ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«جۇڭگو» بىلەن تىركىشىش «ئامېرىكىنىڭ كېسىلى»نى داۋالىيالمايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-26 09:16

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن يېقىندا پارلامېنتتا دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى بەرگەندە، ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدىكى خىزمەتنىڭ يارقىن نۇقتىسىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان چوڭ سايلامغا ۋەزىيەت ياراتقاندىن باشقا، «جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىشىگە يول قويمايمەن» دەپ ۋەدە بەرگەن بۇ زۇڭتۇڭ يەنە بىر قېتىم ئويلىمىغان يەردىن جۇڭگونى تىلغا ئېلىپ، ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن رىقابەتلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، توقۇنۇشمايدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،21 - ئەسىردىكى رىقابەتتە بىزنىڭ جۇڭگو ياكى باشقا ھەرقانداق دۆلەتنى يېڭىش ئىقتىدارىمىز بار، دېدى.

گەرچە جۇڭگوغا ئالاقىدار گەپ سۆزلەر كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن گەپلەرنىڭ ئارىسىدىن «جۇڭگو بىلەن قارشىلىشىش» پۇرىقىنى روشەن ھېس قىلغىلى بولىدۇ. بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، گەرچە نۆۋەتتە جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە پەسىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى «ئەڭ ئاساسلىق رىقابەتچى» ۋە «ئەڭ كەسكىن جۇغراپىيەلىك سىياسىي خىرىس» دەپ قارىشى ئۆزگەرمەيدۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم يولغا قايتىپ كېلىشىدىكى ئۆز ئارا ئىشىنىش ئاساسى يەنىلا ئاجىز.

جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بۇلتۇر سان فىرانسىسكودا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تۆۋەنلەشتىن توختاپ مۇقىملىشىشىغا يۈزلىنىشتەك ئىمكانىيەت تۇغۇلدى. ئەمما ئامېرىكىنىڭ دېگىنى بىر خىل، قىلغىنى بىر خىل بولۇپ، بەرگەن ۋەدىسىنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى. شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىدىكى مەلۇم ھەربىي گازارمىدا ئىشلىتىلىدىغان نىڭدې شىدەي شىركىتىنىڭ ئېنېرگىيە ساقلاش باتارېيەسىنى ئۇلاشنى ئۈزۈۋېتىشتىن تارتىپ، «پورت بىخەتەرلىكى» نامى بىلەن زور مەبلەغ سېلىپ، پۈتۈن ئامېرىكىنىڭ پورتلىدىكى جۇڭگودا ئىشلەنگەن كىراننى ئالماشتۇرۇشنى پىلانلاشقىچە، يەنە 1000 دىن ئارتۇق جۇڭگو كارخانىسىنى تۈرلۈك جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، بىيو تېخنىكا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلارنى باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەشكىچە،TikTok نى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگونىڭ كۆپ خىل قوللىنىشچان پىروگراممىلىرىنى قورشاپ زەربە بېرىشقىچە...... ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى بېسىش ۋاسىتىسى يېڭىلىنىپ، بىر تەرەپلىك جازالاش تىزىملىكى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، قارىغۇلارچە گۇناھ ئارتىشتا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان دەرىجىگە يەتتى.

جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، ئەڭ چوڭ مەسىلە ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا بولغان خاتا تونۇشى يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ. مەيلى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ سودا مىنىستىرى رايموندونىڭ ئاتالمىش «بېيجىڭ ئامېرىكىدا يۈرۈۋاتقان 3 مىليون جۇڭگو ئاپتوموبىلىنىڭ ئوتىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆچۈرۈپ قويالايدۇ» دېگەن سۆزى بولسۇن ياكى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بۇرنىسنىڭ ئاتالمىش «ئامېرىكا جۇڭگو يېتەكچىلىكىدىكى دۇنيادا ياشاشنى خالىمايدۇ» دېگەن پوزىتسىيەسى بولسۇن، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار يەنىلا نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىش بايانىدا چىڭ تۇرۇپ، لوگىكا بىلەن رېئاللىق ئۆزئارا زىددىيەتلىك سىياسىي سىگناللارنى كۆپلەپ تارقاتتى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىش ئارقىلىق توپلانغان ئۆزئارا ئىشەنچى ئاستا-ئاستا يوق بولدى.

ئامېرىكا ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسنىڭ جۇڭگودا ئەمەس، بەلكى ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. نۆۋەتتە ئامېرىكىدا بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەر − پارتىيە - گۇرۇھلار تالاش-تارتىشى، ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش، نارودنىكىلىق، ئەمگەكچىلەر بىلەن كاپىتالىستلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت، ئىرقىي توقۇنۇش، قەرز كۆلىمى، قورال-ياراغ زوراۋانلىقى ... بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ مەنبەسى جۇڭگو ئەمەس.

«جۇڭگو كوزىرى»نى ئويناش «ئامېرىكا كېسىلى»نى داۋالىيالمايدۇ، جۇڭگونى «قىياسىي دۈشمەن» دەپ قاراشقا مەستانە بولۇش ئامېرىكىنىڭ دۆلەتنىڭ نىشان تۇيغۇسىنى قايتۇرۇپ كېلىشىگە پايدىسىز، پەقەت جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى توقۇنۇش ۋە قارشىلىشىشقا ئىتتىرىپ قويىدۇ. خۇددى ئامېرىكا دىپلوماتىيە تارىخى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى مېلۋىن لېفلېر كۆرسەتكەندەك، ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدە ئويلانغاندا، تېخىمۇ كۆپ قىزىق نۇقتىنى دۆلەت ئىچىگە قويۇشى كېرەك، چۈنكى ھەقىقىي خىرىس «ئۆز سىستېمىسى» نىڭ دۆلەت ئىچىدە ياخشى يۈرۈشۈشىدۇر.

ئامېرىكىنىڭ چەكلەش، زەربە بېرىش ئۇسۇللىرىنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ، بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب نىشانسىز ئوق ئاتقانلىقىدا. جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسى ئوچۇق-ئاشكارا بولۇپ، جۇڭگو ئۆزىنىڭ نىشانىنىڭ ئەزەلدىن ئامېرىكىدىن ھالقىپ كېتىش ياكى ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىش بولماستىن، بەلكى ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈش، ئۆزىدىن ھالقىپ ئۆتۈش، جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۇنيانى تىنچلىق ۋە تەرەققىياتقا پايدىلىق تېخىمۇ كۆپ ئاممىۋى مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ ياخشى جۇڭگوغا ئايلىنىش ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى «جۇڭگو ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمىز» دەپ جاكارلىغان چاغدا، جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغىنى قانداق قىلىپ يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈش ۋە رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت رىقابەت كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش بولدى. برۇكىڭس ئىلمىي جەمئىيىتى دىپلوماتىيە سىياسىتى تۈرىنىڭ نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىسى خې رۈيئېن مۇنداق دەپ قارىدى، دۆلەت ئىچىدىكى ئىختىلاپنى تۈگىتىش ئۈچۈن جۇڭگو تەھدىتىنى كۆپتۈرۈش غەرىزىنىڭ زىيىنى پايدىسىدىن كۆپ، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشنى، بەلكى دىققىتىنى ئۆزىنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك.

جۇڭگو رىقابەتتىن قورقمايدۇ، بېسىمدىن تېخىمۇ قورقمايدۇ. جۇڭگونىڭ دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈشتىكى كۈچ ئاساسىي نۇقتىسى ئۆزىدە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى ئۆز قولىدا، بارلىق بېسىم ۋە چەكلىمىلەر پەقەت جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىرادىسى ۋە قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئۇرغىتىدۇ خالاس. شياڭگاڭدا چىقىدىغان «ئاسىيا ھەپتىلىك ژۇرنىلى» دا يېقىندا ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ئەندىزىسى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشتىن ئىلھام» دېگەن تېمىدىكى ئوبزوردا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو كوللېكتىۋىزملىق پۈتۈن مەملىكەت بىرلىكتە كۈچەش تۈزۈمى بىلەن بازار ئىگىلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش سىستېمىسى - يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز، مېترو، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، كۆۋرۈك، تونېل، ئالەم قاتنىشى سىستېمىسىنى قۇردى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كەسپىي سىستېما، ئەڭ چوڭ ئىنژېنېرلار قوشۇنى، ئەڭ چوڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، ئەڭ چوڭ ئادۋوكاتلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ، كەسپىي قوشۇننىڭ مۇستەقىللىقىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتتى، جۇڭگو پۇقراۋى كارخانىلىرىنىڭ چەتئەلگە يۈزلىنىشى ئۆزگىرىشچان تەمىنلەش زەنجىرىنى بەرپا قىلدى، جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ بېسىمىدىن قورقمايدۇ ......

ئامېرىكا زومىگەرلىكنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۇرۇشقاق تەبىئىتىنى نامايان قىلدى، قوللانغان ھەل قىلىش لايىھەسى باشقا دۆلەتلەرنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى توسۇش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش بولدى. جۇڭگو تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايان قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ ئەمەلىيەتتە «ئىككى مەنبەلىك قارىمۇقارشىلىق» ۋە « جاھان ئومۇمغا مەنسۇپ» دىن ئىبارەت تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل تەپەككۇر ئەندىزىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

بىر خىلى دۇنيانى دۈشمەن ياكى دوست، ئىچكى ياكى سىرتى، پەرق بار ياكى ئوخشاش دەپ تۇرۇپ سىياسىي جەھەتتىن پەرقلەندۈرىدۇ، يەنە بىر خىلى دۇنيانى «تاشقى» بىر پۈتۈن گەۋدە دەپ قارايدۇ، ئالدىنقىسى باشقىلارنى بويسۇندۇرۇش ياكى ئاتالمىش «دۇنياۋىلاشتۇرۇش» ئارقىلىق بىر پۈتۈنلۈك ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشىش، كېيىنكىسى دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، بىر پۈتۈن گەۋدىنىڭ ئىناقلىقىنى قوغداش. يەر شارىلىشىش چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتقان، ئىنسانىيەت تەقدىرى بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان بۈگۈنكى كۈندە، قايسى خىل تەپەككۇر تېخىمۇ زور چاقىرىق كۈچىگە ئىگە؟ ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق دىپلوماتىيە ئەمەلدارى فۇ لىمىننىڭ «ۋاشىنگتون جۇڭگو بىلەن چوقۇم ئۇتتۇرۇپ قويىدىغان بىر مەيدان مۇسابىقە ئويناۋاتىدۇ» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا ئەگەر جۇڭگو بىلەن قارشىلىشىشنى داۋاملىق تاللىسا، خەلقئارادا يالغۇز قالىدۇ، چۈنكى تېخىمۇ ياخشى ئىدارە قىلىش، مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، تېخىمۇ باراۋەر، ئېچىۋېتىلگەن، يېڭىلىق يارىتىدىغان، ساغلام ۋە ئەركىن جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن، قارشىلىشىش ئەمەس، بەلكى ھەمكارلىشىش كېرەك.

تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«جۇڭگو» بىلەن تىركىشىش «ئامېرىكىنىڭ كېسىلى»نى داۋالىيالمايدۇ

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن يېقىندا پارلامېنتتا دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى بەرگەندە، ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدىكى خىزمەتنىڭ يارقىن نۇقتىسىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان چوڭ سايلامغا ۋەزىيەت