ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو ئىقتىسادى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-26 09:13

«5% ئەتراپىدا ئېشىش كۆزلىمە نىشانى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈكسەك ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى»، «يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق»، «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى مۇقىم، بازىرى كەڭ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە». خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئۈمىد باغلىدى، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىنى ئارزۇ قىلدى.

2023-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكنى نامايان قىلدى. ئۆتكەن بىر يىلدا، ئادەتتىن تاشقىرى مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، جۇڭگونىڭ پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 126 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، %5.2 ئاشتى، ئېشىش سۈرىتى دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئالدىدا تۇردى. ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئۆتكەن يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مىقدارى 6 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئوتتۇرھال بىر دۆلەتنىڭ بىر يىللىق ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارىغا تەڭ بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو ئىقتىسادى يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ، غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە.

2024-يىلى %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش كۆزلىمە نىشانى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «مۇقىملىقى»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئېنىق، ئاكتىپ سىگنال تارقاتتى. جۇڭگونىڭ مۇقىم ئېشىش كۆزلىمىسى تەرەققىيات ئورتاق تونۇشىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپلا قالماي، يەنە پەسكويغا چۈشۈپ قالغان دۇنيا ئىقتىسادىغا قىممەتلىك ئېنىقلىق ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو روشەن تۈزۈم ئەۋزەللىكىگە، ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئېھتىياجى ئەۋزەللىكىگە، كەسىپ سىستېمىسى مۇكەممەل بولۇشتەك تەمىنات ئەۋزەللىكىگە، يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر كۆپ بولۇشتەك ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىگە ئىگە، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى سىجىل ئاشماقتا، يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى قۇۋۋەت تېز زورايدى، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز توپلاندى، ئىقتىسادنىڭ قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتەك ئاساسىي يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىدى ھەم ئۆزگەرمەيدۇ.

جۇڭگو ئىقتىسادى «يېڭى»بولۇشقا قاراپ ئىلگىرىلەپ، تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتىنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز ياراتتى. يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىچكى تەلىپى ۋە مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى. يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە، تىرەش كۈچىگە ئىگە قىلىدۇ. خەلقئارا ئاممىۋى پىكىر «يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى»نىڭ بۇ يىللىق جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا كىرگۈزۈلگەنلىكىگە ئومۇميۈزلۈك دىققەت قىلىپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى «جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئۇل تېشىغا ئايلاندى» دەپ ھېسابلىدى. 2023-يىلى، جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل، لىتىيلىق باتارېيە، يورۇقلۇق ۋولت مەھسۇلاتلىرىدىن ئىبارەت «يېڭى ئۈچ خىل» مەھسۇلاتنىڭ ئېكسپورت سوممىسى 1 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 كە يېقىن ئاشتى؛ رەقەملىك ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىپ،  5Gنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %50تىن ئاشتى؛ تېرىلمە ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىش گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ كۆلىمى ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭكىدىن تارىخىي خاراكتېرلىك ئېشىپ كەتتى، پۈتۈن بىر يىلدا يېڭىدىن كۆپەيگەن گېنېراتورلار كۆلىمى پۈتۈن دۇنيانىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ كەتتى ... ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېزلىتىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، كەلگۈسى كەسىپلەر تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، بىر تۈركۈم زور كەسىپلەردە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى، جۇڭگونىڭ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەش بولدى. «ئىرېلاندىيە ۋاقىت گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنىدا يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى مۇزاكىرە قىلىندى، تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇچۇر دەۋرىدە ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

جۇڭگو ئىقتىسادى يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىش جەريانىدا ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. يۇقىرى ئۆلچەملىك خەلقئارا ئىقتىساد-سودا قائىدىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، تاشقى سودىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مىقدارىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تاشقى مەبلەغنى جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «بىر بەلباغ بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك ۋە رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك ...

بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەر دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىش سىگنالىنى تارقاتتى. خەلقئارادىكى مەبلەغ سالغۇچىلار جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىگە داۋاملىق دىققەت قىلماقتا، «دۇنياۋى رىقابەت كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، چوقۇم جۇڭگو بازىرىدا چېنىقىش» نۇرغۇن دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن ئىبارەت «تورت»نى بىرلىكتە چوڭايتىشىغا پايدىلىق.

ئۆتكەن بىر يىلغا نەزەر سالساق، نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار گىرەلىشىپ كەتتى، جۇڭگو ئىقتىسادى دولقۇنسىمان تەرەققىي قىلدى، ئەگرى-توقايلىق ئىچىدە ئىلگىرىلىدى، بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى. يېڭى بىر يىلدا، جۇڭگو نىشاننى بېكىتىپ، تىرىشىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنياغا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ، يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر

سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو ئىقتىسادى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ

«5% ئەتراپىدا ئېشىش كۆزلىمە نىشانى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈكسەك ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى»، «يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى