ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالتۇن بىلەن بىت تەڭگىسى باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە داۋالغۇشى قانداق تەسىر پەيدا قىلىدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-25 09:05

  يېقىندا ئالتۇن بىلەن بىت تەڭگىسىنىڭ باھاسىدا زور داۋالغۇش بولدى، خەلقئارادا ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 2100 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، بىت تەڭگىسى بىر مەھەل 73 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق باھا بىلەن يۇقىرى ئورۇندا تۇردى. تەھلىلچىلەر خېيىم-خەتەردىن ساقلىنىش ئېھتىياجى، سېلىنما ۋە ھايانكەشلىك ئېھتىياجى، ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ پۇل سىياسىتى كۆزلىمىسى، تەمىنات بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە ئامىللار بۇ نۆۋەتلىك باھانىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەب دەپ قارىدى.

  بىت تەڭگىسىنىڭ باھاسى بۇلتۇر 4-پەسىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ئۆرلىدى، بۇ يىل جەمئىي %60 ئۆرلىدى، يېقىنقى مەزگىلدە كۆپ قېتىم چوڭ داۋالغۇش يۈز بەردى. 3-ئايدا نىيۇيورك بازىرىدىكى ئالتۇن قەرەللىك مېلىدا بىر مەھەل ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 2200 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى، مۇشۇ ئايدا %5 تىن ئارتۇق ئۆرلىدى.

  ئالتۇن ئەنئەنىۋى خېيىم-خەتەردىن ساقلىنىش مۈلكى بولۇش سۈپىتىدە، باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ئالدى بىلەن بازارنىڭ كۆپ خىل ئويلىنىشنى چىقىش قىلىپ خېيىم-خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتىنىڭ ئۆرلىگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ كەسكىنلىشىشى، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە يېڭى بىر نۆۋەتلىك توقۇنۇشىنىڭ پارتلىشى، قىزىل دېڭىز كىرىزىسىنىڭ داۋاملىق كەسكىنلىشىشىگىچە-يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ مەركىزىي بانكىلىرى زاپاس ئالتۇننى داۋاملىق كۆپەيتتى، ئالتۇن باھاسى داۋاملىق ئۆرلەش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

  نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ زايومىمۇ «بىخەتەر مۈلۈك» دەپ قارىلىدۇ، لېكىن، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتىنىڭ قەرز كۆلىمى 34 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى. داللاس قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش بانكىسىنىڭ سابىق باشلىقى رىچارد فىشېر بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى داۋاملىق تېخىمۇ كۆپ پۇل قەرز ئالسا، زايوم بازىرىدا تەمىنات زىيادە ئېشىپ كېتىپ، ئاخىرىدا زايوم پايدا نىسبىتىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ، بۇ، قەرز ۋە ئۆسۈم تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشىدەك يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ پۇل چىقىرىپ قەرزنى قايتۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ دېگەن ئىدى.

  ئامېرىكىنىڭ بانكا تەدبىرچىسى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا قەرزىنىڭ كېڭىيىش قەدىمى داۋاملىق تېزلىشىۋاتىدۇ، 34 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 35 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆرلىشىگە 100 كۈنمۇ كەتمەسلىكى مۇمكىن، بۇ، نېمە ئۈچۈن ئالتۇن ۋە بىت تەڭگىسى قاتارلىق مۈلۈك باھاسىنىڭ تارىختىكى يۇقىرى نۇقتىغا يېقىنلاشقانلىقى ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە پايدىلىق.

  ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس داۋىد گودمان يېقىندا تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇنداق دېدى: چەتئەل مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ قولىدا 3 تىرىليون 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئامېرىكا زايومى بار، چەتئەللىكلەرنىڭ قولىدىكى ئامېرىكا زايومىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 8 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ. رۇسىيەنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى مۇسادىرە قىلىش تەدبىرى نۇرغۇن چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى مەيلى ھۆكۈمەت تەرەپ مەبلەغ سالغۇچىلىرى بولسۇن ياكى خۇسۇسىي مەبلەغ سالغۇچىلار بولسۇن ئالتۇنغا يۈزلىنىشكە مەجبۇر قىلدى.

  ئۇكرائىنا كىرىزىسى كەسكىنلەشكەندىن بۇيان، ئامېرىكا رۇسىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئامېرىكىدىكى مۈلكىنى توڭلىتىپ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ رۇسىيە مەركىزىي بانكىسى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەت بايلىق فوندى ۋە رۇسىيە مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن سودا قىلىشىنى چەكلىدى. بۇ، رۇسىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئامېرىكا چېگراسى ئىچىدىكى مۈلكى ياكى ئامېرىكىلىقلار كونترول قىلغان مۈلكىنىڭ توڭلىتىۋېتىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. 2022-يىلى 2-ئايدا، ئامېرىكا ئافغانىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى توڭلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئافغانىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ سابىق باشلىقى ئاجمال ئەھمەدنىڭ ئىلگىرى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى تۋىتتېردا ئاشكارىلىشىچە، ئافغانىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ تەخمىنەن 9 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئامېرىكىدىكى بانكىلاردا ساقلانغان ئىكەن. تەھلىلچىلەر كۆپ دۆلەت مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئالتۇن سېتىۋېلىشى بەزى ئەھۋاللاردا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش زىيانغا ئۇچراشتىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ دەپ قارىدى.

  بىت تەڭگىسىنىڭ باھاسى يېقىنقى مەزگىلدە شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتتى، بۇ، ئەنئەنىۋى مەبلەغ سېلىش بازىرى مەبلەغ سېلىش ياكى ھايانكەشلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغانلىقتىن باشقا، ئامېرىكا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىلىرىنىڭ بىت تەڭگىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تارىخىي خاراكتېرلىك بوشاشتۇرۇپ قويۇشىدىن بولدى، بۇ، زور مىقداردىكى ئامېرىكا دوللىرى مەبلىغىنىڭ بىت تەڭگىسى نەق مال سودا بېرژىسى سودا فوندى بازىرىغا ئېقىپ كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. گەرچە يېقىنقى مەزگىلدە بىت تەڭگىسىنىڭ باھاسى سەل ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن 18-مارت بىت تەڭگىسىنىڭ يەككە باھاسى يەنىلا 68 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى يۇقىرى سەۋىيەدە تۇردى.

  ئامېرىكا ئاكسىيە سودا كومىتېتى بۇ يىل 1-ئايدا بىت تەڭگىسى نەق مال سودا بېرژىسى سودا فوندىنى تەستىقلاپ، نۇرغۇن شىركەتلەر ئىلتىماس قىلغان بىت تەڭگىسى نەق مال سودا بېرژىسى سودا فوندىنىڭ سودا قىلىشىغا ھوقۇق بەردى. بۇ، ئورگان ۋە ئۇششاق پايچى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بىت تەڭگىسىنى بىۋاسىتە ئىلىكىدە تۇتمىغان ئەھۋالدا، ئەنئەنىۋى پاي چېكى ھېساباتى ئارقىلىق بىت تەڭگىسىگە مەبلەغ سالالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  گەرچە، ئامېرىكا ئاكسىيە سودىسى كومىتېتىنڭ رەئىس گارى گېنسلېر باياناتىدا، كومىتېتىمىز بىر قىسىم بىت تەڭگىسى نەق مال سودا بىرژىسى سودا فوندى پاي چېكىنىڭ بازارغا سېلىنىشى ۋە سودىسىنى تەستىقلىدى دېگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ بىت تەڭگىسىنى تەستىقلاش ياكى قوللاشقا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلار بىت تەڭگىسى ۋە شىفىرلىق پۇلغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ خەتىرىگە نىسبەتەن ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك، دېدى

  لېكىن بۇ مەبلەغ سېلىش بولۇپمۇ ھايانكەشلىك ئېھتىياجىنى يەنىلا قوزغىدى، بۇنىڭ ئىچىدە خەلقئارا كۆچمە كاپىتال ھايانكەشلىكى ئاز ئەمەس. بىت تەڭگىسى نەق مال سودا بىرژىسى سودا فوندى ئامېرىكىدا تەستىقلانغاندىن كېيىن، شىفىرلاشتۇرۇش بازىرى باشقا مەۋھۇم پۇل نەق مېلى بولغان نەق مال سودا بىرژىسى سودا فوندى ئىلتىماسىنىڭ ئىستىقبالىنى كۈتۈشكە باشلىدى. يېقىندا بىت تەڭگىسىلا ئەمەس، مەۋھۇم پۇل بازىرىمۇ زور دەرىجىدە ئۆسۈش دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى.

  ئۇزۇندىن بۇيان، بىت تەڭگىسى، ئېزرېم تەڭگىسى ۋە رېپلى تەڭگىسى ۋەكىللىكىدىكى مەۋھۇم پۇلنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ئىناۋەت تامغىسى يوق ، لېكىن ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق شەكىللەنگەن. شۇڭا، مەۋھۇم پۇلنى پۇل دەپ ئاتاشقا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا بۇ ساھەدە بىر قەدەر چوڭ تالاش-تارتىش مەۋجۇت. لېكىن ئامېرىكا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىلىرىنىڭ سىياسىتى ئۆزگەردى، بۇ بازاردىن قارىغاندا مەۋھۇم پۇلنىڭ تامغىسى يوقلىقىغا باراۋەر بولۇپ، ئۇنىڭ مەبلەغ سېلىش خاراكتېرى تېخىمۇ زور دەرىجىدە بازارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىت تەڭگىسى نەق مال سودا بىرژىسى سودا فوندىنىڭ تەسىرى بىلەن ئالتۇننىڭ نەق مال سودا بىرژىسى سودا فوندىنى سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئالتۇن نەق مال سودا بىرژىسى سودا فوندى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، ئالتۇن بازىرى بىر قەدەر ئۇزۇن مەزگىللىك پايدا جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈپ، باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىدى. بىت تەڭگىسى نەق مال سودا بىرژىسى سودا فوندى مۇشۇنىڭغا ئوخوشاش ئىزغا چۈشۈشى مۇمكىن.

  مەيلى ئالتۇن ياكى بىت تەڭگىسىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى باھاسىنىڭ ئۆرلىشى بازارنىڭ ئامېرىكا دوللىرى تەمىنات كۆزلىمسىگە بولغان ئۆزگىرىشىنى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېسابلىنىدىغان مۈلۈك بىلەن ئامېرىكا دوللىرى تەبىئىي ھالدا مەنپىي باغلىنىشلىققا ئىگە، شۇڭا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ پۇل سىياسىتى كۆزلمىسى ئالتۇن ۋە بىت تەڭگىسىنىڭ باھا ئۆزگىرىشىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئىككى خىل مەبلەغ سېلىش نىشانىنىڭ ئۆزىدىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتىدىمۇ يېقىنقى مەزگىلدە بەلگىلىك ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، بەزى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، تەمىنات نىسبەتەن قىسقىراپ، باھا كۆزلىمىسىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولغان.

  بازار تەھلىلچىلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: ئالتۇننىڭ ئۆرلەش ۋەزىيىتى بازارنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 6-ئايدىن باشلاپ ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىشىگە بولغان كۆزلىمىسىدىن بولغان. ئامېرىكا پۇل پاخاللىقى بېسىمىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش دەۋرىيلىكى ئاخىرلىشىدۇ، بوشىتىش كۆزلىمىسى داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ، بۇ بازار ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېسابلىنىدىغان باشقا مۈلۈكلەرگە باھا ئۆرلەش بوشلۇقى ئېلىپ كېلىدۇ. 

  بۇنىڭدىن باشقا، ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش قاتلىمىدىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ بازار باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئالتۇن جەھەتتە، «ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، كان بايلىقى تەدرىجىي تۈگەۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيادا ئادەم كۈچى تەننەرخى ئېشىپ كەتكەچكە، ئالتۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر زىيان تارتىدىغان كاننى ئېچىشنى بالدۇرراق توختىتىش كېرەك، دېگەن. يەر شارى ئىقتىسادىدا داۋالغۇش بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، خەۋپتىن ساقلىنىش مۈلكى بولغان ئالتۇن يەنىلا يۇقىرى باھا دائىرىسىدە ساقلىنىدۇ، ھەمدە يەنىمۇ ئۆرلەش مۇمكىنچىلىكى بار.

  بىت تەڭگىسى جەھەتتە، تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 4-ئايدا تۆت يىلدا بىر قېتىم «يېرىمى كېمىيىىش» دەۋرىنى كۈتۈۋالىدىكەن. بىت تەڭگىسى «كان قېزىش» جەريانى ئارقىلىق ھاسىل بولغان بولۇپ، ھېسابلاش ئۇسۇلى لايىھەسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، تەخمىنەن ھەر تۆت يىلدا يېڭىدىن ھاسىل بولغان پۇل مىقدارىنىڭ «يېرىمى كېمەيتىلىدۇ». بۇ خىل ئىچكى پۇل قىسلىقى ئۇنىڭ تەبىئىي كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شۇنداقلا بازارغا ئۆرلەش كۆزلىمىسى ئېلىپ كەلدى. ئەمما بىت تەڭگىسىدە ئىچكى قىممەت تىرىكى كەمچىل بولغاچقا، يۇقىرى داۋالغۇش ئاستىدا، كۆچمە كاپىتال پايدا ئالدى، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، نۇرغۇن قاتناشقۇچىلار كۆپ پايدىغا ئېرىشكەن.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئالتۇن بىلەن بىت تەڭگىسى باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە داۋالغۇشى قانداق تەسىر پەيدا قىلىدۇ؟

يېقىندا ئالتۇن بىلەن بىت تەڭگىسىنىڭ باھاسىدا زور داۋالغۇش بولدى، خەلقئارادا ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 2100 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى،