ياردەم بەرگەن «ئون مىڭ كەنتكە توك يەتكۈزۈش» تۈرى ئافرىقىدىكى 20 دۆلەتتىكى قۇرۇلۇش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، ئافرىقىدىكى 9512 كەنتنى قاپلىدى، بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشكەن ئائىلە 190 مىڭدىن ئاشتى. موزامبىك زۇڭتۇڭى نيۇسى ئىلگىرى «ئون مىڭ كەنتكە توك يەتكۈزۈش» تۈرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: بۇ تۈر موزامبىكنىڭ شەھەر يېزىلىرى ھەمدە بۇ دۆلەت بىلەن دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى سان ۋە ئۇچۇر پەرقىنى كىچىكلىتىشكە پايدىلىق بولۇپ، شۇ جاينىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئاممىۋى مائارىپ ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇ تۈرنى يولغا قويغۇچى تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو كارخانىسى سىدا دەۋر گۇرۇھى ياردەمگە ئېرىشكۈچى ھەر بىر كەنتنىڭ ئاممىۋى رايونىغا ئىككى يۈرۈش قۇياش ئېنېرگىيەلىك پىرويېكسىيە تېلېۋىزىيە سىستېمىسى ۋە بىر يۈرۈش رەقەملىك تېلېۋىزىيە بىر گەۋدىلەشكەن ئاپپارات سىستېمىسى ئىئانە قىلدى. بۇ ئۈسكۈنىلەر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقى ئۇچۇرغا ئېرىشىشىدىكى مۇھىم يول بولۇپ قالدى.

رۋاندادىكى ياردەمگە ئېرىشكەن كەنت ئاھالىسى مۇلىنداخابى ئاۋگۇستىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: تېلېۋىزور ئارقىلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، ھۆكۈمەت تۈرلىرى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيمىز. مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پىروگرامما تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، سۈزۈك تېلېۋىزوردا مۇسابىقە كۆرۈش كىشىنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالىدۇ.

34-نۆۋەتلىك ئافرىقا دۆلەتلىرى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 2024 -يىلىنىڭ بېشىدا كوتىدىۋوردا ئۆتكۈزۈلدى، سىدا دەۋر گۇرۇھى بۇ نۆۋەتلىك ئافرىقا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ 52 مەيدان مۇسابىقىسىنى ئۇلاپ كۆرسەتتى ھەمدە تەنتەربىيە كەسپىي خادىملىرىنى سىۋاسلى تىلى، يورۇبا تىلى، خاۋسا تىلى قاتارلىق ئالتە خىل يەرلىك تىلدا مۇسابىقىنى چۈشەندۈرۈشكە تەكلىپ قىلىپ، توپ مەستانىلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. كوتېدىۋا ياۋۇ كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئابىسا مۇنداق دېدى: جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ كەنتىمىزگە سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە سىگنالى ئۇلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت، بىز ھازىر ئائىلىمىزدىكىلەر بىللە ئولتۇرۇپ توپ مۇسابىقىسى كۆرەلەيدىغان بولدۇق!

سىدا دەۋر گۇرۇھىنىڭ چەت ئەلدىكى ئاممىۋى مۇناسىۋەت باش نازارەتچىسى ما شاۋيۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئافرىقىدىكى نۇرغۇن رايونلاردا تېلېۋىزورنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن، كارخانىمىز ئافرىقىغا كىرىشتىن بۇرۇن، شۇ جايدىكى ئامما رەقەملىك تېلېۋىزور كۆرۈش ئۈچۈن يۇقىرى سوممىلىق دەسلەپكى ئورنىتىش ھەققى ۋە ئايلىق ھەققى تۆلەيتتى، دەسلەپكى ئورنىتىش ھەققى 200 نەچچە ئامېرىكا دوللىرى، كۆرۈش ھەققى ھەر ئايدا 50 ئامېرىكا دوللىرىدىن 100 ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولاتتى. ھازىر سىدا دەۋر گۇرۇھىنىڭ قانال كۆپەيتكۈچىنىڭ دەسلەپكى ئورنىتىش ھەققى ئاران 10 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئابۇنىچىلار ئايلىق ھەققى 3 ئامېرىكا دوللاردىن 5 ئامېرىكا دوللارغىچە تاپشۇرسىلا ئاخبارات، تەنتەربىيە، كىنو-تېلېۋىزىيە قاتارلىق 30 يۈرۈشكە يېقىن رەقەملىك تېلېۋىزىيە قانىلىنى كۆرەلەيدۇ. رەقەملىك تېلېۋىزور يۇقىرى كىرىملىكلەر قاتلىمىدىكىلەرگە تەۋە بولماستىن، بەلكى سانسىزلىغان ئادەتتىكى ئافرىقا ئائىلىلىرىگە كىردى.

«ئون مىڭ كەنتكە توك يەتكۈزۈش» تۈرى ۋە تېلېۋىزىيە مۇلازىمىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سىدا دەۋر گۇرۇھى ياردەمگە ئېرىشكەن كەنتلەردە تېلېۋىزىيە تېخنىكلىرىنى تەربىيەلەپ، سېتىشتىن كېيىنكى ئاسراش خىزمىتىگە قاتناشتۇردى. موزامبىكلىك 31 ياشلىق يىگىت نۇنېس گۋاردارېيا بۇ دۆلەتتىكى 2200 تېخنىكنىڭ بىرى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئون مىڭ كەنتكە توك يەتكۈزۈش تۈرى»گە قاتنىشىش مېنىڭ كەسپىي ھاياتىمدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىش. مەن چەت-ياقا رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىشىگە، تۇرمۇشىنى بېيىتىشىغا ياردەم بېرەلەيمەن، مەن ھازىرقى خىزمىتىمنى بەك ياخشى كۆرىمەن.

«ئون مىڭ كەنتكە توك يەتكۈزۈش» ئافرىقىنىڭ چەت-ياقا رايونلىرىدىكى خەلق ئاممىسىغا دۇنيانى چۈشىنىش كۆزنىكى ئېچىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىدا دەۋر گۇرۇھى يەنە يەرلىكلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى. كېنىيەدە بۇ كارخانا مەبلەغ سېلىپ نۇرغۇن يەرلىك تىياتىرلارنى ئىشلىگەن بولۇپ، كۆرسىتىلگەندىن كېيىن شۇ جايدىكى تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. كېنىيە كىنو كومىتېتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىموسى ئوۋاس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىۋاسلى تىلىدىكى دىيالوگ ئىشلىتىلگەن بۇ تىياتىرلار «ئۆزىمىزنىڭ ھېكايىسى ھەقىقىي بايان قىلىنغان ئەسەرلەر» ھېسابلىنىدۇ.

(تەرجىمان: ئامانگۈل، سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل )



中央广播电视总台 央广网 版权所有

«ئون مىڭ كەنتكە توك يەتكۈزۈش»تۈرى ئافرىقىنىڭ چەت-ياقا رايونلىرىدىكى خەلق ئاممىسىغا دۇنيانى چۈشىنىش كۆزنىكى ئېچىپ بەردى

نىگېرىيەلىك باكو ئوتا يەتتە يىل ئىلگىرى «ئون مىڭ كەنتكە توك يەتكۈزۈش» تۈرىنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق خۇلۇمى كەنتىدە يولغا قويۇلغانلىقىنى ئەسلىگىنىدە، ھاياجىنىنى باسالماي قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭدىن بۇرۇن،