ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو بىلەن گىرۇزىيەنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-25 09:03

  گىرۇزىيەلىك يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى مەسراز ئۇزۇن يىللىق شوپۇرلۇق ئىستاژىغا ئىگە بولۇپ، شۇ جاينىڭ يول ئەھۋالىنى بەش قولدەك بىلىدۇ. ئۇ: E60 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ نۇرغۇن بۆلەكلىرىدە قاتناش باشلاندى، مال توشۇشىمىز تېخىمۇ قولايلاشتى، دېدى.

  گىرۇزىيە جەنۇبىي كاۋكازنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، دۆلەت زېمىنىنىڭ تەخمىنەن 3/2 قىسمى تاغلىق رايون. ئىلگىرى ھەر قېتىم ئەگرى-بۈگرى، تار تاغ يولىدىن ئۆتكەندە، مەسراز دەككە- دۈككىگە چۈشۈپ قالاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: E6 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۈرىنىڭ تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، يول تېخىمۇ بىخەتەر، قولايلىق بولدى، كىرىمىممۇ خېلى كۆپەيدى.

  E60 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى گىرۇزىيەنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي قىسمىنى كېسىپ ئۆتىدىغان، ئاسىيا-ياۋروپا قاتناش غول لىنىيەسىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق خەلقئارا قاتناش تۈگۈنى. يېقىندا نۇرغۇن جۇڭگو مەبللىغى كارخانىلىرى قۇرۇلۇشقا قاتناشقان بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ نەچچە ئون كىلومېتىرلىق بۆلىكىدە قاتناش باشلاندى، جۇڭگو كارخانىلىرى ھۆددىگە ئالغان تونېل تۈرىدىمۇ تارىخىي ئىلگىرىلەش بولدى. مەسراز: بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ گىرۇزىيەنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

  E60 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى جۇڭگو بىلەن گىرۇزىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ سىجىل چوڭقۇرلاشقانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. ھازىر جۇڭگو بىلەن گىرۇزىيەنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپلىك سودا سىجىل، مۇقىم ئېشىۋاتىدۇ. 2022-يىلى، جۇڭگو بىلەن گىرۇزىيەنىڭ سودا سوممىسى 1992-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان چاغدىكى 3 مىليون 680 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن 1 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا كۆپەيدى؛ 2023-يىلى، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سوممىسى 2 مىليارد 49 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48.4 ئاشتى. بۇ يىل 1-ئايدىن 2- ئايغىچە، جۇڭگو بىلەن گىرۇزىيەنىڭ سودا سوممىسى 344 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.8 ئاشتى. گىرۇزىيە جۇڭگونىڭ ياۋروپا-ئاسىيا رايونىدىكى تۇنجى ئەركىن سودا ھەمراھى، جۇڭگو ئۇدا نەچچە يىل گىرۇزىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئېكسپورت بازىرى ۋە ئۈچىنچى چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلاندى.

  جۇڭگونىڭ غايەت زور ئىستېمال بازىرى گىرۇزىيەگە كەڭ پۇرسەت ۋە پايدا ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گىرۇزىيە 2018-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان داۋاملىق قاتناشتى. بۇلتۇر 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسىدە گىرۇزىيە تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەت نامىدا كۆرگەزمە تەسىس قىلدى. گىرۇزىيەنىڭ ئۈزۈم ھارىقى، مىنېرال سۇ، ھەسەل، قۇرۇق مېۋە قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرى جۇڭگودىكى مىليونلىغان ئائىلىلەرگە كىرىپ، جۇڭگو خەلق ئاممىسىنىڭ بارغانسېرى ياقتۇرۇشىغا ئېرىشمەكتە. گىرۇزىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى كالەندىيا: جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، گىرۇزىيە-جۇڭگو ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور ئاكتىپ رول ئوينىدى، دېدى.

  بۇلتۇر 11-سېنتەبىر گىرۇزىيە شۇ كۈندىن باشلاپ جۇڭگو پۇقرالىرىغا ۋىزىسىز مۇئامىلىدىن بەھرىمەن قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. گىرۇزىيەنىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە ئىقتىساد ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات مىنىستىرى داۋىد تاشۋېلى مۇنداق دېدى: گىرۇزىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگوغا قارىتىلغان ئېكسپورتنى كېڭەيتىپ، گىرۇزىيە-جۇڭگو ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ پايدىسىنى داۋاملىق قويۇپ بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ گىرۇزىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىمىز، گىرۇزىيە بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

  گىرۇزىيە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئەڭ بالدۇر قوللىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. جۇڭگو بىلەن گىرۇزىيە 2015-يىلىلا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالىغان. 2023-يىلى 7-ئايدا، جۇڭگو-گىرۇزىيە مۇناسىۋىتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىق پىلانىنى ئىمزالىدى. بۇلتۇر 11-ئايغىچە، جۇڭگو گىرۇزىيەگە تەخمىنەن 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالدى، جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانىلار گىرۇزىيەدە جەمئىي 300 كىلومېتىردىن ئارتۇق تاشيول، 40 كىلومېتىردىن ئارتۇق تۆمۈر يول ياسىدى، ئىككى تەرەپنىڭ كەسىپ رايونى، ئىقتىساد-سودا، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو بىلەن گىرۇزىيەنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى

گىرۇزىيەلىك يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى مەسراز ئۇزۇن يىللىق شوپۇرلۇق ئىستاژىغا ئىگە بولۇپ، شۇ جاينىڭ يول ئەھۋالىنى بەش قولدەك بىلىدۇ. ئۇ: E60 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ نۇرغۇن بۆلەكلىرىدە قاتناش باشلاندى، مال توشۇشىمىز تېخىمۇ قولايلاشتى، دېدى.